چوڭ ھىنگان تېغى

چوڭ ھىنگان تېغى

چوڭ ھىنگان تېغى مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى مەشھۇر تاغ تىزمىسى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورمانچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شىمالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شىلىنمۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن ۋادىسىغىچە سوزۇلىدۇ.

نامى چوڭ ھىنگان تېغى
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى Greater Higgnan Mountains
ئۇزۇنلىقى 1200كىلومىتىر
تۇرۇشلۇق دۆلەت جۇڭگو
كېلىماتى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۇسسۇن كىلىماتى
خەنزۇچە نامى 大兴安岭
جۇغراپىيەلىك ئورنى خېيلۇڭجياڭنىڭ غەرىبى قىسمىدا،ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شەرقى شىمالىدا
كەڭلىكى 200-300كىلومىتىر
ساياھەت مەزگىلى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ
بىلەت باھاسى ھەقسىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ ھىنگان تېغىچوڭ ھىنگان تېغى مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى مەشھۇر تاغ تىزمىسى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورمانچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شىمالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شىلىنمۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن ۋادىسىغىچە سوزۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، كەڭلىكى200 كىلومېتىردىن300 كىلومېتىرغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1100 مېتىردىن1400 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئورمان رايونى بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ زاپاس مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن يېرىمىدەكىنى ئىگىلەيدۇ.

چوڭ ھىنگان تېغىچوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يانباغرى تىكرەك، غەربىي شىمالىي يانباغرىنىڭ يانتۇلۇقى كىچىكرەك بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكىگە قاراپ يانتۇلىشىپ بارىدۇ. ئۇزاق مۇددەت يىمىرىلىش نەتىجىسىدە تاغ چوققىسى يۇپيۇمىلاق ھالەتكە كېلىپ قالغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2029 مېتىر كېلىدىغان خۇاڭگاڭلياڭ چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدۇر. 

 ئورمان بەلۋېغىنىڭ شىمال تەرىپى كەڭرەك، جەنۇب تەرىپى تارراق، جەنۇبتىن شىمالغىچە70 لۇق كەڭلىكنى بېسىپ ئۆتىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن250 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تەخمىنەن %62.

چوڭ ھىنگان تېغىدا نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى بار، مەسىلەن، قىزىل قارىغاي، شۇمتال قاتارلىقلار. بال قارىغاي، ئاق قېيىن، تاغ تېرىكى قاتارلىقلار مەزكۇر جايدا ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدۇر. بۇ يەردىكى دەل-دەرەخلەر ئىنتايىن زىچ ئۆسكەن بولغاچقا، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇياش نۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، شۇڭا، بۇ يەردىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئېگىز ھەم تۈز ئۆسكەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولالايدۇ. بەزى دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى60 مېتىر بولۇپ، غولى ئىنتايىن تۈز.

ھىنگان تېغى كېلىماتىئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يانباغرى دېڭىز-ئوكيان مۇسسونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ياز پەسلىدە يامغۇر بىرقەدەر كۆپ ياغىدۇ، غەربىي شىمالى يانباغرى بىرقەدەر قۇرغاق، شۇڭا، بۇ تاغ ئورمانلىق بىلەن ئوتلاقنىڭ پاسىلىدۇر. چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شىمالىي بۆلىكىنى ھەددى-ھېسابسىز، ئىنتايىن زىچ كەلگەن ئىپتىدائىي ئورمانلىق قاپلاپ تۇرىدۇ.

ياغاچ ماتىريال بايلىقىبۇ يەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول، ئەزەلدىنلا ئالتۇن چىقىدىغان جاي دېگەن نامى بار. ھازىر نۇرغۇن تۆمۈريوللار ئورمان رايونىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، چوڭ ھىنگان تېغى مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدىغان جاي ھەم ئورمان سانائەت بازىسىغا ئايلاندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#