ئوپتىك كومپيۇتېر

ئوپتىك كومپيۇتېر

فوتوننى ئېلېكتىرون ياكى ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، فوتوننى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى قىلىپ ئوپتىك ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە ساقلايدىغان ئوپتىك كومپيۇتېر.

ئۇيغۇرچە نامى ئوپتىك كومپيۇتېر
چەتئەلچە نامى photon computer
ئالاھىدىلىكى نۇرنى ۋاسىتە قىلىدۇ، ھېسابلاش سۈرئىتى ئىنتايىن يۇقىرى
تەتقىقات ئورنى ئامېرىكا بېل تەجرىبىخانىسى
خەنزۇچە نامى 光子计算机
خاراكتېرى تېز، يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى
قىسقارتىلما نامى PHC

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوپتىك كومپيۇتېرفوتوننى ئېلېكتىرون ياكى ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، فوتوننى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى قىلىپ ئوپتىك ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە ساقلايدىغان ئوپتىك كومپيۇتېر.

20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى توپلاشتۇرۇلغان توك يول تېخنىكىسى ۋە ئوپتىك تالالىق ئالاقىلشىشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانلارنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇچۇر  دەۋرىگە باشلاپ كىردى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكىسى ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېر تېخنىكىسىدا ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرلاردا ئېلېكتىرون ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئامىل. ئوپتىك كومپيۇتېردا بولسا فوتون ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئامىل. ئېلېكتىرون بىلەن فوتون بىر-بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە زەررىچىلەر ھەم خۇسۇسىيەت جەھەتتىنمۇ روشەن پەرقلىنىدۇ.

فوتون: يورۇقلۇقنىڭ ئېنېرگىيە كىۋانتى، تۇراقلىق، زەرەتسىز، تىنچ ماسسىسى نۆل بولغان ئاساسىي زەررىچە. فوتوننىڭ نۇرلىنىشى يورۇقلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئېلېكتىرون: مەنپىي زەرەتلىك، مۇئەييەن ماسسىغا ئىگە بولغان تۇراقلىق ئاساسىي زەررىچە. ئېلېكتىروننىڭ مۇقىم يۆنىلىشتىكى ھەرىكىتى توكنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئېلېكتىرون بىلەن فوتوننىڭ مۇناسىۋىتى: ئېلېكتىروننىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى ئۆزگىرىش فوتوننىڭ نۇرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، فوتوننىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئېلېكتىروننىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

ئوپتىك كومپيۇتېرفوتوننى ئېلېكتىروننىڭ ئورنىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى قىلغاندا تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولىدۇ.

فوتون زەرەتسىز زەررىچە بولغاچقا، ئېلېكتىر ماگېنت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر-بىرىگە كاشىلا پەيدا قىلمايدۇ. فوتوننىڭ تىنچ ماسسىسى نۆل، ئۇ ھەم ۋاكۇئۇمدا ھەم يەتكۈزۈش ۋاسىتىسىدە تارقىلىدۇ. تېزلىكى يۇقىرى. ئېلېكتىروننىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتىKm/s 593، فوتوننىڭ ئوپتىك تالادىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى Km/s300000. فوتوننى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى قىلغاندا ساقلاش سىغىمى ۋە يوللاش زىچلىقى يۇقىرى، پاراللېل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. 

ئوپتىك كومپيۇتېرئوپتىك كومپيۇتېردا فوتون ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئامىل بولغاچقا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان يورۇقلۇق ئوخشىمىغان ئۇچۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھازىرقى ئېلېكتىرون دېتاللىرى ئىشلىتىلمەستىن بەلكى لىنزا، پىرزىما، رېفلېكتور، دولقۇن سۈزگۈچ ... قاتارلىق ئوپتىك دېتاللار ۋە ئوپتىك تالا ئىشلىتىلىدۇ. ئوپتىك كومپيۇتېرلار قۇرۇلما جەھەتتىن ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېردىن چوڭ پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت ئېلېكتىرون دېتاللىرىنىڭ ئورنىغا ئوپتىك دېتاللار ئىشلىتىلىدۇ. ئوپتىك دېتاللارنى يۇقىرى دەرىجىدە توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان يۇقىرى تېزلىكتىكى ئوپتىك CPU ئىشلىتىلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ بولمايدۇ، قاتتىق دىسكا ھەم ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ھەم قاتتىق دىسكىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ خىلدىكى قاتتىق دىسكا سۇيۇق ھالەتتە ياكى سۇيۇق كىرىستال ھالەتتە بولۇپ ئۇچۇر ھەربىر ئاتومدا ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇچۇرلارنى يېزىش، ئوقۇش، ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ۋە مۇقىم. كۆرسىتىش كارتىسى ۋە ئېكران بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولىدۇ. ئوپتىك كومپيۇتېرلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى يەنىلا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى توك مەنبەسىدە ئوپتىك ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلىدۇ،  شۇنداق بولغاچقا ھەرقايسى قاتتىق دېتاللار ئوپتىك تالا ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسىي تاختىنىڭ مۇھىم رولى قالمايدۇ. ئوپتىك دېتاللارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن، ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق ئىنتايىن ئاز بولۇپ ئوپتىك كومپيۇتېر ھەقىقىي ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تۆۋەن كاربونلۇق كومپيۇتېر.

ئۇنىڭدىن باشقا ئوپتىك كومپيۇتېرنىڭ ئىنكاس تېزلىكى يۇقىرى، ئوپتىك سىستېمىنىڭ ئىنكاس تېزلىكى 10-15sec. ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىنىڭ ئىنكاس تېزلىكى 10-9sec. ئوپتىك دېتاللار بىر-بىرگە كاشىلا پەيدا قىلمايدۇ. ئۇچۇر يەتكۈزۈش زىچلىقى يۇقىرى، بوشلۇق بەلۋېغى بىلەن چاستوتا بەلۋېغى ناھايىتى كەڭ، ئۇچۇر يوللاش جەرياندىكى خوراش ئىنتايىن كىچىك، پاراللېل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، كۆپ خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرنى ئىككى ئۆلچەملىك يانداش ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ساقلاش سىغىمى چوڭ، ئىشەنچلىك، تەننەرقى تۆۋەن، قوللىنىش دائىرىسى كەڭ، تېمپېراتۇرا، ماگېنت مەيدانىنىڭ تەسىرگە ئاسان ئۇچرىمايدۇ، سىلكىنىشكە، سۈركىلىشكە چىداملىق. مىكرولىشىش دەرىجىسى يۇقىرى. ئېلېكتىرونلۇق توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن ئوپتىك توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئوخشاش بولۇپ پەقەت ئىشلەتكەن دېتال ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسىغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتاللار ئىشلىتىلسە كېيىنكىسىگە مىكرو لىنزا، ئوپتىك تالا، مىكرو تونېل تاختىسى، مىكرو ئوپتىك تىزىلما دېتاللار ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغاچقا ئوپتىك توپلاشتۇرۇلغان سىستېمىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك شەكلىمۇ ناھايىتى كىچىك بولىدۇ.

ئوپتىك كومپيۇتېرلارنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىق تېخنىكىلىرىدا بۆسۈش خاراكتېردىكى نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا سىناق باسقۇچىدا تۇرماقتا، بىراق يېقىن كەلگۈسىدە سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ كومپيۇتېر ساھەسىدە ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ھەم يۇقىرى ئىقتىدار تۆۋەن باھالىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#