پېدىگەن دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پېدىگەن (خام دورا)
  2. پېدىگەن (ئۆسۈملۈك، كۆكتات)
خام دورا

پېدىگەن

پېدىگەن

پېدىگەن، پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پېدىگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سۆسۈن، مېۋىسى شارسىمان ياكى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە، بەزىلىرى ئاق ياكى سۇس يېشىل رەڭدىمۇ بولىدۇ، سىرتقى يۈزى پارقىرايدۇ. يىلتىزى، گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى پېدىگەن
پارسچە نامى Solanum melongena L.
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 茄子
تەمى سوزۇنچاق، يۇمىلاق
تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېدىگەن، پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پېدىگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سۆسۈن، مېۋىسى شارسىمان ياكى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە، بەزىلىرى ئاق ياكى سۇس يېشىل رەڭدىمۇ بولىدۇ، سىرتقى يۈزى پارقىرايدۇ. يىلتىزى، گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى قىروۋ چۈشكەندە كولىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق.

يەل ھەيدەش، سوغۇقنى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ يىلتىزى 12 ~ 30 گرام، چۆپى ۋە گۈلى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

20 گرام پېدىگەن يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پېدىگەن يىلتىزىدىن 200 گرام ئېلىپ 500 گرام ئاق ھاراققا ئۈچ كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 35 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پېدىگەن غولىدىن 250 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، يېنىك ئىششىق يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىروۋ چۈشكەندىن كېيىنكى ھۆل پېدىگەننى يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئاق سۆلە (سۈت قېتى) گە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل پېدىگەن گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ شىلىمدەك قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، بەدەن تەمرەتكىسى ۋە پاچاق تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#