- شىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى ()
- شىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى ()
شىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى
1985-يىلى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1985-يىلى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، ئوقۇش مۇددىتى توشقان ھەمدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا مائارىپ كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇش تارىخىنى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ. مەكتەپ كەسپىي تېخنىكوم قاتلىمىدىكى ئەمەلىيەتچان ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى كەسپىلەرنىڭ تەربىيىلەش نىشانى ۋە دەرسلىك تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى تەشكىللىگەن. 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر قوللىنىشنى كېڭەيتىش رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ تەستىقى بىلەن رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيىلەش نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەستىقلايدۇ.
خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەسپىي دەرسلىكلەردىن كومپيۇتېر قوللىنىش، تاشقى سودا ئىنگلىز تىلى، تاشقى سودا رۇس تىلى، ھۈنەرۋەنچىلىك، گۈزەل-سەنئەت بېزەكچىلىكى، ئامانلىق قوغداش، ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار ئېچىلغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 3900 كۋادرات مېتىر، بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىغا ئىگە. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 3500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.