يۇقىرى قان بېسىمى

يۇقىرى قان بېسىمى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن قان تومۇر ئىچىدىكى قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا بېرىدىغان بېسىمى يۇقىرىلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، يەڭگىل بولغاندا روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان، ئېغىرلاشقاندا مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ مۇناسىپ ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدىغان  كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى يۇقىرى قان بېسىمى
خەنزۇچە نامى 高血压
تەۋە بۆلۈم يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى hypertension
ئاساسلىق ئالامىتى باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقىرى قان بېسىمىيۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئارتېريە قان بېسىمى يۇقۇرلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، ئارتېريە ، يۈرەك، مېڭە ، بۆرەك قاتارلىق ئورگانلاردا پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولغان، پۈتۈن بەدەنلىك بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن ياش قۇرامى، ئىرسىيەت، كەسىپ ۋە ئوزۇقلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن، ئېچىلىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كېتىشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .

بىرلەمچى خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل قان بېسىمى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ %95 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەتتە قان بېسىم كېسىلى مۇشۇ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ داۋالاش كېرەك بولىدۇ.

ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ %5 نى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن : بۆرەك شارچە يالۇغىدىكى قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى، بۆرەك خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى، بۆرەك ئارتېرىيەسى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلاردا قان بېسىم ئۆرلەش ئالامىتى بولىدۇ، قان بېسىم يۇقۇرلاش بۇ خىل كېسەللەرنى داۋالىغاندىن كىيىن يوقىلىدۇ. 

يۇقىرى قان بېسىمىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك سەۋەبتىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرگەن بېسىمى ئارتىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

ئالامىتى: باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە مەخسۇس ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋاقتىدىكى بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • يۈرەك قوزغىلىش، باش ئاغرىش، قېيىش ياكى چىڭقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، بويۇن قېتىپ كۆز ئاجىزلىشىش، چارچاش، بىئارام بولۇش، جىددىيلىشىش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نېرۋا فونكىسيىسى قالايمىقانلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا مېڭە قان تومۇرلىرى كۈچلۈك سىپازمىلىنىش كۆز ۋاقىتلىق كۆرمەسلىك، سۆزلىيەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەزىلەردە پۇت-قوللىرى پالەچلىنىش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: جىگدە گۈلى 50 گىرام، ئاق لەيلىگۈلى، ھەمىشىباھار گۈلى، قىزىلگۈلنىڭ سېرىقچېچىكى، رەيھان چېچىكى، بەزرۇلبەنجى چېچىكى 200 گىرامدىن، سۇ 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

يۇقىرى قان بېسىمىتەركىبى: ئۈزۈم سۈيى، ئالما سۈيى، بېھى سۈيى، ئۆرۈك غورىسىنىڭ سۈيى، ئەينۇلا سۈيى، ئانار سۈيى 100 گىرامدىن، سىركە 250 گىرام، ئاق شېكەر 600 گىرام، زەپەر تالقىنى بەش گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېۋە سۇلىرىنى شېكەر بىلەن شەربەت قىلىپ، ئۈستىگە زەپەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كەرەپشە يىلتىزى، كۆممىقوناق ساقىلى مۇۋاپىق مىقداردا، چىلان 10 تال.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چىلاشقۇدەك سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە چىلاننى سېلىپ دەملەپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئەمگەك بىلەن ئارام ئىلىشنى، تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىش؛ ياغلىق، تاتلىق، شىرنىلىك، تۇزلۇق ھەم زىيادە ئىسسىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك لازىم.

يۇقىرى قان بېسىمىدورا بىلەن داۋالاشتا قاننى سۇيۇلدۇردىغان، ماينى پارچىلايدىغان، چوڭ كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، بەدەننى تازىلايدىغان، قان بېسىمنى چۈشۈرۈپ تۇراقلاشتۇرالايدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.

قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان يەككە دورىلار: بادرەنجى بۇيا، سۇمبۇل، جۇۋۋىنە، بەدىيان، بىخ بەدىيان، ھەم پوستى بەدىيان،

، چىلان، سەۋزە، كاسىنە، كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى ھەم پوستى، كەرەپشە (چىڭسەي) كۆكى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى، گاۋزىبا، نىلوپەر، نىلوپەر ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى، پوستى، بىنەپشە، گۈلبىنەپشە، سەندەل، قېتىق ۋە ئۇنىڭ سېرىق سۈيى، سۈت، لاچىندانە، كۆك ئۈزۈم، شاپتۇل قېقى، ئاپېلسىن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا، گىلاس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىدىكى دورىلاردىن بىر ياكى ماس كېلىدىغان بىر قانچىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىچىپ بېرىش، ھەم پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرۇش كېرەك.

قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان مۇرەككەپ دورىلار

سۇپۇپى ئىتتىرپىل كەشنىز، سۇپۇپى ئىتتىرپىل كەرەپشە، سۇپۇپى ھېلىلە زەرد، ئەرەقى كاسىنە، ئەرقى نېلۇپەر، ئەرقى بىنەپشە، ئەرقى گۇلاب، ئەرقى سەندەل، ئەرقى نانىخا، شەربىتى سىركەنجىۋىل سەپەرجىلى، شەربىتى سىركەنجىۋىل، مائۇل ھەسەل، شەربىتى ئونناب، شەربىتى بىنەپشە، خېمرى گاۋزىبان، مەجۈنى نۇجاھ، مەجۈنى ئىتتىرپىل سەغىر، مەجۈنى ئىتتىرپىل كەبىر، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى، بادام يېغى، گۈل يېغى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، يۇقىرىقى دورىلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئەتراپلىق ئويلىنىپ تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. 

1.يىمەكلىك ئىستىمال قىلغاندا تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ھەر كۈنى 5~10گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك.

2.ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش،يەڭگىل مۇۋاپىق  ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىشى كېرەك، مەسىلەن: سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ئۇسۇل ئويناش، ئۆزى ياخشى كۆردىغان يىنىك تەنتەربىيە پالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قان بېسىمىنى تۇراقلىق ھالەتتە ساقلاشقا پايدىلىق.

3.  قان بېسىمنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، قاندا ماي تەركىبىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يېمەسلىك، دائىم بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، قارا قېرىنقۇلاق، دولانا (شەنجا) قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك. سېمىزلار بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا سەل قارىماسلىغى  كېرەك.

4.ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ياتقان چاغدا، ئورنىدىن تىز تۇرۇپ كەتمەي ئاۋۋال ئولتۇرۇپ ئاندىن تۇرۇش كېرەك.

5. قان بېسىم دورىسى، ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىستىمال قىلىش كېرەك. قان بېسىم دورىسىنى تۇيۇقسىز توختاتماسلىق،دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

6. ئاسان ھەزىم بولدىغان ماي تەركىبى توۋەن ئاقسىل ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

7. مۇقىم ھەم خوشال كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، جىددىيلىشىشتىن، ھاياجانلىنىشتىن، تەشۋىشلىنىشدىن ساقلىنىش، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.[3]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#