توي پولۇسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. گۆشنى 100 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سۇدا قاينىتىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
سەۋزىنى چوڭ-چوڭ قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. باشقا بىر قازانغا 70 گرام ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇپ، شورپىسىنىڭ بىر قىسمىنى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن سەۋزىنى، گۆشنى سېلىپ قاينىتىلىدۇ ۋە سوققان زەرچىۋە، سوققان زىرە، تۇز سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. شورپا 500 گرام، گۈرۈچكە 260 گرام ھېسابىدا بولىدۇ.
3. گۆش، سەۋزە پىشقاندىن كېيىن، گۆشنى سۈزۈۋالىدۇ. ئاندىن قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ، قالغان شورپىنىڭ لازىملىق قىسمىنى ئۈستىگە قۇيۇپ پولۇ دەملىنىدۇ.
4. 400گرام ياغنى باشقا بىر قازاندا 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە پىشقان گۆشنى بېسىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.