جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى

جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى − مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق ئالاھىدىلىكى بولغان، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1941-يىلى 3-ئاي
خەنزۇچە نامى 中国民主同盟

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىدېموكراتىيە ئىتتىپاقى 1941-يىلى 3-ئايدا چۇڭچىڭدا قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى نامى «جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقى» ئىدى. بۇنىڭغا قاتناشقان پارتىيە-گورۇھلاردىن جۇڭگو ياشلار پارتىيىسى، دۆلەت سوتسىيال پارتىيىسى (كېيىن نامى دېموكراتىك سوتسىيال پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى) ، جۇڭخۇا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كومىتېتى (كېيىن نامى جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى) ، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ جەمئىيىتى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش جەمئىيىتى ۋە باشقا زاتلار بولۇپ، خۇاڭ پېييەننى مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. 1942-يىلى شېن جۈنرۇ رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىلىرى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. شۇڭا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئۈچ پارتىيە، ئۈچ گۇرۇھ دەيدىغان نامى بار. 

1944-يىلى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقى چۇڭچىڭدا مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، نامىنى «جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، كوللېكتىپ ئەزالىق تۈزۈمىنى شەخسىي قاتنىشىشقا ئۆزگەرتتى. 1945-يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، 1-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، «ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش؛ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش» دېگەن سىياسىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1946-يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئارىلىقىدا ئالاقىلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى. گومىنداڭ جاھىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، تىنچلىق سۆھبىتى بەربات بولدى، شۇنىڭ بىلەن، دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەزالىرى، مەسىلەن، ۋېن يىدو، لى گۇڭپۇ، دۇ بىنچېڭ، ياڭ بوكەي، يۈ باڭچى قاتارلىقلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، گومىنداڭنىڭ قانۇنسىز ئاچقان «خەلق قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىشنى رەت قىلدى ھەمدە گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ياشلار پارتىيىسى بىلەن دېموكراتىك سوتسىيال پارتىيىسىنى تازىلاپ چىقاردى. 1947-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى يەنىلا «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» نى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلاپ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ باش شتابىنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتتى. 1948-يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شياڭگاڭدا 1-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ۋاقىتلىق باش شتاب قۇردى. ئىككىنچى يىلى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلاشتى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى. دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇزاق يىللىرىدا، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ ھەمدە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ۋە يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، زىيالىيلار مەسىلىسى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار چوڭقۇر پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇپ، ئىتتىپاقتىكى بارلىق يولداشلارنى سوتسىيالىزم ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىدا دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن كىشى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل ۋە سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، «3-مارت» قىزىل بايراقدارى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى.

دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى: خۇاڭ يەنپېي، جاڭ لەن، شېن جۈنرۇ، ياڭ مىڭشۈەن، شى لياڭ، خۇ يۈجى (مۇۋەققەت رەئىس) ، چۇ تۇنەن، فېي شياۋتۇڭ، دىڭ شىسۇن.

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تەشكىلىي قىسمى ، − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تىرىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە . 

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، مىللىي كرزىس مىسلىسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقان پەيتتە، « ئىتتىپاقلىق تەشەببۇس قىلغان دىموكراتىيە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش » بولغان سىياسىي، 1941 - يىلى چۇڭچىڭدا تەركىب تاپقان، ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقى ئىدى. 1944 - يىلى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 

ۋېن يىدو، لى گۇڭپۇ، جاڭ لەن، شېن جۈنرۇ، تاۋ خاڭجې، جاڭ بوجۈن، لو لۇڭجى، ما شۈلۇن، شى لياڭ، خۇ يۇيجژ، چۇ تۇنەن، سۇ بوچىڭ، چيەن ۋېيچاڭ، فېي شياۋتۇڭ، يى جېنشىڭ، خې سەيفېي، شىيا سەيلىى، لياڭ شياۋشېڭ قاتارلىقلار.

جۇڭگو ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىرلەشمە باياناتى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگونىڭ زېمىن دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللارنى ئاتالمىش « دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ». بۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىش، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا قاتتىق ئازار بېرىش، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئىنكار قىلىش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر خىرىسكە ئۇچراش. جۇڭگو ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەندى ۋە قاتتىق ئەيىبلەندى. 

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 

3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى 

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#