ئاق پەتەك يۇلتۇز

ئاق پەتەك يۇلتۇز

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭكىدەك يېشى(ئۆمرى) بولىدۇ. ئاسترونوملار تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ياشلىق مەزگىلى، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى ۋە قېرىلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىيدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇز قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بىر تۈرلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق پەتەك يۇلتۇز
تەۋەلىكى تۇرغۇن يۇلتۇز
ئالاھىدىلىكى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ ، ھەجمى بىر قەدەر پاكار
ماھىيەت يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ، يۇقىرى زىچلىق , يۇقىرى تېمپېراتۇرا
سىرتقى تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ‫100,000‮ K
خەنزۇچە نامى 白矮星
ئىنگلىزچە نامى White dwarf
زىچلىقى 1/10—10t/cm3
يۇرۇقلىقى 240000000cd/m 2

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق پەتەك يۇلتۇز دەپ ئاتىلىشى

ئاق پەتەك يۇلتۇزئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ھەجىمى كىچىك، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، زىچلىقى زور. ماسسىسى قۇياشتىن پەرقلەنمەيدىغان بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ «بويى» ئاران يەر شارىنىڭكىچىلىك كېلىدۇ. بويىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭ زىچلىقىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭدىكى سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىڭ سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئاق نۇر چىقىرىدۇ. ھەم «ئاق» ھەم «پەتەك» دېيىش بۇ خىل يۇلتۇزنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ پەتەكلەر بار، ئۇلارنىڭ قامىتى ئادەتتە يەر شارىنىڭكىدىن كىچىك، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاي شارىنىڭكىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خۇددى قارا رەڭلىك بىر پارچە تۆمۈر قىزىغاندا ئاقۇش نۇر چىقارغىنىدەك، رەڭگى ئاقۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى ئاق پەتەك يۇلتۇزلار دەپ ئاتىشىدۇ.

ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىقى

   ئاق پەتەك يۇلتۇزلار گەرچە «پەتەك» بولسىمۇ، لېكىن ئېغىرلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىقى قۇياشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ. ئادەتتە ئاق پەتەك يۇلتۇزلار يەر شارىدىن نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە، ھەتتا نەچچە مىليون ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. سىرىئۇسنىڭ يۇلتۇزىنىڭ بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇز ھەمراھى بار بولۇپ، دىيامېتىرى يەر شارى دىيامېتىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ئەمما ئېغىرلىقى يەر شارى ئېغىرلىقىنىڭ300 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سەرەڭگە قېپىچىلىك بىر دانە «كىچىك تاش» نىڭ ئېغىرلىقىلا بەش توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ زىچلىقى ئەنە شۇنداق چوڭ، چۈنكى ئۇ ئالاھىدە ماتېرىياللاردىن تەركىب تاپقان.

ئاق پەتەك يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ماسسىسى 1.44 قۇياش ماسسىسىدىن كىچىك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا بىر قەدەر تىنچ قۇرۇلۇش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ماسسىسى چوڭراق تۇرغۇن يۇلتۇزلار بولسا ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشى يۈز بېرىپ، نېيترون يۇلتۇزغا ياكى قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاق پەتەك يۇلتۇز يەنە قۇياشنىڭمۇ ئاقىۋىتىدۇر. تۇرغۇن يۇلتۇز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو رېئاكسىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن توختايدۇ، گەۋدىسىمۇ سوۋۇشقا باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈنمەيدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.

ئاق پەتەك يۇلتۇز    بىزگە مەلۇمكى، ماددىلار ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاتومنىڭ ئۆزى بىر ئىچى كاۋاك ھاۋا شارىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ماسسىسى ئومۇمەن پۈتكۈل ئاتوم ھەجىمىنىڭ ئون كۋادرىللىئوندىن بىر ئۈلۈش چوڭ-كىچىكلىكىدە كېلىدىغان ئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن. ئاتوم خۇددى بىر تۆمۈر توخۇمچىسىنى ئوراپ تۇرغان چوڭ ھاۋا شارىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ماددىلاردا سانسىزلىغان ئاتوم يادرولىرى بىر يەرگە غۇژمەك يىغىلغان بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار ناھايىتى چوڭ بوشلۇق تاشلاپ، تارقاق جايلاشقان بولىدۇ. لېكىن، ئاق پەتەك يۇلتۇزىغا ئوخشاش بۇنداق ئالاھىدە يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بېسىم مەۋجۇت بولۇپ، ئاتومنىڭ تاشقى پوستى قاپسىلىپ يېرىلىپ كېتىلگەن بولىدۇ، ئاتوم يادروسى بىلەن يادرو ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ئاتوملار بىر كاللەك بولۇپ ئۇيۇشقان، ئاتوم يادرولىرى تارقاق ھالەتتە جايلاشماستىن، بەلكى ناھايىتى زىچ تىزىلغان بولىدۇ. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى پۈتكۈل يۇلتۇزنىڭ ھەجىمى زور دەرىجىدە قورۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېغىرلىقى كىچىكلىمىگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ زىچلىقى ئۆزگىرىپ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، ئاق پەتەك يۇلتۇز چوڭ بولالماي يىگىلەپ قالغان يۇلتۇز بولماستىن، بەلكى «پىرېسلانغان» يۇلتۇزدۇر.

   ئاق پەتەك يۇلتۇزلار تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ياشانغان باسقۇچقا قەدەم قويغان چاغدا ئاندىن ھاسىل بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىر قاتار يادرو رېئاكسىيەسى توختىغاندىن كېيىن ياكى ئاخىرقى باسقۇچقا يېقىنلاشقان چاغدا، يۇلتۇزنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى ماددىلار مەركەزنىڭ تارتىشىش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قورۇلىدۇ، تارتىشىش كۈچى بىلەن تەڭلەشكەندە، ئاندىن قورۇلۇش توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاق پەتەك يۇلتۇز ئاپىرىدە بولىدۇ. قورۇلۇش داۋامىدا قويۇپ بېرىلگەن ناھايىتى زور ئېنېرگىيە ئاق پەتەك يۇلتۇزنى ئاقارتىپ ھەم قىزدۇرۇپ، سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى بولغاندا10 مىڭ سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مانا بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئاق نۇر چېچىشىنىڭ سەۋەبى. كېيىن تۆمۈر ئېرىتمىسى قېتىشىپ كاللەك ھالەتكە كەلگەنگە ئوخشاش ئاق پەتەك يۇلتۇزمۇ تەدرىجىي سوۋۇپ، تۇتۇقلىشىپ، ئەڭ ئاخىر ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك، زىچلىقى تېخىمۇ چوڭ، ئۆزىدىن تامامەن نۇر تارقىتالمايدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.

ئەڭ دەسلەپ بايقالغان ئاق پەتەك يۇلتۇز سىرىئۇس(ئاسمان بۆرىسى) نىڭ جورا يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. كېيىن يەنە 1000 دىن ئارتۇق ئاق پەتەك يۇلتۇز بايقالدى. سامانيولى سىستېمىسىدا يەنە نۇرغۇن ئاق پەتەك يۇلتۇز مەۋجۇت بولۇشى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ «بويى» بەك كىچىك بولغاچقا، ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاق پەتەك يۇلتۇز 

http://www.alimkerim.com/?p=476

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئاق پەتەك يۇلتۇز

http://www.alimkerim.com/?p=476

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    57.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    28.6%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    14.3%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#