ھىمالايا تېغى

ھىمالايا تېغى

ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە ئۇزۇن سوزۇلغان تاغ، ئۇ غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ جۇڭگو-بىرما چېگرىسىغا قەدەر 2500 كىلومېتىر سوزۇلىدۇ.

نامى ھىمالايا تېغى
دېڭىز يۈزىدىن 7000-8000مىتىر ئېگىزلىكتە
ئاساسلىق چوققىسى جۇمولاڭما چوققىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 收藏33231023喜马拉雅山脉收藏33231023喜马拉雅山脉喜马拉雅山
ئۇزۇنلۇقى 2400كىلومىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىمالايا تاغ تيىزمىسىئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە ئۇزۇن سوزۇلغان تاغ، ئۇ غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ جۇڭگو-بىرما چېگرىسىغا قەدەر 2500 كىلومېتىر سوزۇلىدۇ. ئۇ جۇڭگو-شىزاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىنى، پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىنى، نېپال، بوتان، سىككىملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تاغ شىمالدا يالوزاڭبو دەريا ۋادىسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبى ھىندىستان چېگرىسىغا قەدەر 200-300 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئېگىز تاغ ھېسابلىنىدۇ. ھىمالايا تېغى جگنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچىسى، تاغ ئېتىكىدىكى پەس ئېدىرلىق بەلباغ. بۇ بەلباغ دېڭىز يۈزىدىن 700-1000 مېتىرغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، كىچىك ھىمالايا دەپ ئاتىلىدىغان قىسمى، بۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500-4000 مېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچىسى، چوڭ ھىمالايا قىسمى، بۇ ھىمالايا تېغىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بەلباغنىڭ كەڭلىكى 50-60 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھىمالايا تېغىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز(8848 مېتىر) جۇمۇلاڭما چوققىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادا ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئون تاغ چوققىسىنىڭ سەككىزى مۇشۇ تاغ رايونىغا جايلاشقان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#