ۋىتامىن

ۋىتامىن

ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۈندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان 3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ۋىتامىن(ئىنگىلىس تىلىدىن كىرگەن)
ئىنگىلىسچە vitamin
خەنزۇچە 维生素
بايقالغان ۋاقتى 19-ئەسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىتامىنۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۈندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان 3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا ئىرىشەلمىگەندە ۋە ياكى بەدەندە مەلۇم  خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولغاندا، ئادەم بەدىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن نورمالدىن يۇقۇرى بولغاندا ۋە ياكى بىز ئىستىمال قىلغان ۋىتامىن بەدەننىڭ ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئورگانلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە بەزى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىننىڭ بەدەندىكى مۇھىملىقىنى قارغۇلارچە قوغلۇشۇپ، ئۇلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋىلىش، ئوخشاشلا خەتەرلىك. ئەڭ مۇھىمى ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋىتامىندىن زەھەرلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش كىرەك.

ئادەتتە دىيىلىۋاتقان ۋىتامىنلار يەنى كوپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە مۇھىم بولغان ۋىتامىنلار 13خىل ۋىتامىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B3، ۋىتامىن B5، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B7، ۋىتامىن B9، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن K دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D بولسا ۋىتامىن D1، ۋىتامىن D2، ۋىتامىن D3، ۋىتامىن D4 ۋە ۋىتامىن D5 دىن ئىبارەت 5 خىل ۋىتامىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن K بولسا ۋىتامىن K1 ۋە ۋىتامىن K2 دىن ئىبارەت 2 خىل ۋىتامىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىندىن باشقا يەنە ۋىتامىن B8، ۋىتامىن F، ۋىتامىن G، ۋىتامىن H، ۋىتامىن J، ۋىتامىن L1، ۋىتامىن L2، ۋىتامىن M، ۋىتامىن O، ۋىتامىن P، ۋىتامىن PP، ۋىتامىن S ۋە ۋىتامىن U دىگەندەك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان، يەنى ۋىتامىن دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىن كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزۇلىۋىتىلگەن. مەسىلەن: ۋىتامىن G ۋە ۋىتامىن J، ھازىر ۋىتامىن B2 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن H بولسا ۋىتامىن B7 گە قوشۇۋىتىلگەن،  ۋىتامىن M بولسا ۋىتامىن B9 گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن PP بولسا ۋىتامىن B3 گە قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋىتامىن P نىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان. ۋىتامىن L1 نىڭ بەدەندە مۇھىم ئەمەسلىكى بايقالغان.

ئادەتتە بەدىنىمز ئىھتىياجلىق بولغان  ۋىتامىن مىقدارى ئاز  بولۇپ، بەزى ۋىتامىنلار بەدىنىمىزدە مەلۇم مىقداردا مەلۇم مەزگىل ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ تۇرىۋاتقان بارلىق يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار، شۇڭا نورمالدا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

بىزنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئوخشاش بولمايدۇ،  ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاختى ۋ ەمىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىمىز بەزى ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك مىقداردا خىلى ئۇزۇن زامان ساقلىيالايدۇ، بۇنداق ۋىتامىنلارنى بىز بىر مەزگىل ئىستىمال قىلمىساقمۇ، ئاسانلىقچە كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.   مەسىلەن، ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب12 ۋە ۋىتامىن د قاتارلىق ۋىتامىنلار بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە يىتەرلىك مىقداردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ۋىتامىنلارنى بىر نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. يەنە بەزى ۋىتامىنلار بەدەندە كۆپ مىقتاردا ساقلانمايدۇ، ئەگەر بىز بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلارغا ئۈزلۈكسىز ئىرىشىپ تۇرمىساق، بىر ئىككى ئايدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.

ۋىتامىن كەملىكنىڭ سەۋەبى

1.     ئۇزۇن مۇددەت تاماق يىمىگەن كىشىلەردە، يەنى يىتەرلىك يىمەكلىك بولماسلىق، ئاچلىق ئىلان قىلىش ۋە ياكى كىسەللىك تۈپەيلىدىن يىتەرلىك ئوزۇقلىنالمىغان كىشىلەردە.

2.     تاماقنى تاللاپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنى ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ تۈرى ناھايتى چەكلىك بولغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردە.

3.     ئۈچەيدە مەۋجۇت بولغان مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن، بەدەن يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى ئۈنۈملۇك قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.

4.     مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مىسالەن داۋاملىق ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە ياكى بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن، بەدەننىڭ ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرغان ئەھۋال ئاستىدا.

5.     مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن بەدەن مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنلارنى يوقۇتۇش، ۋە ئۆز  ۋاختىدا تولۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن.

ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى

1.     ۋىتامىن ئا كەم بولغاندا كۆزنىڭ كۆرۇشى قۇۋىتى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىدە كورمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2.     ۋىتامىن B1  كەم بولغاندا بەرىبەرى (脚气病) دەپ ئاتالغان بىر خىل كىسەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

3.     ۋىتامىن B2  كەم بولغاندا تىل ياللۇغى، ئىغىز بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.     ۋىتامىن B3  كەم بولغاندا تىرە زەخمىلىنىش، تىرە چۈشۈپ كىتىش قاتارلىق بىر خىل تىرەك كىسىلى (糙皮病) نى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

5.     ۋىتامىن B5  كەم بولغاندا پەرىسسىزىيا دەپ ئاتالغان تىرە سەزگۇرلىگى ئىشىپ كىتىش كىسەللىگىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىرە كۆيگەندەك، قىچىشقاندەك، يىڭنە سانجىغاندەك ھەر خىل غەيرى تۇيغا ۋە سىزىملار بولىدۇ.

6.     ۋىتامىن B6  كەم بولغاندا قان كەملىك، نىرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.

7.     ۋىتامىن B7  كەم بولغاندا تىرە ياللۇغى، ئۇچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

8.     ۋىتامىن B9  كەم بولغاندا قان كەملىك پەيدا قىلىدۇ. ھامىلە بولغان ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بالىسدا بەزى تۇغما كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

9.     ۋىتامىن B12  كەم بولغاندا قان كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

10.   ۋىتامىن C  كەم بولغاندا تىرە، چىش ۋە ئىغىز بوشلۇقى قاناش ئاساسلىق كىسەل ئالامەتى بولغان (坏血病) كىسەلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

11.   ۋىتامىن D  كەم بولغاندا سوڭەك يۇمشاپ قىلىش (软骨病، 佝偻病) كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

12.   ۋىتامىن E كەم بولغاندا يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا قان كەملىك كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەرلەردە تۇغماسلىق، ئاياللاردا بالىسى ئاسان چۇشۇپ كىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

13.   ۋىتامىن K كەم بولغاندا بەدەن ئاسانلا  قانايدىغان يەنى تىرە ۋە ئىچكى ئەزالاردىن ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ۋىتامىن كەملىكتىن ساقلىنىش

بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال  قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار يىتەرلىك بار  بولۇپ، ئوخشاش يىمەكلىكتە ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار  بولىدۇ، ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەردىكى ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋىتامىنلار كوكتاتلار تەركىۋىدە كۆپ بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گۆش تەركىۋىدە مول. بەزى ۋىتامىنلار يەل-يەمىشلەر تەركىۋىدە مول بولسا، يەنە بەزىلەر گۇرۇچ، بۇغداي ۋە قوناق تەركىۋىدە مول. شۇڭا بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى يەنى ھەر خىل سەي كۆكتات، يەليىمىش، گۇرۇچ، ئۇن تاماقلىرىنى، گوش ۋە بىلىقلارنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، نورمالدا ۋىتامىن كەملىكتىن تامامەن ساقلىنالايمىز.

ۋىتامىنۋىتامىن ئىشىپ كىتىش سەۋەبلىك ۋىتامىندىن زەھەرلىنىدۇ.

نورمالدا ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش يەنى بەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىش ئەھۋالى ۋىتامىن كەملىكتەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ، بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا بەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىپ، ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.

1.     ۋىتامىن A بىلەن زەھەرلەنگەندە سۆڭەك سەۋەپسىز يۇمشىۋىلىش، ئاغرىش، ئىشىۋىلىش، كۆزى غۇۋالىشىش، بىشى قىيىش، بىشى ئاغرىش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئىلىشىش، قاندىكى كالتسى ئىشىپ كىتىش، جىگگەر زەخمىنىلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.     ۋىتامىن B1 بىلەن زەھەرلەنگەندە مۇسكۇل بوشۇشۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

3.     ۋىتامىن B3 بىلەن زەھەلەنگەندە جىگگەر زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.

4.    ۋىتامىن B5 بىلەن زەھەرلەنگەندە ئىچى سۈرۇش، كۆڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسۇشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

5.     ۋىتامىن B6 بىلەن زەھەرلەنگەندە نىرۋا زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.

6.     ۋىتامىن B12 بىلەن زەھەرلەنگەندە داناخوررەككە ئوخشاش تىرە كىسەللىگىنى پەيدا قىلىدۇ.

7.     ۋىتامىنD بىلەن زەھەرلەنگەندە بەدەن سۇسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، ھارغىنلىق ھىس قىلىش، ئىچى قىتىۋىلىش، مۇسكۇل ئاجىزلىقى، كالتسى بىلەن زەھەرلىنىش ۋە نۇرغۇن ئورگانلاردا تاش پەيدا بولۇشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

8.     ۋىتامىن E بىلەن زەھەرلەنگەندە بەدەن ئاسان قاناش، ۋىتامىن K نىڭ ئۇنىمى توۋەنلەش، قاندىكى ماي تەركىۋى يۇقۇرلاش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

9.     ۋىتامىن K بىلەن زەھەرلەنگەندە  قان ئاسان ئۇيىشىۋىلىشنى كەلتۇرپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن1.     ۋىتامىن A1 بارلىق سىرىق رەڭلىك يەلمىشلەردە، بارلىق يوپۇرماقلىق كوكتاتلاردا، سەۋزىدە، كاۋىدا، سۈتتە، بىلىقتا، جىگەر قاتارلىقلار تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

2.     ۋىتامىن B1 بارلىق كوكتاتلاردا، جىگەر، تۇخۇم، گۇرۇچ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

3.     ۋىتامىن B2 باناندا، قوناقتا، پۇرچاقتا، لۇسۇن (芦笋) تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.

4.     ۋىتامىن B3 گۆش، بىلىق، تۇخۇم، كوپۇنچە كوكتاتلار، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

5.     ۋىتامىن B5 گۆش، بىرروكىلى(椰菜)، ئاۋوكادو (鳄梨) تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

6.     ۋىتامىن B6 گۆش، كۆكتات، بانان تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

7.     ۋىتامىن B7 خام تۇخۇمدا، جىگەردە، خۇئاسىڭ (花生)، بارلىق يوپۇرماقلىق يىشىل كۆكتات تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

8.     ۋىتامىن B9 بارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتات، بۇغداي ئۇنى، جىگەر تەركىۋىدە كوپ بولىدۇ.

9.     ۋىتامىن B12 گۆش ۋە بارلىق ھايۋان مەسۇلاتلىرىدا كۆپ بولىدۇ.

10.   ۋىتامىن C مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەلىمىش بولۇپمۇ ئاچىق چۈچۈك يەلىمىش، كۆكتات، جىگەر تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

11.   ۋىتامىن D بىلىق، تۇخۇم، جىگەر، موگۇ (蘑菇) تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

12.   ۋىتامىن E مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەلىمىش، كۆكتات، ياڭاق، مىغىز، ئۇرۇق تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

13.   ۋىتامىن K يوپۇرماقلىق يىشىل كۆكتات، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، جىگەر تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

ئەسكەرىش: جىگەر تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى كۆپ بولسىمۇ، بىراق جىگەرنى ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىك قىلماسلىقىمىز كىرەك. چۈنكى جىگەر تەركىۋىدە يالغۇز  ھەر خىل ۋىتامىنلار كوپ بولۇپلا  قالماستىن بەلكى يۇقۇرى مىقداردا كولەستىرول ماددىسى بولۇپ، جىگەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئىشىپ، يۇقۇرى قان بىسىمى، يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇر  كىسىلىگە گىرىپتار  بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.

ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلساق، يەنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆكتات ۋە يەلىمىشلەر كەم بولمىسا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

ئەگەر بىزدە يۇقۇردا دەپ ئوتكەن ۋىتامىن كەملىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار  بولمىسا، ۋىتامىن دورىلىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئىھتىياجى يوق.

ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش

بىز پەقەتلا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق

1.     ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىققاندا؛

2.     مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلالمىغاندا ۋە ياكى ئىستىمال قىلىش شاراھىتىمىز بولمىغاندا؛

3.     گەرچە ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، بىراق مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن، ئاشقازان ۋە ئۇچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرغاندا.

4.     بىز مەلۇم خىلدىكى كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى ۋىتامىننىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەندە؛

5.     يىمەكلىك ئادىتىمىز تۈپەيلىدىن يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇش جەريانىدا يىمەكلىك تەركىۋىدىكى خەر خىل ۋىتامىنلار ۋەيران قىلىۋىتىلگەندە.

6.      يىمەك ئىچمىكىدە بولۇپمۇ ئىچىدىغان سۈت ۋە بوۋاق يىمەكلىكىدە يىتەرلىك ۋىتامىن بولمىغان ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار.

7.     ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياشانغان كىشىلەر.

ۋىتامىن دورىلىرىنى تاللاش

مەن دەسلەپتە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك بىز  ۋىتامىننى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلساق ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن قانچە كوپ بولسا سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىق دىگەن گەپ يوق.  ھەم ۋىتامىن قۇۋەت قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئەمەس. بىز  پەقەت ۋە پەقەتلا  بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنغا ئىرىشسەكلا  كۇپايە.  ئەڭ ياخشى سۇپەتلىك ۋىتامىن تەبىئى يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، بىز ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ سۈپەتلىك ۋىتامىنلارغا  ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش زۆرۈر بولغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق دورا شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغان ۋىتامىنلارنى تالاش كىرەك. ۋىتامىن گەرچە كىلىش مەنبەسى مول، تەننەرقى ئەرزان دورا بولسىمۇ، بىراق سۈپەت جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلغىنىمىزدا، يالغۇز كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتەلمەي قالماستىن بەلكى بەدىنىمزگە زىيان سالىدىغان ئىش يۈز  بىرىشى مۇمكىن. ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنىمى دىگەندە بىز يالغۇز ئۇنىڭ بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى تولۇقلىيالىشىغىلا  ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەدەنگە ئىلىپ كەلگەن ئەكىس تەسىرىنىڭ ناھايتى تۆۋەن ۋە ياكى ئاساسەن يوق بولۇشىغىمۇ  قارىشىمىز  كىرەك. چۈنكى سۇپىتى ياخشى بولمىغان ۋىتامىن دورىلىرى تەركىۋىدە بىزگە كىرەكلىك بولغان ۋىتامىن ماددىلىرىدىن باشقا، بىز ئىھتىياجلىق بولمىغان قالدۇق ماددىلارمۇ  بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ تەركىۋى قانچە يۇقۇرى بولسا، يەنى ۋىتامىن دورىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قانچە تۆۋەن بولسا، بەدىنىمزدىكى بۇ دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جىگگەر ۋە بورەكنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، بەدىنىمىزگە بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە 

http://izdinix.com/portal.php?mod=view&aid=573

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

http://izdinix.com/portal.php?mod=view&aid=573

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#