سۈنئىي ئۇرۇق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنڭ ئېچىلىش، چاڭلىنىش، ئۇرۇقلىنىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان نەسىل قالدۇرۇش ۋاستىسى. بىراق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇرۇق ھەققىدىكى ئۇقۇم ئىنتايىن كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىكى ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاتلىقياڭيۇنىڭ يىلتىزى، ياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك غولى، شېكەر قومۇشنىڭ غول بوغۇمى، شال، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقلارنىڭ ئۇرۇقى (ئەمەلىيەتتە دېنى) قاتارلىقلار.
سۈنئىي ئۇرۇق يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ ئۇرۇقلارغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇ توقۇلمىلارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ غول، يوپۇرماق قاتارلىق ئەزالىرىنى قوزغىتىپ تۆرەلمىسىمان تەنچە ياكى بىخ ھاسىل قىلىپ، سىرتىنى بىر قەۋەت كوللوئىد بىلەن ئوراپ، ئاندىن ئۇنى خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش بىۋاستە تېرىشقا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.
مەسىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇلغان كەرەپشىنىڭ سۈنئىي ئۇرۇقىنى تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن مىكروپسىز شارائىتتا شالغۇتلاشتۇرۇلىدىغان كەرەپشە مايسىسىنىڭ يۇمران غولىنىڭ ياپىلاق كەسمىسىنى قوزغىتىپ، ئەسلىگە كەلگەنم توقۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى باشقا بىر خىل ئۆستۈرگۈچكە يۆتكەپ، پارچىلاندۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا كۆپ مىقداردىكى يېشىل يامبۇ شەكىللىك تۆرەلمىسىمان تەنچىلەر ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاندىن تۆرەلمىسىمان تەنچىلەرنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت كوللوئىد (يېلىم) سۈرتۈپ، دانە-دانە كوللوئىدلىق كۇمىلاچ ئۇرۇق ياسىلىدۇ. سۈنئىي ئورۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كوللوئىد ئىچىگە كېرەكلىك مىكرو جانلىقلار، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى ياكى باشقا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قوشۇش لازىم. كوللوئىدقا ئىسسىق ئۆتكەندىن كېيىن ئاسانلا ئىچىدىكى تەنچىگە يەملىشىۋالىدىغانلىقتىن، كوللوئىدلىق كۇمىلاچنىڭ سىرتىغا يەنە يەملىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قەۋەت «ئۇرۇق پوستى» ئوراش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇلغان بىر تال سۈنئىي كەرەپشە ئۇرۇقى تەييار بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.