چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى

چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى __ بۇ ئاساسەن ئۇيغۇر يېزا ياشلىرى كوللېكتىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىن تاشقىرى مەلۇم ئىجتىمائىي تۈسىمۇ بار.

نامى چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
تۈرى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرى كوللېكتىپ ئوينايدىغان ئويۇن تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى __ بۇ ئاساسەن ئۇيغۇر يېزا ياشلىرى كوللېكتىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىن تاشقىرى مەلۇم ئىجتىمائىي تۈسىمۇ بار. بۇ ئويۇندا بىر توپ ياشلار بىر تال موما ياغاچ، ياكى دەرەخنى نۇقتا قىلىپ، بىرسى ئۇنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغانلىرى بىرىنىڭ بېلىگە بىرسى گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ، بىر ئۇزۇن گىرەلەشمە سەپ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپ بىر ئادەمنىڭ چامغۇرلۇقى بولۇپ يەنە بىرەيلەن <خاننىڭ ئەلچىسى> بولىدۇ. ئەلچى سەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئاقساپ كېلىپ <چامغۇر ئىگىسىدىن>، <خاننىڭ قىزىنىڭ تويى بوپتىكەن. بىر باش چامغۇر بەرسۇن دەيدۇ> دەپ سورايدۇ. <چامغۇر ئىگىسى> بەرمەسلىكنىڭ تەرىپىنى قىلىپ <چامغۇر ئەمدى تكت قۇلاق بولدى، باش تارتقاندا كەلسىلە> دەيدۇ. <ئەلچى> ئاقسىغان پېتى قايتىپ كېتىپ، يەنە شۇ ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ ۋە بايىقى سۆزنى تەكرارلايدۇ. <چامغۇر ئىگىسى> ئىمكانقەدەر بەرمەسلىكنىڭ ئامالىنى قىلىپ يەنە قايتۇرۇۋېتىدۇ. كېلىپ-كېتىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن <چامغۇر ئىگىسى> <ئوتاپ، سۇلاپ ئۆزلىرى يۇلۇۋالسىلا> دەيدۇ. <ئەلچى> بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ سۇنۇپ ئولتۇرغان پۇتىنى تۇتۇپ قويۇپ: <ئۇتىدىم-سۇلىدىم، ئوتىدىم-سۇلىدىم> دەپ تەكرارلىغىنىچە ھەممە كىشىنىڭ پۇتىنى بىر قېتىمدىن تۇتۇپ سىلاپ چىقىدۇ. ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى ئادەمدىن (چامغۇر) دىن باشلاپ يۇلۇشقا باشلايدۇ. قۇچاقلىشىپ ئولتۇرغانلاردىن كىمنىڭ قولى ئاجىراپ كېتىپ <يۇلۇنۇپ> كەتسە شۇ كىشى ئاقساق ئەلچى بولۇپ، چامغۇر تىلەپ كېلىدۇ. باشقىلار يەنە <چامغۇر> يۇلىۋېرىدۇ. ئويۇن زېرىككىچە شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ."

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#