ۋىنگىرلار

ۋىنگىرلار

ۋﯦﻨﮕﯩﺮ (ﻣﺎﺟﺎر) لار ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﺎﺟﺎرلار» دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ  2010-يىلى دۇنيادىكى ۋېنگىرلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 14مىلىيۇندىن سەل ئاشقان بولۇپ ، ۋېنگىرىيە ۋە تۇتاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە  12مىلىيۇن كىشى، ئامېرىكا قىتئەسىدە 2مىلىيۇن كىشى ئولتۇراقلاشقان.ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ئۇيغۇرچە ۋىنگىر
ئىنگىلىسچە Hungarians
نوپۇسى 14مىليوندىن ئارتۇق(2010-يىلى)
تىلى ۋىنگىر تىلى
خەنزۇچە 匈牙利人 ،马扎尔族
باشقىچە ئاتىلىشى ئونغۇر، ھونگىر،ماجار
ئىتىقادى خىرىستىئان دىنى
تارقىلىشى ۋىنگىرىيە،قوشنا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى،ئامرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىنگىرۋﯦﻨﮕﯩﺮ (ﻣﺎﺟﺎر) لار ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪت. 2010-يىلى دۇنيادىكى ۋېنگىرلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 14مىلىيۇندىن سەل ئاشقان بولۇپ ، ۋېنگىرىيە ۋە تۇتاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە  12مىلىيۇن كىشى، ئامېرىكا قىتئەسىدە 2مىلىيۇن كىشى ئولتۇراقلاشقان. 

ۋىنگىرلەر قەدىمكى ھون،تۈرك،ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش كىلىدۇ.ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

تارقىلىشىۋېنگىرلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 14مىلىيۇندىن سەل ئاشقان بولۇپ ، ۋېنگىرىيە ۋە تۇتاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە  12مىلىيۇن كىشى، ئامېرىكا قىتئەسىدە 2مىلىيۇن كىشى ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدە 9مىلىيۇن500مىلىيۇن كىشى(ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، رۇمىنىيەنىڭ ترانسىلۋانىيە رايونىدا بىر يېرىم مىلىيۇن كىشى، سىلوۋاكىيەدە 55مىڭ كىشى،سېربىيەدەنىڭ ۋويۋودىنا ۋېنگىر ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىدە 300مىڭ كىشى،ئوكرائىنانىڭ تاشقى كارپات ئۆلكىسىدە 156مىڭ كىشى  ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيەدە 80مىڭ، گېرمانىيەدە 120مىڭ،ئاۋستىرىيەدە 40مىڭ ۋېنگىر بار. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يەنىلا ئامرىكا ۋېنگىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 2010-يىلى ئامېرىكىدىكى ۋېنگىر ئەۋلادىدىن بولغانلار  1مىلىيۇن600مىڭ كىشىدىن ئاشقان، 2010-يىل يەنە كانادا دا 315مىڭ، ئارگېنتىنادا 200مىڭ، برازىلىيەدە 80مىڭ، چىلىدا 40مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم. 2008-يىلىدىكى ئاۋسترالىيە دۆلەات سىتاتىسكىسىدا ئاۋسترالىيەدە 60مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم بولغان. ۋېنەىرلار ياۋروپادىكى مەدەنىيەت ئاساسى بىر قەدەر كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ يىلاردىن بېرى كېچىكىپ توي قىلىش، پەرزەنت كۆرمەسلىك ياكى ئا پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن نوپۇسى يىلىغا 40مىڭ كىشى ئەتراپىدا كېمەيمەكتە.

ۋىنگىرىيەۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﺎۋروﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪر ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 93 ﻣﯩﯔ 30 ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮى ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻚ. ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻗﻮﻳﯘق ﻗﺎرﯨﻐﺎي، ﺋﺎرﭼﺎ دەرەﺧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘ زﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪت، ﺳﯜﻳﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻳلاﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى. دۆﻟﻪت زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺋﺎرﺷﺎﯕﻠﯩﺮى ﺑﺎر، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮل. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە 19 ۋﯨلاﻳﻪت، 1 ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺷﻪﮬﻪر ﺑﺎر، ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯘداﭘﯧﺸﺖ.

ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮن 190 ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘپ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ 98 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻠﻮۋاك، ﻛﯩﺮود، ﺳﯧﺮﯨﺐ، ﺳﯩﻠﻮۋﯦﻦ، ﻧﯧﻤﺲ، ﺳﯩﮕﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر. ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 1 _ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮى ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﮬﻮﻧلار ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺧﻪن ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪرﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﻗﺎ _ ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻛﯚﭼﯩﺪۇ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﻪم ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮬﻮﻧلار ﻳﺎۋروﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 896 _ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﮬﻮﻧلار دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪت ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯘرت _ ﻣﺎﻛﺎن ﻗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 1000 _ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎﺗﯩﻠلاﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﻓﯧﺌﻮدال دۆﻟﻪت ﻗﯘرﯨﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ دۆﻟﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

تىل يىزىقىۋېنگىرلار ئالتاي-ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن-ئۇگۇر تىل ئائىلىسى، ئۇگۇر تىل تۈركۈمىگە تەۋە ۋېنگىر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ۋېنگىرلار ئۇزاق زامان ياۋرڭپادا ئۆزى بىلەن تىل-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى يوق مىللەتلەر ئارىسىدا ياشىغانلىقتىن نۇرغۇن سىلاۋيا، گېرمان، لاتىن سۆزلۈكلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ يەنىلا قەدىمقى ھۇن ئاتالغۇلىرى 20%، ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق بولغان سۆزلۈكلەر 10% ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان. 

 ۋېنگىرلار ئەسلىدە شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان مىللەت بولۇپ ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچكەندىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېتىقادىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىر ۋېنگىرلارنىڭ تەخمىنەن 55% رىم كاتولىك دىنىغا، 20% پىروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. قالغان بىر قىسىم ئاھالە دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما كاتولىك، پىروتىستانت ۋە شامان دىنىنىڭ بەزى مەدەنىيەت تەسىرىنى ساقلاپ قالغان.

ۋىنگىرلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﺎﺟﺎرلار» دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑلاردا، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﻧﺎﻣﻰ «ﮬﻮﻧﮕﯩﺮﯨﻴﻪ»، «ﮬﻮﻧلار دۆﻟﯩﺘﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳلار ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ دﯦﮕﻪن دۆﻟﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ «ﮬﻮﻧلار» دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، دەپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ.

ۋېنگىر ھۇنگار دىگەن نامنىڭ رۇسچە بۇزۇپ ئېيتىلىشى بولۇپ، بىز شۇنداق خاتا ئاتاپ ئادەتلەنگەن. ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» ياكى «ماگيارلار» دەپ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگار»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ھۇنگار نامىنى ئونئوگۇر يەنى ئونئۇغۇر نامىدىن كەلگەن، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغان ھۇنلار ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

تارىخىمىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوردۇس يايلىقىنىڭ  شىمالىي چۆللۈك ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ھونلار  غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ  كۆچۈش داۋاملىشىپ كۆپ قىسىم ھونلار   ئۇرال تاغلىرى ئارقىلىق  ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادى 4-ئەسىردە ھۇنلار قۇدرەت تېپىپ ياۋروپا ھۇن ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ ھازىرقى ۋېنگىرىيەنى ئاساسى مەركەز قىلغان ھالدا رىم ئىمپىرىيىسىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ ، ئۆز رايونىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. مىلادىيە 896 _ يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلاپ ئۆزىنىڭ پادىشھلىقىنى قۇرغان ۋە كاتولىك دىنى قوبۇل قىلغان. 13-ئەسىردە موڭغۇللار ياۋروپاغا كېلگەندە ۋېنگىر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇرۇشتا قىرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ۋېنگىرلار ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ ئارپادىيا پادىشاھلىقىنى تىرىلدۈرگەن. .

   16-ئەسىردىن باشلاپ ۋېنگىرلار يەنە بىر قېتىم چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ غەرپتىن گېرمان ھابىسبورگ سۇلالىسى، شەرقتىن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كېلىپ ئىككى ئەسىرگە سوزۇلغان مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇۋە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ۋېنگىرلار يەنە پروتىستانت دىنى قوبۇل قىلىدۇ. 

 1848-يىلى ۋېنگىرلار گېرمانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ئازادلىققا ئېرىشىدۇ ، ئەمما شەرقتىن رۇسىيە بېسىپ كىرگەنلىكتىن يەنە ئاۋستىرىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى بولۇپ شەكىللىنىپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا  ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى پارچىلىنىدۇ، ۋېنگىرىيە ھازىرقى سېربىيەگە قاراشلىق ۋويۋودىنا، رۇمىنىيەگە قاراشلىق ترانسىلۋانىيە، ئوكرائىناغا قاراشلىق كارپاتىيە ئۆلكىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ قۇدرەتلىك ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىدنى قۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىد ۋېنگىرىيە گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ئۇرۇشتىن كېيىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ رايوندىن ئايرىلىپ ۋېنگىرىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ. 

1990-يىلى شەرقى ياۋروپادا ئىسلاھات بورىنى كۆتىرىلگەندە ۋېنگىرىيە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.

ئىرقى(چىرايتۇرقى)ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎۋروﭘﺎدﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪل ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﺎﺋﯩﺮى ﻓﯧﻴﺘﻮﻓﻰ: «ﻳﯩﺮاق ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪادلار ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن ﻳﯩﺮاق، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪا ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘرﻏﺎن» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎن ﮬﻮﻧلارﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﺴﯩﻢ _ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ «ﺋﺎﺗﯩﻠلا» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە ﮬﻮﻧلار ﺑﺎش ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎ 1 ﺑﺎﻏﭽﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﺗﯩﻠلاﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪا ﺋﯩﻜﻪن. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷﺘﯩﻨﮭﺎج ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯘ دەل ﮬﻮن ﺷﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪن.

ۋېنگىرلاردىن دۇنياغا داڭلىق ئالىم-شائىر ۋە سەنئەتكارلار ناھايىتى كۆپ چىققان.  داڭلىق شائىر پىتۇفى، داڭلىق ھازىرقى زامان مودىرنىزىم ھەيكەلتاراشلىق ئۇستازى ۋاگنېر، داڭلىق كىنو ئارتېسى ئاتىىلا ، ئاتوم بومبىسى ئىجادچىسى ۋېلىگرى دىن باشقا يەنە ۋېنگىرلاردىن ھازىرغىچە 9 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[2]

ﻳﯧﯖﻰ يىل بايرىمى  

يېڭى يىلى بايرىمىۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﺎرﭘﺎ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﻘﺎب ﺗﺎﻗﺎپ ﻣﻮﻧﺎﺳﺘﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﯕﻐﯩﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﯕﻐﯩﺮﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﻪﺗﺮاپ ﻗﺎﻳﻨﺎم _ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﺎﻧﺎﻳلارﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎۋﻗﯘن _ ﺳﯜرەن ﺳﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺳﺎﻟﻴﻮت ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺟﯩﻦ _ ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧلارﻧﻰ ﻗﻮﻏلاﻳﺪۇ. ﺋﯘلار «ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ» دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻪرز ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ؛ دورا ﻳﯧﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﭘﯜﺗﯜن 1 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻳﺪۇ.

ﻛﯚﻛﻠﻪم ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ

ﺑﺎﮬﺎر ﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ 1 _ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﻠﻪم (ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺶ) ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ 40 ﻛﯜﻧﺪە ﮔﯚش ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 1 _ ﮬﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ 1 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﺳﯘ ﭼﯧﭽﯩﭗ، ﻣﺎل _ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺟﺎۋاﺑﻪن ﺗﻮﺧﯘ، ﺗﯘﺧﯘم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ 8 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪم ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ دۆﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘرﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﯜﺗﻜﯜل ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ. ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺑﯘﻏﺪاﻳﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ؛ ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎچ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﻳﻪپ، ﺗﯩﻨﭻ _ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ، دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺳﺎﻟﻴﻮﺗلار ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ «ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘش ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ»، 3 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن «ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﺮى ﺑﺎر.

ۋىنگىرىيە مىزىلىك تائاملىرىۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰا _ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﺳﯜت، ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﻛﺎلا ﮔﯚﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﻮرۇﻣﯩلارﻏﺎ ﻣﯘچ، ﺳﺎﻣﺴﺎق، ﭘﯩﻴﺎز، ﻗﺎراﻣﯘچ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪم ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺗﺎﺋﺎﻣلاردﯨﻦ ﻗﻮرداق، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺷﻮرﭘﯩﺴﻰ ۋە ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﺎۋﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە _ ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﮬﺎراﻗﻘﺎ زورلاﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ.

ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ __ ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى. ﺋﺎت ﻣﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪۇر.

ئات مىنىش

ئات مىنىش«ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﺎت ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻧﯘﺳﺮەﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ۋۇﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﺎﺟﺎرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎﺗﻘﺎ داﺋﯩﺮ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪر ﻛﯚپ. ﮔﻪرﭼﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎت ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﺎش ﻗﻮراﻟﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ، ﻳﺎﻳلاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎدروﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﺋﻪۋزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە ﻳﺎﻳلاق ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎت ﻛﯚپ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﺪۇ.

ئوۋ ئوۋلاش

ئوۋچىلىقﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش __ ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﺴﯩﻤﯘ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪا ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮۋ ﺋﻮۋﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن _ ﺳﯩﻨﺎﻗلاردﯨﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن داﺋﯩﺮە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪۇ. 

باشقا پائالىيەتلەر 

ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘ ﺋﯜزۈش، ﻗﺎرﯨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﻗﻮﻟﯟاق ﮬﻪﻳﺪەش، ﺳﯘ ﺗﻮپ ﺋﻮﻳﻨﺎش، ﺷﻪﻣﺸﻪرۋازﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر.

.1 «ﻳﻪر ﺷﺎرﯨﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت»، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﻪﻳﻠﻪ _ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2005 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى.

.2 ﭼﯧﻦ ﻳﯧﻔﯩﯔ: «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﻳﺎۋروﭘﺎدﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﮬﺎلاﻛﯩﺘﻰ» 2005 _ ﻳﯩﻞ «ﻳﻪر ﺷﺎرى ۋاﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»

.3 «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﮬﻮن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ» ﺷﯩﻨﺨﯘا ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ 2005 _ ﻳﯩﻞ 14 _ ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ.

.4 ﻟﯩﻦ ﮔﻪن: «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، 1986 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى.[3]

[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

ماگيارلار(ۋېنگىرلار)=Hungarian 

http://www.bashlan.com/index.php?a=show&catid=50&id=1297

3.
0.

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى 

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40469

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ماگيارلار(ۋېنگىرلار)=Hungarian

http://www.bashlan.com/index.php?a=show&catid=50&id=1297

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/73719.htm

4.

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40469

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#