لوبا مىللىتى

لوبا مىللىتى

لوبالار ئاساسلىقى شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەرقتە سايۈدىن غەربتە مېنيۈغىچە بولغان ئارىلىقىدىكى لويۈ رايونىدا ياشايدۇ. «لوبا» زاڭزۇچە سۆز بولۇپ «جەنۇبلۇقلار» دېگەن مەنىدە.

ئۇيغۇرچە نامى لوبا مىللىتى
نوپۇسى 60 تۈمەن
خەنزۇچە نامى 珞巴族
تىلى لوبا تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوبا مىللىتىرىۋايەت قىلىنىشىچە، زېمىن ئانا جىندۇڭ(قۇياش) قاتارلىق توققۇز ئاكا-سىڭىلنى تۇغۇپتۇ، جىندۇڭ يەنە دۇڭرى(يولۋاس) تۇغۇپتۇ، دۇڭرىنىڭ ئوغلى ئابادانى قالتىس شەخس ئىكەن. ئۇنىڭ تۆت كۆزى بار بولۇپ، ئالدىدىكى ئىككى كۆزى بىلەن يورۇق دۇنيانى، كەينىدىكى ئىككى كۆزى بىلەن جىن-شاياتۇنلارنى كۆرىدىكەن، ئاسمانغا چىقالايدىكەن، يەرگە كىرەلەيدىكەن، دۇنيادىكى بارلىق شەيئى ئۇنىڭ ئالىقىنىدا ئىكەن. ئۇ يەنە بىر ئۇستىكار بولۇپ، قاچا-قۇچا ياساش تېخنىكىسى ۋە كۆۋرۈك سېلىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپتۇ. ئابادانى لوبالارنىڭ ئەجدادى ئىكەن. 

لوبالار ئاساسلىقى شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەرقتە سايۈدىن غەربتە مېنيۈغىچە بولغان ئارىلىقىدىكى لويۈ رايونىدا ياشايدۇ. «لوبا» زاڭزۇچە سۆز بولۇپ «جەنۇبلۇقلار» دېگەن مەنىدە. 

لويۈ رايونى ئېگىز تاغلىق ۋە ئورمانلىق بولۇپ، يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، لوبالىقلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى «ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىش» باسقۇچىدا توختاپ قالغان. شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.

لوبا مىللىتىلوبا مىللىتىنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە يۇڭ ياكى ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن قالپاق كىيىدۇ، جىلىتكە كىيىپ، ھايۋان تېرىلىرىنى ئۇچىسىغا ئارتىۋالىدۇ. ئاياللار ئۆزلىرى توقۇغان، قوي يۇڭى، كەندىر ۋە پاختا رەختتىن تىكىلگەن قىسقا چاپان ۋە كاناي يوپكا كىيىدۇ. ئەر-ئاياللار ئادەتتە يالاڭ ئاياغ يۈرىدۇ، ئۇلار تاشلىق تىزىش، قۇلۇلە قېپى ۋە مىستىن ياسالغان تۈرلۈك بېزەكلەرنى تاقىۋېلىشقا، ھاراق-تاماكا ۋە لازىغا ئامراق.

لوبا مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق، ئىلگىرى ئىزچىل ياغاچقا بەلگە سېلىش ۋە ئارغامچا تۈگۈش ئارقىلىق ئىشلارنى خاتىرىلەپ كەلگەن. ھەممە نەرسىدە روھ بار دەپ قارايدىغان ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

لوبالارنىڭ خەلق رىۋايەتلىرى ۋە چۆچەكلىرى ئىنتايىن مول. يىغىلىشلاردا ئۇلار ھاراق ئىچكەچ قەدىمىي رىۋايەتلەرنى ئېيتىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#