مالىيە باشقۇرۇش

مالىيە باشقۇرۇش مەلۇم ئومۇمىي نىشان ئاستىدا، مۈلۈك سېتىۋېلىش توغرىسىدا، كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش، مەبلەغ ۋە تىجارەت نەق پۇل ئوبوروتى، شۇنداقلا پايدا تەقسىماتىنى باشقۇرۇش. مالىيە باشقۇرۇش كارخانا باشقۇرۇشنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ئۇ ئاساسەن مالىيە - ئىقتىساد، قانۇن - تۈزۈم، مالىيە باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، كارخانىلارنىڭ مالىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، مالىيە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش بىر تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مالىيە باشقۇرۇش
چەتئەلچە نامى Financial Management
ئىشلىتىلىش ئورنى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش
خەنزۇچە نامى 财务管理
تەتبىقلىنىش دائىرىسى پۇل مۇئامىلە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسىي نەزەرىيە 

كاپىتال قۇرۇلمىسى نەزەرىيە تەتقىقاتى شىركەتنىڭ مەبلەغ توپلاش شەكلى ۋە قۇرۇلمىسى شىركەت بازار قىممىتى مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى. 

مالىيە پىلانى 

مالىيە باشقۇرۇشمالىيە پىلانى ياردەمچى شىركەت قۇرۇش يېتەكچى فاڭجېنى تىجارەت ۋە مالىيە پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. شىركەت مۇھىم نىشان مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش. شىركەت نىشانى شەكىللىك مالىيە كۆرسەتكۈچىگە ئايلىنىدۇ. مەبلەغ سېلىش تەدبىر بەلگىلەش ۋە نىشاننى بىرىكتۈرۈپ، مالىيە مەلۇمات جەدۋەللىرى، مالىيە نىشانى ۋە مالىيە كۆرسەتكۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 

تەننەرخ خىراجىتى 

1. ياساش تەننەرخى. ياساش تەننەرخى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىي سەرپ قىلىنغان بىۋاسىتە ماتېرىيال، بىۋاسىتە مائاش، ياساش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

2. مەزگىللىك خىراجەت. مەزگىللىك خىراجەت — كارخانا ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيىتىنىڭ مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ چىقىمىغا بىۋاسىتە تەۋە بولىدۇ. باشقۇرۇش خىراجىتى، مالىيە خىراجىتى ۋە سېتىش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزگىللىك خىراجەت بىۋاستە شۇ مەزگىللىك پايدا – زىيانغا كىرگۈزۈلىدۇ. 

1. مەھسۇلات قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش 

2. پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش 

3. پايچىكلار بايلىقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش 

4. كارخانا قىممىتىنى چوڭايتىش 

5. ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش  

مالىيە باشقۇرۇشبىرىنچى، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېنىق دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت ياردەم يۆنىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. 

ئىككىنچى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلقئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىنى خەلقئاراغا تۇتاشتۇرۇش، باش مالىيە ئەمەلدارى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى  مۇكەممەللەشتۈرۈش.  

تۆتىنچى، گۇۋاھلىق بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىچكى چەكلەش ۋە مالىيە باشقۇرۇشنى كونترول قىلىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

پۇلنى كاللىغا قاچىلاش. بىر يىگىت خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مائاشىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب- ماتېرىيال سېتىۋېلىش ۋە كۇرسلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەرپ قىپتۇ. MBA گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چەتئەل سودىگىرى ئاچقان بىر شىركەتنىڭ ئالىي دېرىكتورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى مائاشقا ئېرىشىپتۇ. دېمەك، بىلىم ھەقىقىي بايلىق دېمەكتۇر. ياشلىق مەزگىلىدە پۇلنى داڭلىق ماركىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىغا سەرپ قىلغاندىن كۆرە كاللىغا قاچىلىغان ئەۋزەل.

ساغلاملىققا تايىنىپ پۇل تېجەش. ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. تەن ساغلاملا بولسا، تەبىئىي ھالدا بىر مۇنچە پۇل تېجىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ساغلاملىق قارىشىنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك. سالامەتلىكنى ئاسراشنى بىلمەي، پۇل تېجەشنىڭلا غېمىنى قىلىش، ساغلاملىققا مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيماسلىق- تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغاندەكلا ئىش. شۇڭا، سىرتلارغا چىقىپ سەيلە -ساياھەت قىلىش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق مەبلەغ سالغۇلۇق. ئاغرىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىلمىي مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. دېمەك، ساغلاملىققا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، تەننىڭ ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ ياخشى پۇل تېجەش ھېساپلىنىدۇ.

تىنچ- ئامانلىقمۇ پۇل تاپقانلىقتۇر. كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە، ئادەمنىڭ تىنچ- ئامانلىقى بىر خىل بەخت- تەلەي بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۇل تاپقانغا باراۋەر كاتتا ئىشتۇر. شۇڭا، مالىيە باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە يۈرۈش- تۇرۇش، توك ۋە گاز ئىشلىتىش، ماشىنىغا ئولتۇرۇش ۋە پىيادە يۈرۈش...دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك، مۇداپىئە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك. ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، توك سىمى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقى، كونىراپ كەتكەنلىكى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بايقالغاندا، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. پۇل تېجەيمەن دەپ بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

 ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھازىر جەمئىيەتتە ئالدامچىلار كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان خىلمۇ خىل ھۈنەرلەرنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم ئەھۋاللاردا مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنى مال- دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق ئۇرىدىغان بولغاچقا، ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا ھېچقانداق بىكارلىق ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ساۋات. بىز بىكاردىن بىكارغا مال- دۇنياغا ئېرىشىش خام خيالىدا بولماي، ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىدىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولساقلا، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيمىز. مال- دۇنيانى ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن قولدىن بېرىپ قويمىغانلىقمۇ ئەمەلىيەتتە مۇۋەپەقىيەتلىك مالىيە باشقۇرغانلىقتۇر.

چوڭ بالا- قازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئازراق مال- دۇنيانىڭ مېھرىدىن كېچىش كېرەك. شارائىت يار بەرسىلا ئائىلىدىكىلەرگە بالدۇرراق سۇغۇرتا سېتىۋالغان ياخشى. گەرچە بۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ قايتىپ كەلمىسىمۇ، لېكىن" كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار" دېگەندەك، ئالىمادىس بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالسا، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق يۈكىنى كۆتۈرۈوپ كېلىۋاتقان چوڭلار بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالسا، سۇغۇرتا سېتىۋالغانلىق بىلەن سېتىۋالمىغانلىقنىڭ پەرقى شۇ چاغدا تازا بىلىنىدۇ.

تېجەشلىك بولىمەن دەپ بەك پىخسىقلىق قىلىۋالماي ئانچە- مۇنچە خەجلەشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك. ھازىر جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ. پۇل تېپىشنىمۇ، خەجلەشنىمۇ بىلىش ھازىر مالىيە باشقۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ بىرەر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى قوشۇمچە ئىشلەش ئارقىلىق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇنى ئىدىتلىق باشقۇرۇپ، ئىلمىي ئىستېمال قىلىپ، پۇلنىڭ قەنتىنى چېقىپ يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك مالىيە باشقۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#