ئاچچىق بادام دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئاچچىق بادام (دورا)
  2. ئاچچىق بادام (ئۆسۈملۈك)
دورا

ئاچچىق بادام

ئاچچىق بادام

ئاچچىق بادام  بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك مېۋىلىك دەرەخ ئاچچىق بادامنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، يېڭى، دانلىق، ياغلىق بولغىنى ئەڭ ياخشىدۇر. ئاچچىق بادام سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئاچچىق بادام
ئەرەبچە نامى لەۋزۇل لەھمىر، لەۋزۇلمىر
ئىنگلىزچە Bitter Almond seed
خەنزۇچە نامى 苦巴旦杏仁
پارسچە نامى بادام تەلىغ
ئوردۇچە نامى بادام كىردىۋا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچچىق بادامئاچچىق بادام  بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك مېۋىلىك دەرەخ ئاچچىق بادامنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، يېڭى، دانلىق، ياغلىق بولغىنى ئەڭ ياخشىدۇر. كۈزنىڭ ئاخىرىدا بادام مېۋىسى تولۇق پىشقاندا يىغىۋېلىپ ساقلىنىدۇ. ئاچچىق بادام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، چىرايغا جۇلا بېرىش، بەدەن ۋە تېرىنى پارقىرىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىتى

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئاساسلىق تەركىبى %2 ئەتراپىدا ئامىگدالىن (Amygdalin) ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى فېرمېنتى (Emolsin) %45 ~ 40 گىچە مايلىق ياغ، %35 ~ 25 ئاقسىل، %3 ~ 2 شىلىمشىق ماددا بار. ئۇندىن باشقا يەنە ستاخيوزا (stachyose)، ئالانىن (Alanin) ئامانىدىن (Amandin) قاتارلىقلار بار.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئاچچىق بادامنى ئىستېمال قىلسا، پارچىلىنىپ فلورىك كىسلاتاسى بىلەن فتىل ئالدىھىد ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە بىر گرام ئاچچىق بادام مېغىزى 25mg فلورىك كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل كىسلاتانىڭ كىشلەرنى ئۆلتۈرۈش مىقدارى تەخمىنەن 50mg ، فتول ئالدىھىد ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى تورمۇزلايدۇ.

ئاچچىق بادام1. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىق بادامنى ھەسەل بىلەن ئىچسە، جىگەر، تال توسالغۇسىنى ئاچىدۇ. يۈزىگە چاپسا تېرىنى پارقىرىتىدۇ، داغ چۈشۈرىدۇ.

2. ئاچچىق بادامنى سوقۇپ، بۇزورى شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىسە، ھەيز، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق قايتۇرۇپ ، بۆرەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئاچچىق بادامنى ئۆرۈك مېغىزى بىلەن مۇۋاپىق يەپ بەرسە، زىققە، يۆتەل، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. ئاچچىق بادام فوفەل قەنبىل، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئىچسە، مەددە قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.

مىقدارى

 1 ~ 3 گرام . 

ئەكىس تەسىرى

ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ (زەھەرلىك).

تۈزەتكۈچىسى

شېكەر، ناۋات، تاتلىق بادام

ئۇرۇنباسارى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى.

ئىترىپىل قەنبىل، سىيادان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ (زەھەرلىك).

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=428

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#