ئۇيغۇرچە نامى ئوتبېشى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奥特贝希乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئۇچتۇرپان ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتبېشى يېزىسىئوتبېشى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە جايلاشقان.ئوتبېشى يېزىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 

ئوتبېشى يېزىسىئوتبېشى يېزىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: يار قوتان كەنتى، باشئاقما كەنتى، توسما كەنتى، يۇقىرىقى ئوتبېشى، تۆۋەنكى ئوتبېشى كەنتى، قۇمبۇلۇڭ كەنتى، گۇڭشياڭ كەنتى، ئالاساي كەنتى، سۆگەتلىك كەنتى، قوشتاغ كەنتى، دۆڭچىغ كەنتى، يۇقىرىقى دۆڭچىغ كەنتى، سېرىقئارال كەنتى.

ئوتبېشى يېزىسىئوتبېشى يېزىسى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يارقوتان كەنتىدە، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە كىلومېتىر، بەدەل ئېغىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 76 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا بويىچە شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 35 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى توققۇز كىلومېتىر. بۇ يېزىنىڭ شەرقىي تەرىپى ئاقتوقاي يېزىسى ۋە ئۈچتۇرپان بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى ئاقچى ناھىيىسىنىڭ سەپەرباي يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي تەرىپى توشقان دەرياسى ئارقىلىق يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەڭ يىراق بولغان بىر كەنتنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئوتبېشى يېزىسىئوتبېشى يېزىسىنىڭ بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2750-2550سائەت، قىروسىز مەزگىلى 206-183كۈن، ℃5 ئوتتۇرىچە داۋاملىشىش كۈن سانى 233 كۈن. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 70-120 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئوتتۇرىچە 2003.8 مىللىمېتىر، توشقان دەرياسى چېگرىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، سۇ بايلىقى مول، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃9.2، ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا ℃41، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃33-، ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 1.4 مېتىر ھەر سېكۇنت، يېزا ئىگىلىك رايونىدا تۇپراقنىڭ توڭلاش چوڭقۇرلىقى 0.9 مېتىر ئەتراپىدا، 11-ئايدا مۇز تۇتىدۇ، كېلەر يىلى 4-ئايدا مۇز ئېرىيدۇ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1100-1200 مېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ.

ئوتبېشى يېزىسىيېزا يەر كۆلىمى 275.7 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-كەنت ۋە زاۋۇت-كان يېرى 548.8 گېكتار، باغلارغا ئىشلىتىلگەن يەر 548.8 گېكتار، سۇ كۆلىمى 1552.8 گېكتار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3427 گېكتار، ئورمان كۆلىمى 4176.3 گېكتار، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بۇغداي، كۆممىقوناقنى ئاساس قىلىنىدۇ. 

قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، گۈڭگۈرت، مېتال سۈرمە كېنى بار.

ئوتبېشى يېزىسى يېڭىدىن ياسالغان  S306-ئۆلكە تاشيولى غەربتە ئېقىمى ئاقچى ناھىيىسىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭگىچە، شەرقتە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئاقسۇ شەھىرىگىچە تۇتىشىدۇ. پۈتۈن يېزىدا شىپاخانا يوق توققۇز كەنتى بار، تېخى تېلېفون ئورنىتىلمىغان كەنت 11، ھەر قايسى كەنتتە پوچتىخانا، تاشيول، توك، رادىئو-تېلېۋىزىيە بار. 

ئۆرۈك ۋە ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرى، جىغان مېۋىسى، ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق، قوي ۋە قوشۇمچە مەھسۇلات. 

ئوتبېشى يېزىسىكىلىماتى يېقىملىق، مۇھىتى گۈزەل. مار لاي كۆلى، جىغان ئورمان باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#