قۇمۇل كۆك مەشرىپى

قۇمۇل كۆك مەشرىپى

ئەمگەكچان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن سىرىتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۇرۇپ ، ئەنئەنە بىلەن قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ھەم يەرلىك تۈسكە ئىگە ، ھەم دۇنياۋىي روھقا ئىگە بولغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ، مۇشۇنداق رەڭدار مەدەنىيەت گۈلزارلىقىدا ، ئۆزىگە خاس رەڭ ۋە تۈس بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشپۇراق گۈل - قۇمۇل مەشرىپىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمۇل كۆك مەشرىپىئەمگەكچان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بىلەن سىرىتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۇرۇپ ، ئەنئەنە بىلەن قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ھەم يەرلىك تۈسكە ئىگە ، ھەم دۇنياۋىي روھقا ئىگە بولغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ، مۇشۇنداق رەڭدار مەدەنىيەت گۈلزارلىقىدا ، ئۆزىگە خاس رەڭ ۋە تۈس بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشپۇراق گۈل - قۇمۇل مەشرىپىدۇر، بۇ مەشرەپ تۇركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ، بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي ئەڭ مۈكەممەل ئۈلگىسى . 

بۇ مەشرەپ شەكلىنىڭ رەڭدارلىقى ، تىلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە روشەن ئوبرازچانلىقى بىلەن باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ . نۇرۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى باشقا مىللەت ۋە باشقا جايلاردا پەقەت نورۇز كۈنىلا ئۆتكۈزىلىدۇ . قۇمۇل دىيارىدا بولسا ، شەھەردىن يىزىلارغىچە ، بوستانلىقلاردىن تاغلىق رايۇنلارغىچە ، زاۋۇت كارخانىلاردىن مەرىپەت باغلىرىغىچە تۈنجى قاردىن باشلاپ نورۇز كۈنىگىچە كۆك مەشرىپى شەكلىدە داۋاملىشىدۇ .

بۇ مەشرەپتە گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىد ، ئىناق - ئىتتىپاقلىق ۋە گۈزەل ھاياتقا ئىنتىلىش ھەم ساغلام ئەدەپ - ئەخلاق ئىدىيەلىرى ئىنتايىن روشەن ، ھەم ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ .

بۇ مەشرەپ مول - ھوسول شادلىقى ئىچىدە يېڭى - يىلنى كۈتىۋىلىش ، قىشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ، يېڭى - يىلدا تېخىمۇ كۆپ مول -ھوسول ئېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا تىلەك تىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزىلىدۇ . تۇرمۇشنى گۈزەللەشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئارزۇ - ئۈمىد بىلەن گۈزەل ئەتىگە يېتەكلەش بۇ مەشرەپنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىدۇر .

« كۆك » كە چوقۇنۇش بىر خىل ئەڭ قەدىمكى ئېتىقاد شەكلى . كۆك رەڭنى ئۇلۇغلاش ھەم مۇقەددەس بىلىش شامان دىنى ئىتقادىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلغان چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى . 

ئەجداتلىرىمىز قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز قوينىغا ئالغان كۆك ئاسماننى بىرخىل ئىلاھى كۈچ دەپ قاراپ ، ئۇنى ئۇلۇغلىغان ھەم كۆكنى ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ مۇقەددەس تەڭرى ، ئۇ ھەممىگە قادىر ، ھەممىنى ياراتقۇچى دەپ چوقۇنغان ، شۇڭا كۆك رەڭ ئۇلارنىڭ ئېستىتىك دۇنياسىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتقان . 

ئۇلار كۆك رەڭنى« ئىلاھى رەڭ » ، « مۇقەدەس رەڭ » دەپ قاراپ ، كۆك رەڭ بىلەن باغلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەن ھەتتا ئۇنىڭغا چوقۇنغان ، تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ كۆك رەڭ مۇقەدەسلىكى ۋە كۆك رەڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسى شامان دىنىي ئېتقادىي دەۋرىدىن باشلانغان . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ ئېپوسلىرىدا قەھىرىمانلار دائىم « كۆك بۆرە » « كۆك جال » دېگەن سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ . « كۆك مەشرەپ » دەل كۆك رەڭ مۇقەددەسلىكىگە باغلىنىدىغان مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . 

ئۇلار بۇ مەشرەپكە كۆك رەڭنى بىرىش ۋە كۆك رەڭ بىلەن سۈپەتلەش ئارقىلىق ، بارلىق جانلىقلارنىڭ كۆكلىشىۋە گۈللەپ ياشنىشىنى كۆك تەڭرى بىلەن باغلىغان ھەمدە بۇ مەشرەپنىڭ نامىنى كۆك تەڭرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان .

كۆك مەشرىپ« كۆك مەشرەپ » نى ئۆتكۈزۈش كۈنى بىكىتىلگەندىن كېيىن ، قۇلۇم قوشنىلار مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ ، كۆك ئۆستۇرۇش ، دۇششەپ ياساش ، نان يېقىش ، توققۇزلۇق تەييارلاش قاتارلىق مەشرەپ تەييارلىقىنى بىرگە قىلىشىدۇ . 

كۆك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوخشىغان قاپاقنىڭ تېگى تەرىپىنى قاپاق شەكلىدە كېسىۋىلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە پاختا يېيېتىپ ئازىراق نەمدىگەندىن كېيىن ، كۆكنىڭ ياخشى ئۆسۈشى ۋە كىلەر يىللىق كۆكلەمنىڭ « كۆك خېنىم » دەك كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ ، مۇنداق كۆك تىلەك بېيىتىنى ئېيتىدۇ . 

كۆكلە ، كۆكلە كۆك خىنىم ، 

بويۇڭ كۆككە تاقاشسۇن .

بەخت ساڭا يار بولسۇن ، 

تاجۇ تەختىڭ ھۆر بولسۇن . 

بۇ بېيىت ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاياللار قاپاققا بىللە ئۇرۇق سالىدۇ . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم قامۇسى

http://yardam.com/baike/view/1746/

2.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/1747/

3.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/1749/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#