تېرېشكوۋا

ۋاليېنتىنا تېرېشكوۋا

 ۋاليېنتىنا تېرېشكوۋا دۇنيادىكى تۈنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى. ئۇ 1963-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى « شەرىق _ » VI ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىدا سەپ تۈزۈپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تېرېشكوۋا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1937 -يىلى
باشقا نامى ۋاليېنتىنا تېرېشكوۋا
كەسپى ئالەم ئۇچقۇچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ۋاليېنتىنا تېرېشكوۋا دۇنيادىكى تۈنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى. ئۇ 1963-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، « شەرىق _ » VI ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىدا سەپ تۈزۈپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، ئۈچ كىچە-كۈندۇز ئۇچۇپ، يەر شارىنى 48 قىتىم ئايلانغان، ئۇچۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 2 مىليۇن كىلومېتىرغا يەتكەن، بىيومېدىتسىنا ۋە پەن-تېخنىكىلىق كۆزىتىش پىلانلىرىنى ئورۇنلىغان ھەمدە 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەر شارىغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن.

تېرېشكوۋا 1937 -يىلى  تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا بوشلۇقتا ئۇچۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن مەكتەپكە بىرىپ ئۆگىنىش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋىئاتىسىيە كولۇبىنىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش پائالىيىتىگە قاتنىشقان. 1962-يىلى قاتتىق تاللاشلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قاتارىغا كىرگەن. روسىيە ھۆكىمىتى ئۇنىڭ دۇنيا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەغدىرلەش ئۈچۈن لېنىن ئوردىنى ۋە چايكوۋىسكى مېدالىنى بەرگەن.

خەلىقئارا ئاۋىئاتسىيە بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا « كائىنات » ئالتۇن قالقان مىدالىنى بەردى. خەلىقئارا ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇنى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىغان. ئاسترونومىيە ساھەسىدىكىلەر ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ھالقىسىمان تاغنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.

تېرېشكوۋا 1963-يىلى 8-ئايدا يەنە ئالەم ئۇچقۇچىسى نېكولايىف بىلەن توي قىلىپ، دۇنيادىكى تۈنجى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئائىلىسىنى قۇرغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#