بالىياتقۇ مونچاق گۆشى

بالىياتقۇ مونچاق گۆشى

بالىياتقۇ مونچاق گۆشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى ۋە بالىياتقۇ بوينىدىكى بەزلەرنىڭ ئىچكى پەردە يۈزىدىن پۇلتىيىپ چىقىشىدىن كلىنكىدا بالىياتقۇ قىچىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، جىنسىي يولدىن ئاقۇش سۇيۇقلۇق ئېقىش، سۇيۇقلۇق كۆيدۈرگەندەك ئېچىشتۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ مونچاق گۆشى
خەنزۇچە نامى 子宫息肉
ئىنگىلىزچە نامى uterinepolyp,metropolypus
جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ مونچاق گۆشى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ مونچاق گۆشىبالىياتقۇ مونچاق گۆشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى ۋە بالىياتقۇ بوينىدىكى بەزلەرنىڭ ئىچكى پەردە يۈزىدىن پۇلتىيىپ چىقىشىدىن كلىنكىدا بالىياتقۇ قىچىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، جىنسىي يولدىن ئاقۇش سۇيۇقلۇق ئېقىش، سۇيۇقلۇق كۆيدۈرگەندەك ئېچىشتۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ ئۇيغۇر تېبابېتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «بۇسۇرى رەھىم» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ھەققىدە «شەرھى ئەسباب» ناملىق ئەسەردە: «بالىياتقۇنىڭ قاتلام ئىچكى يۈزىدە ياكى مەلۇم قىسمىدا، خۇسۇسەن بالىياتقۇ ئېغىزىغا يېقىن جايدا ناھايىتى ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بالىياتقۇ مونچاق گۆشى1.زەڭگەررەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. زەڭگەرەڭ سەپرا خىلىتى غىدىقلاش تەسىرى بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى بەزلەرنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ بالىياتقۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا كۆپلەپ يىغىلىپ قېلىشى ۋە بۇ ئورۇنلاردىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەردە ئۈزلۈكسىز غىدىقلىنىش پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەر نورمالسىز ئۆسۈپ، بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

3. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى بەز ۋە باشقا ھۈجەيرىلەرگە زىيادە تەسىر قىلغاندا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى بەز توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەر بىر قىسىم غىدىقلىنىشلار تۈپەيلىدىن نورمالسىز ئۆسۈپ، ئاخىرىدا مونچاق گۆشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

بالىياتقۇ مونچاق گۆشىتاشقى جىنسىي ئەزاغا پەيدا بولغان مۇدۇرچاقنى ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش يولى ئېغىزىغىچە بولۇپ، رەڭگى قىزىل كېلىدۇ، ئېچىشىدۇ، ئۆتكۈر قىچىشىدۇ. بالىياتقۇ بوينىدا پەيدا بولغانلىرىنى ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە قىزىل رەڭلىك ئۇششاق مۇدۇرچاقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە بولسا، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە مۇدۇرچاقنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىش بولغان بولسا، قورساقنى بېسىپ تەكشۈرگەندە ئىششىق بىلىنىدۇ. ھامىلىدار بولماسلىق ياكى ھامىلىدار بولسىمۇ بويىدىن ئاجراپ كېتىش يۈز بېرىدۇ ھەم ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. مۇدۇرچاقلار زەخىملەنگەن بولسا ئاز مىقداردا ئاقۇش سۇيۇقلۇق كېلىدۇ. كەلگەن سۇيۇقلۇق ناھايىتى كۆيگەندەك ئېچىشتۇرىدۇ.

بۇ كېسەللىكتە دەسلەپتە روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەچكە، داۋاملىق قوشۇمچە يۇقۇملىنىشلار بىلەن بىرگە كېلىدۇ. ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، تېزلىكتە ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كەڭ دائىرىلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ يارىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. مۇدۇرچاقلار چىقىش، قىچىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، جىنسىي يولدىن ئاقۇش سۇيۇقلۇق ئېقىش، سۇيۇقلۇق كۆيگەندەك ئېچىشتۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر ئاساس قىلىنىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە مۇدۇرچاقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. قوشۇمچە ياللۇغلىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. مونچاق گۆشنى يوقىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سەرسىبىل، چۆپچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم 100 ~ 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا شاھتەررە، بىستىپايەج، بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 15 ~ 10 كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، 100 مىللىلىتىردىن، 5 ~ 3 كۈن بېرىپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا بىستىپايەج، بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 10~15 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 3~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇندىن كۈندە ئىككى قېتىم، 100 مىللىلىتىردىن 3~5 كۈن بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ياللۇغلىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، مەجۈنى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. بالىياتقۇدىكى مونچاق گۆشنى يوقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ئىسپىداچ مەلھىمى، مۇردار سەنگى مەلھىمى قاتارلىقلاردىن تاللاپ يەككە ھالدا ياكى يۇقىرىقىلار بىلەن گۈل يېغى، موم، گىل ئەرمىنى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ پەرزىجە تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. قىزىلگۈل، مەدەستان، ئاق موم ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن، گۈل يېغى 30 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، مەلھەم تەييارلاپ، مۇدۇر چاقىغا چېپىپ بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەردىن پاقلان گۆشى، توخۇ گۆشى، ئوغلاق گۆشى، كەپتەر گۆشى، ئارپا، نوقۇت قوشۇپ تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1292

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1297367.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#