لى شياۋشۇاڭ
لى شياۋشۇاڭ ( 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى )، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنتاۋ دىگەن يېرىدىن. كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك « ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالاندى ۋە مەملىكەتلىك گىمناستىكا « ئون مۇنەۋۋەر » تەنھەرىكەتچىسى. 1993 - يىلدىن 1997 - ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئايالى ناخشىچى جاڭ پېينىڭ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالتە يېشىدىن باشلاپ گىمناستىكا مەشىق قىلىشقا باشلىغان. 1983 -يىلى 9-ئايدا گىمناستىكا كوماندىسىغا كىرگەن. 1985 - يىلى تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن، كېيىن يارىلانغانلىق سەۋەبىدىن خۇبېي ئۆلكىسى گىمناستىكا كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن. 1988 - يىلى يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بەدەن شارائىتىنىڭ تەسىرىدە، يەنە بىر قېتىم ئۆلكە كوماندىسىغا قايتۇرۋېتىلگەن. 1989 -يىلى 1-ئايدا 3-قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن. 1996 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1993 - يىلدىن 1997 - ئارقىدىن ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1997 - يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئاكىسى لى داشۇاڭ بىلەن لى شياۋشۇاڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى قۇرغان، ھەمدە تولۇق ئاۋاز بىلەن شياڭگاڭ « كۆلەڭگە » پاتېفۇن پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملاشقان، ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسىنى ئۈنئالغۇغا ئالغان. 2000-يىلى 1-ئايدا لى شياۋشۇاڭ تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتىنى يولغا قويغان. 2002 - يىلى 1-ئايدا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنتاۋ دىگەن يەردە لى شياۋشۇاڭ گىمناستىكا مەكتىپىنى قۇرغان. 2006 بىلەن چىرۈي بىلەن توختاملىشىپ، چىرۈي شىركىتىنىڭ ماركا ۋاكالەتچىسى بولغان.
گىمناستىكا ماھىرى لى شىياۋشۇاڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەنتاۋ دېگەن يېرىدىن. ئۇ 1992 - يىلى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەر ئەركىن گىمناستىكا تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغا، 1996 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئەرلەر گىمناستىكا ئومومىي ماھارەت تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
لى شياۋشۇاڭ ئەڭ ئاخىرقى مەشئەلچى سالاھىيىتى بىلەن مەشئەل ئوچىقىغا ئوت ياققان، بۇ ، شۇنداقلا مۇقەددەس ئوتنى كۈچ ئۇلاپ ۋۇخەن بېكىتىگە يەتكۈزۈپ ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ قېتىمقى مەشئەل خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن بېكىتىدە « ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلى جىڭ چۇ - خۇبېي - سىچۈەن خەلقى مەڭگۈ قەلبداش »، « ئىناق ساياھەت » باش تېما قىلىنغان. لى شياۋشۇاڭ مۇنداق دېدى : ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەڭلار، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سىلەرگە مەدەت بېرىدۇ، سىلەرنى قوللايدۇ ۋە ئىشىنىدۇ. لى شياۋشۇاڭ خۇبىيدىن چىققان ئولىمپىك چىمپىيونى ئۆز يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى نامايان قىلغان.
لى شياۋشۇاڭ 2000 - يىلى تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتىنى قۇرۇلغان، نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ ئىشچى دەسلەپكى 17 كىشىدىن 300 ئادەمگە كۆپەيگەن، يىللىق سېتىش سوممىسى 40 مىليون يۈەندىن 50 مىليون يۈەنگىچە بولغان، بۇ نەتىجە بۇ سودىدا تەنھەرىكەتچى لى شياۋشۇاڭ نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئەڭ قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سودا جەھەتتە لى شياۋشۇاڭنىڭ ئارزۇسى تېخىمۇ زور. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.