شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققى

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللاندى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنىڭ خىزمەت نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区民族团结进步工作条例
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەردە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى.

4-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بۇلۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

5-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

6- ماددا  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ۋە دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

7- ماددا  پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەرنىڭ خاسلىققا ھۆرمەت قىلىشى، كۆپ خىللىققا يول قويۇشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا بەھىرلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

8- ماددا  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغان، مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار ماسلىشىپ يولغا قويىدىغان، ساھەلەر قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ.

2-باب خىزمەت مەسئۇلىيىتى

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتى مەسئۇلىيىتى:

(1) پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش تاپشۇرۇش، بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمىنى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بەرپا قىلىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇش، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش؛

(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىگە دائىر ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛ بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛

(6) ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە (ساقچى) بىلەن خەلق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

(7) شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش.

10- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى، كادىرلار تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، پۇقرالار ئەخلاق تەربىيەسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەر مىللەت ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەشۋىق- تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، دىنىي سورۇن، يېزا- بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)، ھەربىي (ساقچى) گازارمىسى، تۇەن- مەيدانلارنىڭ ليەندۈيلىرىگىچە يۈزلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت چىقىرىپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مۇھىتنى ياخشىلاش، بايلىق جەھەتتە مايىل بولۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تەرتىپلىك ھالدا پەيندىپەي بەرپا قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە چۈشىنىشنى ۋە ھىسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇرۇق- تۇغقانلاردەك ئۆتۈش، ئۆز- ئارا ھەمدەم بۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

12-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت دىن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنغا ياتىدىغان مەسىلىلەردە خىزمەتنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك.

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا يېزا (بازار، مەيدان)، كوچا، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللىلەر تەۋەلىكىدىكى كەنت (شەھەر) ئاھالىسى ۋە كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى شەھەر ئاھالە ئەھدىنامىسى، كەنت ئاھالە ئەھدىنامىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ساھە قائىدىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

15-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا دائىر قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى تەتبىقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پۇقرالارنى قانۇننى بىلىشكە، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

16- ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەت- دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

17- ماددا  مائارىپ تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر مائارىپىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتى، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى ۋە مىللەتلەرگە دائىر بىلىملەرنى دەرسخانىغا، دەرسلىككە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مائارىپ تارماقلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىدا تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قوش تىل مائارىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇشى، يەسلىدىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان قوش تىل مائارىپىنى جىپسىلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   18-ماددا  مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىگە زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى باراۋەرلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رادىيو- تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، يېزىلار (مەھەللىلەر) دا جامائەتچىللىك كىنولىرىنى قويۇپ بېرىش، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ مىللىي، ئەنئەنىۋى، يەرلىك، زامانىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نادىر كىتاب، مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە قوش تىل نەشر بويۇملىرىنى نەشر قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىنو- تېلېۋىزىيە، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنو،  رادىيو- تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆپەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىشنى قوللاپ، نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   19-ماددا  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ تارمىقى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي تېخنىكا مائارىپى جەھەتتىن تەربىيلەشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   ئىشقا ئورۇنلاشقان، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى، بولۇپمۇ شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئورتاق ئىگىلىك تىكلەشكە، تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يۆلەش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

   ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئادەم قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە قوبۇل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  20- ماددا  سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى جەمئىيەتنى تۈزەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرگە كىرگەن ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى شەھەر باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ بازارغا باراۋەر كىرىشىگە، شەھەرگە سىڭىشىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

   21- ماددا  جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئورۇنلار چەت ئەلدىكى شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

   22-ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بارغان جايى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان، كەلگەن جايى باشقۇرۇش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىدىغان باشقۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى باراۋەرلىكىنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ كۆچمە ئاھالىگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بۇلۇشى كېرەك.

  23-ماددا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى تارماقلىرى دۆلەتنىڭ بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك بايلىق ۋە تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   24- ماددا  زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، قاتناش، سۇچىلىق تارماقلىرى بايلىقنى چارلاش-ئېچىش، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا شۇ جايدىكى كارخانىلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپرەك قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

    كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە بايلىقنى شۇ جايدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش شارائىتى بارلار شۇ كەسىپنى شۇ جايدا ئاۋۋال يولغا قويۇشى كېرەك.

   25-ماددا نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى نامراتلىقتىن تۈجۈپىلىك قۇتۇلدۇرۇشى؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ داۋالاش ۋە جامائەت ساغلاملىقى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   26-ماددا تىل-يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  جامائەت سورۇنلىرى، جامائەت ئەسلىھەسى شۇنىڭدەك جامائەت مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تاختا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى، تەشۋىقات تۈرىدىكى، جامائەتچىللىك تۈرىدىكى شوئار قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.

27-ماددا مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قەدىمىي ئەسەرلەرنى توپلاش، قوغداش، قۇتقۇزۇش، قېزىش، رەتلەش، نەشر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىشى كېرەك.

28-ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بازىسى قۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۇزاققىچە مۇقىم ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

29- ماددا  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، ساياھەت، مىللەتلەر ئىشلىرى، سودا، باج، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي سودىنى يۆلەش، ئالاھىدە مىللىي تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەتچىلىككە دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي ماركىنى يېتىلدۈرۈپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

3-باب ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

30-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى ـــ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر مىللەت پۇقرالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.

ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا بەھىرلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداشلاردىن بولۇشى كېرەك.

 31-ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى بىر- بىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۆرپ- ئادەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

32-ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھىمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى پائال قوغدىشى كېرەك.

33-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاممىۋى خىزمەت ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتەك كۆۋرۈكلۈك، ۋاستىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئۇيۇشتۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىشى، ياشلار- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئىجىللىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىشى، ئۇلارنى بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ئىتتىپاق، ئىناق، ئىجىل قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك.

34-ماددا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

35-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم-پەنگە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشكە، نادانلىقنى تۈگىتىشكە، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشقا ۋە ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرسخانا، مۇنبەر قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

36-ماددا پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت، سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە دائىر تەربىيە پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىدىكى مۇھىم بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرى ماركسىزملىق مىللەت- دىن نەزەرىيەسى ۋە سىياسەت تەتقىقاتىنى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، زور ئىدىيەۋى نەزەرىيە مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «پان تۈركىزم»، «پان ئىسلامىزم»، «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»، «يۈكسەك ئاپتونومىيە» قاتارلىق خاتا قاراشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا رەددىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.

37-ماددا ئاممىۋى تاراتقۇلار، يېڭى تاراتقۇلار ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلار ۋە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر بېرىش پائالىيىتىنى كۆپ يول ۋە كۆپ تەرەپتىن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

38-ماددا تۈرلۈك كارخانىلار ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

تۈرلۈك كارخانىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كارخانا تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كارخانىلارنى پائال بەرپا قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى كېرەك.

39-ماددا ئائىلىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 ئاتا- ئانا ۋە باشقا ۋەسىيلەر پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى، پەرزەنتلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى بىلەن تەربىيەلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تارقىتىشى كېرەك.

40-ماددا دىنىي زاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئۆزئارا يول قويۇش، ئىناق ئۆتۈش ۋە ئىتتىپاق، دوستانە بولۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، ئىناق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بۇلۇش، ساۋاپلىق ئىش قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز- تەپسىر جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىق چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك.

41-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ۋارىسلىق تۈزۈملىرىگە ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىشىغا، بېرىشىگە، تەييارلىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

43-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جاي، مىللەت ئايرىمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقا ئامىللارنى باھانە قىلىپ، چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ۋە توساق قۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، بازار رىقابىتىگە باراۋەر قاتنىشىش شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

 44-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، كىنو-تېلېۋېزىيە، تور قاتارلىق ۋاستىلەردە شۇنىڭدەك يەر نامى، كارخانا نامى، مەھسۇلات ماركىسى، ئېلان تارقىتىش ۋە سودا خاراكتېرلىك باشقا پائالىيەتلەردە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزىدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان، دىلىغا ئازار بېرىدىغان مەزمۇننى چىقىرىشىغا ۋە شۇنداق ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.

ئۆرپ- ئادەتكە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان، مىللىي كەمسىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان مەزمۇندىكى پىروگراممىلارنى ئىشلەش، قويۇش ۋە تارقىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

45-ماددا مېھمانخانا، مېھمانساراي، گاراژ- ۋوگزال كۆجۈم بازار قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق قاتناش- تىرانسپورت ساھەسى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا باراۋەر مۇلازىمەت قىلىشى، جاي، مىللەت ئايرىمىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى باھانە قىلىپ كەمسىتمەسلىكى، باشقىچە يول بىلەن كەمسىتمەسلىكى ياكى مۇلازىمەت قىلماي تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.

يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت ساھەلىرى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشى، سەمىمىي، دوستانە بولۇشى كېرەك، دۇكان ۋە ۋىۋىسكا تاختىسى، يېمەكلىكنىڭ نامى، ئورۇسى، ئېلانىدا قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ بولغان تىل- يېزىق، بەلگە، نەقىش ھەم ئۇلارنىڭ بىرىكتۈرمىسىنى ئىشلەتمەسلىكى، مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

4-باب كاپالەت ۋە نازارەتچىلىك

46-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە رەھبەرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە يىللىق نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

48-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنى قەرەللىك ھالدا ئېچىپ، مىللەتلەر بىرلىشىپ ئىگىلىك يارىتىش، نامراتلارنى يۆلەش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون ئاز دېگەندە 5 يىلدا، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)لەر ئاز دېگەندە 3 يىلدا، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ئاز دېگەندە 2 يىلدا بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىشى كېرەك.

49-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت سۈپىتىدە ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئاممىنى تەربىيەلىشى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشى كېرەك.

50-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۈلگە كۆرسەتكەن ئورۇنلارغا ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بىر قېتىم مۇكاپات بېرىلسە بولىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

51-ماددا ھەر يىلى 5-ئاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى قىلىنىدۇ.

52-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىدە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىش، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى ۋە قايىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مۇزېي، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى (ئورنى)، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇش كېرەك، شارائىتى بار جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى قۇرسا بولىدۇ.

53-ماددا گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلار شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلار جامائەت پىكرى نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى تىپىك ئىش-ئىزلار ۋە شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك.

54-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، تەنقىد قىلىش، توسۇش ۋە پاش قىلىشقا ھوقوقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

55-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەت-دىن ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزىتىش مەزگىلىدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئىلغار كوللېكتىپلارنى باھالاشقا قاتناشسا بولمايدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۇناسىپ شەرەپ نامى ۋە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى مۇناسىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

(3) شۇ ئورۇننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي، ھەل قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاممىۋى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلار ھەمدە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

(4) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

56-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 42-، 43-، 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بولغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

57-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

58-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇل خادىمى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

59-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

60-ماددا بۇ نىزام 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#