لىسبون
پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ بىرىنچى چوڭ پورتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لىسبون شەھىرىنىڭ ئاساسىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرى فىنگىيە خەلقلىرى سالغان. 1245-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى بولغان. 1755-يىلى چوڭ يەر تەۋرەش بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.
لىسبون پورتۇگالىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى، ئۇ ئۆزىنىڭ خىمىيە سانائىتى، نېفىت ئايرىش سانائىتى، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى بىلەن پورتۇگالىيىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لىسبون پورتۇگالىيە بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ئاتاقلىق پورتلارنىڭ بىرى. پورتۇگالىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، پورتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ، شەھەر يېنىدىكى تاخو دەرياسىغا ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاسما كۆۋرۈك(ئۇزۇنلۇقى 1013 مېتىر) سېلىنغان بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. لىسبون پورتى ئارقىلىق سىرتقا ئۈزۈم ھارىقى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، پروپكا ياغىچى، ساردىن بېلىق كونسېرۋاسى قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سىرتتىن سانائەت خام ئەشياسى ئىمپورت قىلىنىدۇ. لىسوننىڭ قاتناش-ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدا يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1959-يىلى قۇرۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.