يەنە بىر كۆرسەم

«يەنە بىر كۆرسەم» كورىيە MBC تېلىۋىزىيە ئىستانىسى 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى قويۇلغان ئائىلە ھېسسىىيات تىياتىرى. بۇ فىلىمدا جاڭ دويى رېژىسسرولىق قىلغان، كىم جى سو، جۇڭ بو سۇك، يۇن خو يۇڭ، شۈ جۈن خو، قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن.

فىلىمدا ئاساسلىقى جىڭ كوم جو بىلەن جىڭ يۈن جونىڭ پۇلدار ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرى پاك كې پۇڭ بىلەن پاك كې جۇڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يەنە بىر كۆرسەم
باش رولچى كىم جى سو، جۇڭ بو سۇك، يۇن خو يۇڭ ، شۈ جۈن خو
قىسىم سانى 164قىسىم
قويۇلغان ۋاقتى 1998.3.2
دىئالوگ تىلى كورېيەچە (تەرجىمە) ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 看了又看
تۈرى ئائىلە، مۇھەببەت، كومىدىيە
ئىشلەنگەن ۋاقتى 1998.3.2
ئىشلىگەن شىركەت MBC
ئىشلەنگەن ئورۇن كورىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىڭ كومجو بىلەن جىڭ يۈنجو ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭىللاردىن ئىدى. يۈنجو كىچىكىدىنلا يېزىدا چوڭ بولغان بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتقان چاغدا ئۇنىڭدىن بىر ياش چوڭ ئاچىسى كومجو ئۇنى ياقتۇرمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلار ئارىسىدا دائىم ئىقتىلاپ يۈز بېرەتتى، ئەسلىدىلا يۈنجونى ئۇنچە بەك ياقتۇرمىغان ئاپىسى دائىم كومجوغا يان باساتتى. 

يۈنجو سېستىرا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسىيا دوختۇرخانىسىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ قىزغىن، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولغاچقا بىمارلار ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەتتى. بىر قېتىم، مېترو بېكىتىدە، بىر ئوغرى يۈنجونىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىماقچى بولىدۇ، دەل مۇشۇ پەيىتتە، ياش تەپتىش ئەمەلدارى پاك كېپوڭ ساقچىلار بىرلىكتە ئوغرىنى قولغا ئالىدۇ. كېيىن مەلەم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەچچە قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلار ئارىسىدىكى ھۆرمەت تۇيغۇسى ئاستا-ئاستا قىزىقىش ھەم كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۆزگىرىدۇ. پاك كېپۇڭ تولىمۇ ئادىل، خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغان ياراملىق يىگىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيىدىكىلەر ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم ئىززەتلىشىگە ئېرىشكەن، يەنە كېلىپ تۇنجى ئوغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى.

كومجو ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىشى سەۋەبلىك كىچىكىدىنلا ئابرويپەرەس، مېشچان چوڭ بولغانىدى. گەرچە ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، يا رومان يازالمايتتى، يا كىچىك بالىلارغا دەرس ئۆتۈشنى خالىمايتتى. نۇرغۇن يىگىتلەرنى ياراتماي تا ھازىرغىچە يالغۇز ئىدى. پاك كېجوڭنىڭ ئۇكىسى پاك كېپوڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئۇسسۇل تېرىنىرى بولۇپ مودا قوغلىشىدىغان ياشلاردىن ئىدى. ئۇ چېچىنى بۈدرە قىلاتتى، ھالقا تاقايتتى، تۇرمۇشى چېچىلاڭغۇ ئىدى. دائىم دادىسىنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلىسىمۇ ھىجىيىپلا يۈرەتتى. پاك كېپۇڭ كومجونى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا بىر ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇنى قوغلىشىشىقا باشلايدۇ، توختىماي مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. مۇناسىۋەت قويۇقلاشقانسېرى، كېجوڭ بىلەن يۈنجو، كېپوڭ بىلەن كومجو يېققىن ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالىدۇ. 

كېپوڭ بىلەن كېجوڭ لايىقلىرىنى چاقىرىپ تونۇشلۇق بېرەي دېگەندە ئاندىن كومجو بىلەن يۈنجونىڭ ئاچا-سىڭىل ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ. كېجوڭنىڭ مومىسى قايچا قۇدا بولۇشنى خالىمايدۇ ھەمدە پەقەت بىر جۈپنىڭلا توي ئىشىغا قوشىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېپوڭ ئۆزىنىڭ توي كۈنىنىمۇ تاللاپ بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، پاك ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ توي ئىشىغا قوشىلىدۇ. زورمۇزور ئايرىۋېتىلگەن يۈنجو بىلەن كېجوڭنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمەيدۇ. كومجو سىڭلىسىنىڭ دورتۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، پاك ئائىلىسىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ توي قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، مومىسىنىڭ يۈنجونىڭ توي ئىشىغا قوشۇلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، موماي بۇ جۈپلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ قايچا قۇدا بولۇشقا رازى بولىدۇ. 

تويدىن كېيىن  ئائىلە ئىشلىرىنىڭ كۆپىنى يۈنجو قىلىدۇ، كېيىن كومجونىڭ بويىدا قالىدۇ، ھەممە ئىش يۈنجونىڭ زىممىسىغا قالغاندىن سىرت كومجونىڭ سېزىكى ئېغىر بولغانلىق سەۋەبلىك، كومجوغا قاراشمۇ يۈنجونىڭ زېممىسىگە ئارتىلىدۇ. يۈنجو تولىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ كېيىن تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، قېينىئانىسىىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن رەسىم كەسپىنى ئۆگىنىدۇ.نەچچە يىلدىن كېيىن يۈنجو ئوغۇل پەرزەنت، كومجو يەنە قىز پەرزەنت يۈزى كۆرىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. 

جىڭ يۈنجو ---------------------كىم جى سو

پاك كېجوڭ  ---------------------جۇڭ بو سۇك 

جىڭ كومجو---------------------يۇن خو يۇڭ 

پاك كېپوڭ ----------------------شۈ جۈن خو

جىڭ مىڭۋون---------------------پاك يوڭ خا

جىڭ دادا-----------------------جېڭ ئۇ 

جىڭ ئاپا-----------------------كىڭ چاڭ سۇ

مومىسى------------------------شى مى زا

پاك دادا------------------------لى شۈن زې

پاك ئاپا------------------------كىم مىڭ زا

ھاممىسى-----------------------لې مى چېن

سوننام-------------------------پېك سان خېن 

سوڭمېينىڭ دادىسى-------------------چاڭ يوڭ

سوڭمېينىڭ ئاپىسى--------------------پاك ۋەن شۇ

سوڭمېي-------------------------سېڭ يون ئې

جىڭ يۈنجو

يەنە بىر كۆرسەمكىم جى سو رولدا

يۇنجۇ كىچىكىدىنلا يېزىدا چوڭ بولغان بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتقان  چاغدا ئۇنىڭدىن بىر ياش چوڭ ئاچىسى كوم جو ئۇنى ياقتۇرمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلار ئارىسىدا دائىم ئىقتىلاپ يۈز بېرەتتى، ئەسلىدىلا يۈن جونى ئۇنچە بەك ياقتۇرمىغان ئاپىسى دائىم كوم جوغا يان باساتتى. 

يۈن جو سېستىرا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسىيا دوختۇرخانىسىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ قىزغىن، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولغاچقا بىمارلار ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەتتى. 

پاك كېجوڭ 

جۇڭ بو سۇك  رولدا 

يەنە بىر كۆرسەمپاك كې پۇڭ تولىمۇ ئادىل، خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغان ياراملىق يىگىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيىدىكىلەر ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم ئىززەتلىشىگە ئېرىشكەن، يەنە كېلىپ تۇنجى ئوغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى.بىر قېتىم، مېترو بېكىتىدە، بىر ئوغرى يۈن جونىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىماقچى بولىدۇ، دەل مۇشۇ پەيىتتە، ياش تەپتىش ئەمەلدارى پاك كې پوڭ ساقچىلار بىرلىكتە ئوغرىنى قولغا ئالىدۇ. كېيىن مەلەم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەچچە قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلار ئارىسىدىكى ھۆرمەت تۇيغۇسى ئاستا-ئاستا قىزىقىش ھەم كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۆزگىرىدۇ. يۈن جو بىلەن ئاشىق مەشۇقلار بولۇپ قالىدۇ. 

جىڭ كۇمجو

 يۇن خو يۇڭ رولدا 

ئەسلىدىلا يۇن جونى ئۇنچە بەك ياقتۇرمىغان ئاپىسى دائىم كۇم جۇغا يان باساتتى. 

كوم جو ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىشى سەۋەبلىك كىچىكىدىنلا ئابرويپەرەس، مېشچان چوڭ بولغانىدى. گەرچە ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، يا رومان يازالمايتتى، يا كىچىك بالىلارغا دەرس ئۆتۈشنى خالىمايتتى. نۇرغۇن يىگىتلەرنى ياراتماي تا ھازىرغىچە يالغۇز ئىدى. كېيىن پاك كې پوڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ. 

پاك كېپۇڭ

شۈ جۈن خو رولدا 

يەنە بىر كۆرسەمپاك كېپۇڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئۇسسۇل تېرىنىرى بولۇپ مودا قوغلىشىدىغان ياشلاردىن ئىدى. ئۇ چېچىنى بۈدرە قىلاتتى، ھالقا تاقايتتى، تۇرمۇشى چېچىلاڭغۇ ئىدى. دائىم دادىسىنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلىسىمۇ ھىجىيىپلا يۈرەتتى. پاك كې پۇڭ كوم جونى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا بىر ئۇچراتقاندىن كېيىن ئۇنى قوغلىشىشىقا باشلايدۇ، توختىماي مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. مۇناسىۋەت قويۇقلاشقانسېرى، كې جوڭ بىلەن يۈن جو، كې پوڭ بىلەن كوم جو يېققىن ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالىدۇ.  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    57.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    28.6%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    14.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#