چىۋىن ۋە ئالەم كېمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەمنى بىزار قىلىدىغان چىۋىننىڭ ئالەمگە ئۇچۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلسىمۇ، لېكىن بىئونىكا ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى.

چىۋىن نام-ئابرۇيسىز «يىرگىنىچلىك نەرسە» بولۇپ، سېسىق ھەم پاسكىنا جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما، چىۋىننىڭ پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر بولۇپ، بىرقانچە كىلومېتر يىراقتىكى ھىدنىمۇ پۇرىيالايدۇ. لېكىن، چىۋىندە «بۇرۇن» بولمايدۇ، ئۇنداقتا ئۇ نېمىگە تايىنىپ پۇراقلارنى پۇرايدۇ؟

ئەسلىدە، چىۋىننىڭ «بۇرنى» ، يەنى پۇراش رېتسېپتورى باش قىسمىدىكى بىر جۈپ ئانتېننىسىغا جايلاشقان، ھەربىر «بۇرۇن» دا سىرت بىلەن تۇتاشقان بىردىن «بۇرۇن» تۆشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن پۇراش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئەگەر پۇراق «بۇرۇن تۆشۈكى» گە كىرسىلا بۇ ھۈجەيرىلەر پۇراقنىڭ غىدىقلىشىنى دەرھال نېرۋا ئېلېكتر ئېمپۇلسىغا ئايلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭىسىگە يوللاپ بېرىدۇ. چوڭ مېڭىسى بولسا ئوخشاش بولمىغان پۇراقتىكى ماددىلار پەيدا قىلغان ئوخشاش بولمىغان نېرۋا ئېلېكتر ئېمپۇلسىغا ئاساسەن، بۇ ئوخشاش بولمىغان پۇراقتىكى ماددىلارنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىدۇ. شۇڭا، چىۋىننىڭ ئانتېننىسى خۇددى بىر ئۆتكۈر گاز ئانالىز ئەسۋابىغىلا ئوخشايدۇ.

بىئونىكا ئالىملىرى بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، چىۋىننىڭ پۇراش سېزىمى ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن، بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە گاز ئانالىز ئەسۋابىنى تەقلىدىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان. بۇ خىل ئەسۋابنىڭ «ئىزدەش بېشى» مېتال بولماستىن، بەلكى تىرىك چىۋىندۇر. بۇنىڭدا چىۋىننىڭ پۇراش نېرۋىسىغا ئىنتايىن ئىنچىكلىتىلگەن بىر تال مىكرو ئېلېكترود سانجىلىپ، ئۇنىڭدىن چىقىرىلغان نېرۋا ئېلېكتر سىگنالى ئېلېكترون زەنجىردە چوڭايىتىلغاندىن كېيىن، ئانالىز ئەسۋابىغا يوللاپ بېرىلىدۇ؛ ئانالىز ئەسۋابى پۇراقلىق ماددىنىڭ سىگنالىنى بايقىغان ھامان ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بۇ خىل ئەسۋاب ئالەم كېمىسىدىكى ئۇچقۇچى كابىنىسىغا ئورنىتىلىپ، كابىنا ئىچىدىكى گازنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە ئىشلىتىلمەكتە.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#