مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكى

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكى

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسىلى  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلدىغان كېسەللىك بۇلۇپ، كىچىككىنە لىپىلداق بوۋاق باش قىسمىنىڭ يېتىلىشى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر مۇھىم كۆزنىكى.

غەرب تېبابىتى نامى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكى
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 脑前囟
كېسەللىك ئورنى ئالدى مېڭە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكى كىچىككىنە لىپىلداق بوۋاق باش قىسمىنىڭ يېتىلىشى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر مۇھىم كۆزنىكى. ئاتا-ئانىلار بۇ كىچىككىنە كۆزنەكنى ياخشى كۆزىتىشى ۋە غەيرىي ئەھۋاللار بار-يوقلۇقىنى بالدۇر بايقىشى كېرەك. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنى تەكشۈرۈش بالىلار بۆلۈمى كلىنىكىسىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى باشنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بالىلار تۇغۇلغاندا مېڭە ئالدى لىپىلدىقى تەخمىنەن 2 ~ 4 غىچە چوڭلۇقتا بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باش سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى تېزلىشىپ، ئالتە ئايلىق بولغاندا مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ئېتىلىشكە باشلايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بالىلار بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە مېڭە ئالدى لىپىلدىقى يەنىلا ئېتىلمىسە، باش سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياكى باش سۆڭىكى بېسىمغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: راخت كېسىلى، مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش، تۇغما يۈرەك كېسىلى ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكى مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى دائىم سۇسىزلىنىش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش ھەمدە زىيادە ئورۇق بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ كېچىكىپراق ئىتىلىشى كۆپىنچە مېڭىگە سۇ يىغىلىش، كرېتىنىزم كېسەللىكى ھەم راخىت كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ، شۇڭا 18 ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلارنىڭ مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ئىتىلمىگەن بولسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. مېڭە ئالدى لىپىلدىقى بالدۇر ئېتىلىش ياكى بەك كىچىك بولۇش باشنىڭ زىيادە كىچىكلىك غەلىتىلىكىدە كۆرۈلىدۇ. چوڭ مېڭە تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەقلىي ئىقتدارى تۆۋەن ياكى باشقا نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كېسەللىكىنورمال ئەھۋالدا مېڭە ئالدى لىپىلدىقى تەكشى، مېڭە ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلىگەندە ئولتۇرۇشۇپ، مېڭە ئىچكى بېسىمى ئارتقاندا سەل كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇر، سىستېرالار مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مېڭە ئىچكى بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ تولۇق كۆپۈشى مېڭە ئىچكى بېسىمىنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دائىم مېڭىگە سۇ يىغىلىش، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.

بوۋاق ۋاقىتتا مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئولتۇرۇشقان ياكى كۆپۈپ چىقىشى ھەمدە ئېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسىگە ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. غەيرىي بىنورمال ئەھۋاللارنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاشقا پايدىلىق.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#