خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى شىنجاڭ غا جايلاشقان شارقىراتما، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى7-6 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىر
خەنزۇچە نامى 浩腾萨拉瀑布
جايلاشقان ئورۇن بايىنبۇلاق يايلىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسىشىنجاڭ دىكى بايىنبۇلاق يايلىقى يولغا چىقىپ، 30-40 كىلومېتىر ماڭغاندا، تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، بۇلۇت بىلەن قاپلانغان خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسىغا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. بۇ ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، كەڭلىكى يېرىم كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان جىلغا ئىچىدە، كىشىلەر تەرىپىدىن «قارلىق تاغدىكى كۈمۈش شايى» دەپ ئاتالغان خاۋ تېڭ سارا ئېگىز شارقىراتمىسى بار، سۇ تەخمىنەن 30 مېتىر كېلىدىغان قىيا ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشىدۇ، تۇمان قاپلاپ، دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىدۇ. خاۋ تېڭ سارا شارقىراتما دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 7-6مېتىر، ئاستىنىڭ كەڭلىكى 15 مېتىر. 

خاۋ تېڭ سارا شارقىراتمىسىشارقىراتما ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. باش قىشتا شارقىراتمىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، كاجېپۇت دەرىخلىرىدە مۇز ساڭگىلايدۇ، بەئەينى خرۇستال دۇنيا؛ يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، شارقىراتمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ياپيېشىل يېشىل قارىغايلار، رەڭگارەڭ گۈلـلـەر گۈزەلـلىك ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ؛ يامغۇردىن كېيىن تۇمانلار تارقاپ، ھەسەن-ھۈسەن چىقىدۇ، تاغلار يېشىل، سۇلار سۈزۈك، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#