نىئوس كۆلى

نىئوس كۆلى

كامېرون نىئوس كۆلىنىڭ ( Lake ) يانار تاغ كۆلى دىيىلدىغان نامىمۇ بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1091 مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى  تەخمىنەن 200 مېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى نىئوس كۆلى
چەتئەلچە نامى Lake Nyos
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1091 مېتىر
خەنزۇچە نامى 尼奥斯湖
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئافرىقا قىتئەسى كامېرون شىمالىي قىسمىدىكى
سۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 200 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىئوس كۆلىكامېرون نىئوس كۆلىنىڭ ( Lake ) يانار تاغ كۆلى دىيىلدىغان نامىمۇ بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1091 مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى  تەخمىنەن 200 مېتىر، نىئوس كۆلىنىڭ سۈيى قېنىق كۆك رەڭدە بولۇپ ،ئەتراپىدا قېنىق يېشىل ئوت -چۆپلەر ئۆسكەن ، قۇشلار سايرىشىپ ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئېرىش نەچچە مىليارد توننا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد ھەمدە قويۇقلۇق دەرىجىسى يەنىلا يۇقىرى بۇلۇپ، ھەر ۋاقىت پارتلاش تەھدىت بار ، شۇڭا ئۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى خاس ئۈچ چوڭ قاتىل كۆلنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان.  

نىئوس كۆلىكامېروندىكى نىئوس كۆلىنىڭ سۈيى قېنىق كۆك رەڭدە بولۇپ ،ئەتراپىدا قېنىق يېشىل ئوت -چۆپلەر ئۆسكەن ،قۇشلار سايرىشىپ ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ . جىلغىدىكى كەنىتلەر نەچچە يۇز يىللاردىن بۇيان نىئوس كۆلىنىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمان بولۇپ ، دېھقانچىلىق قىلىپ ، تنىچ سەھرا تۇرمۇشىدىن مەمنۇن بولۇپ ۋە قانائەت ھاسىل قىلىپ كېلىۋاتقانىدى . ئەمەلىيەتتە بالا-قازا ئۇلارنىڭ يېنىدىلا ئىدى .

1986-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ، نىئوس كۆلى ئاسمىنىدا گۈلدۈرلىگەن گۈلدۈر ماما ئاۋازى كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتكەن ، ئەرۋاھقا ئوخشاش سىلىندىر شەكىللىك بىر توپ ھور نىئوس كۆلىدىن كۈچلۈك ھالدا ئېتىلىپ چىققان ،پۈتكۈل كۆل يۈزى قاينىغان سۇدەك پۇراقلاپ قايناشقا باشلىغان ، غايەت زور ھول دولقۇنى قىرغاققا ئۇرۇلغان ، ئاندىن بىر توپ تۇمان كۆلدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ، جىلغىدىكى كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلغان ، تۇرۇپلا ھەممە ئاۋازلار يوقىلىپ جىمىپ كەتكەن .

ھەش -پەش دېگۈچە ئىلگىرىكى تەڭداشسىز سۈپسۈزۈك نىئوس كۆلى قان بىلەن بوياپ قويغاندەك ، قېنىق قىزىل تۈسكە كىرگەن ،كۆل يۈزىدە ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان توپ -توپ تومانلار لەيلەپ يۈرگەن ، كۆل بويىدىكى ياپيېشىل ئوت -چۆپلەر سولىشىپ سارغىيىپ كەتكەن ،ھەممىلا يەرنى ئۆلگەن چارۋىلار ، قۇشلا ر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلىكى قاپلىغان .جىلغىدىكى كەنتلەردە قورقۇنچلۇق جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ، ئۆيلەر ،ئېغىل- قوتانلار ساپمۇساق ، ئەمما ھېچقانداق جانلىق قالمىغان . ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ، كۆزگە چېلىققىنى چىراي-تۇرقى بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەن ئۆلۈكلەر ، چۆچۈپ داڭ قېىتىپ قالغان كۆزلەر ، ئېگىلگەن قول بارماقلىرى ، بۇ ئورۇندا ئۇيۇپ قالغان قاندىن ئىبارەت بولغان ،ئۇلارنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نېمە ئىشلار نى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت بۇ جەننەتنى دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ قويغان . 2000 چە ئادەم ۋە 6000 نەچچە تۇياق چارۋا مال ئۆلگەن ، جامۇنىئۇن كەنتىدىكى 650 ئاھالىدىن ئاران 6 ئادەملا ئامان قالغان .

بەزى ئالىملار . قەدىمىي كۆل تېگىدىكى يانار تاغ غەزەپلىنىپ ، كۆپ مىقداردا زەھەرلىك گاز پۈركۈپ چىقارغان دەپ پەرەز قىلغان . ئەمما بۇ خىل قاراشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات يوق . نىئوس كۆلى كەنتىتتىكى كىشىلەرگە پۈتمەس خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان ھەم ئاخىرى ئۇلارنىڭ جېنىنى يۇتۇپ كەتكەن . 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، نىئۇس كۆلى يەنە جىمجىت ھالدا پامېتا ئېگىزلىكىدە خاتىرجەم ياتىدۇ . لېكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان <<قاتىللىق>> نى قايتا يۈزبەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/480/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#