ئوسما يۇپۇرمىقى

ئوسما يۇپۇرمىقى

ئوسما يۇپۇرمىقى بولسا  ئۆسۈملۈك ئوسما بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئوسما يوپۇرمىقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىچنى قاتۇرۇش، قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئوسما يۇپۇرمىقى
ئەرەبچە نامى كوتىم
ئىنگلىزچە lndigowoad leaf
شەكلى رەڭگى يېشىل، ئازراق پۇراقلىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى
大青叶
پارسچە نامى ۋۇسىمە
ئوردۇچە نامى نيىل، كارى ميندى
تەمى تەمى ئاچچىق كېلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسما يۇپۇرمىقىئوسما يۇپۇرمىقى بولسا  كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئوسما بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئوسما يوپۇرمىقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى يېشىل،  ئازراق پۇراقلىق ، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ،ياز ۋە كۈز پەسلىدەيىغىۋېلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

 چاچنى قۇۋۋەتلەش، پارقىتىرىش، ئىچنى قاتۇرۇش، قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

بەدەندىكى تۈكلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، چاچ ۋە تۈك يىلتىزىنى چىڭىتىش، قۇۋۋەتلەش .

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازاننى سوۋۇتىۋېتىدۇ، مېڭىگە زىيانلىق تەسىرى بار.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

1. ئوسما يوپۇرمىقى ئوسما قايناتمىسى 0.7pH بولغاندا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىگە نىسبەتەن كۈچلۈك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن مەلۇم تەسىرى بار. ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تەسىرى يوق.

2. ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئىچكى توكسىنغا نىسبەتەن قارشى تۇرۇش رولى بار.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار.

4. كىچىك چاشقاننىڭ قورساق بوشلۇقى چوڭ يۇتقۇنچاق ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆتۈرىدۇ.

5. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

بۇنـىڭـدا ئوسما گلىكوزىدى (Isalab)، گلـىكوبـراسـسـىـن(Glucobrassicin) قاتارلىقلار بار.

ئوسما يۇپۇرمىقى1. ئوسما يوپۇرمىقىنى تۇز سۈيى بىلەن بىرگە باشقا سۈركىسە ياكى كۆيدۈرۈپ بۇي سالسا، بەلغەملىك باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

2. ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچسە، قەي قىلدۇرىدۇ ھەم غالجىر ئىت چىشلىۋالغاننىڭ ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. ئوسما يىلتىزىنىڭ يېغى بىلەن چاچنى ياغلىسا، چاچ ئۆستۈرىدۇ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ،

4. ئوسما يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆزگە سۈرمە قىلىپ تاتسا، كۆزگە چۈشكەن سۇنى تارقىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

 يوپۇرمىقى د

مىقدارى

10~1 گرام

تۈزەتكۈچىسى

 قەلەمپۇر ، پىننە

ئورۇنباسارى

پىننە بەرگى

ۋەكىل خارەكتىرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

ئوسما گۈلقەنتى، رەۋغىنى ئوسما

چاچ ئاقىرىش، چاچ چۈشۈش، قاش، كىرپىك چۈشۈپ كېتىش، گال ئاغرىقى، ئۆتكۈر قىزىتما، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=349

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#