سۇ ترانسپورتى

سۇ ترانسپورتى

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي سۇ يولىدىن پايدىلىنىۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى. ئۇلار تاش قوراللار دەۋرىدىلا ياغاچتىن قولۋاق ياساپ، سۇدا ماڭغان، كېيىن قېيىق ۋە كېمىلەر بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن 2 ئەسىر بۇرۇنقى غەربىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە، جۇڭگودىكى يىپەك يولى دېڭىز يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن. دېڭىزدىكى «يىپەك يولى» دېيىلگىنى كۆلىمى چوڭراق سۇ ترانسپورتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۇ ترانسپورتى
خەنزۇچە نامى 水路运输

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ ترانسپورتىئىنسانلارنىڭ تەبىئىي سۇ يولىدىن پايدىلىنىۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى. ئۇلار تاش قوراللار دەۋرىدىلا ياغاچتىن قولۋاق ياساپ، سۇدا ماڭغان، كېيىن قېيىق ۋە كېمىلەر بارلىققا كەلگەن. مىلادىيىدىن 2 ئەسىر بۇرۇنقى غەربىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە، جۇڭگودىكى يىپەك يولى دېڭىز يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن. دېڭىزدىكى «يىپەك يولى» دېيىلگىنى كۆلىمى چوڭراق سۇ ترانسپورتىنى كۆرسىتىدۇ.

سۇ ترانسپورتى دېڭىز ترانسپورتى ۋە دەريا ترانسپورتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىرىدە دېڭىز، يەنە بىرىدە دەريا قاتناش لىنىيىسى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى 6380 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، تەبىئىي «سۇ يولى» ھېسابلىنىدۇ. تۆمۈريول يوق چاغدا بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى جەنۇب-شىمالنىڭ ئاساسىي قاتناش لىنىيىسى ئىدى.

لېكىن، ھەممىلا دەريا-كۆللەردىن تەييار سۇ يولى سۈپىتىدە پايدىلانغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. 1000 توننىلىق كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، دەريالارنىڭ تارلىرىنى كېڭەيتىش، تېيىزلىرىنى تىرەنلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەريالارنى قانال قېزىپ تۇتاشتۇرغاندىلا، چوڭ تىپتىكى ئىچكى دەريا كېمىلىرى تەرەپ-تەرەپكە بارالايدىغان سۇ يولى تورى شەكىللىنىدۇ.

سۇ ترانسپورتىزامانىۋى ئىچكى دەريا ترانسپورتىنىڭ بىرنەچچە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى، ئۆتۈشۇش ئىقتىدارى چوڭ، بىر مىسسىسىپى دەرياسى 10 تۆمۈريولغا باراۋەر، بىر رېين دەرياسى 20 تۆمۈريولنىڭ كۈچىنى بېرىدۇ. ئىككىنچى، توشۇش خىراجىتى ئەرزان، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى دەريا توشۇش خىراجىتى تۆمۈريولنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىگە، تاشيولنىڭ ئون بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۈچىنچى، يېقىلغۇ تېجەيدۇ، چەت ئەللەرنىڭ1 گالون يېقىلغۇ بىلەن 1 توننا يۈكنى توشۇش ئارىلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئايروپىلان 8 كىلومېتىر، ئاپتوموبىل 80 كىلومېتىر، پويىز300 كىلومېتىر بولسا، سۇ يولىنىڭ 550 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بولۇپمۇ، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى توشۇش بەك قۇلاي، سۇ يولى ئىگىلەيدىغان يەر ئاز، 1 كىلومېتىر تۆمۈريول ياكى تاشيول ياساشقا 50 مو يەر كېتىدۇ، دەريا ترانسپورتىدا تەبىئىي دەريادىن پايدىلىنىلغاچقا، يەرنى تولىمۇ ئاز ئىگىلەيدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#