توقۇمىچىلىق

توقۇمىچىلىق

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان، پاختا، يىپەك، يۇڭ قاتارلىق يەرلىك خام ئەشيالاردىن ھەرخىل توقۇلمىلارنى توقۇپئۆز ئېھتىياجىدىن چىققان ۋە ئېكىسپورت قىلغان.

ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بىر دەستىگاھ ئۇچۈن ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتر مەيدان بولسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ «دۇكان» دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى توقۇمىچىلىق
خەنزۇچە نامى 纺织

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بىر دەستىگاھ ئۇچۈن ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتر مەيدان بولسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ «دۇكان» دەپ ئاتىلىدۇ.

ياغاچتىن توقۇش ئۈسكىنىسى ئورنىتىش

توقۇمىچىلىق دۇكاننىڭ ئالدىغا ئىككى ياغاچ ئورنىتىلىپ ئۈستىگە توغرا ياغاچ قويۇلىدۇ. ئارقا تەرەپكە ئۇستا ئولتۇرىدىغان بىر تاختاي، تاختاي ئالدىغا ئۈرۈش) ماتا(يۆگەش ئۈچۈن بىر چىغرىق ئورنىتىلىدۇ. ئاستى تەرەپكە ئۈستىنىڭ ئىككى پۇتىغا ئۇدۇل قىلىپ ئىككى تەرەپكە) تاختاي(قويۇپ، تەپكىنىڭ ئۇچىغا شانىغا چىگىش ئۈچۈن بىردىن شوينا بېكىتىپ قويۇلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق دۇكاننىڭ توقۇش ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان ئىككى شانا، موكا، ناچا قاتارلىق سايمانلىرى بولىدۇ. 

خام ئەشيا تەييارلاش

 خام ئەشيا تەييارلاش: چىگىتنى چىغرىق بىلەن كېۋەزدىن ئايرىيدۇ. چىغرىقتا ئىككى ئوق بولۇپ، چوڭ ئوق پۇت بىلەن چىغرىق تەپكىسىنى تېپىش ئارقىلىق كىچىك ئوق چىغرىقچىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قارىمۇ قارشى ئايلاندۇرۇلىدۇ. چىغرىقچى سول قولى بىلەن كېۋەزنى ئىككى ئوق ئارىسىغا يېگۈزۈپ چىگىتنى ئايرىيدۇ. پاختىنى زەي تارتىلغان دۇكان بىلەن ئېتىپ تالالىرىنى يېشىلدۈرۈپ پىلتە قىلىدۇ. قول چاقىدا ئېگىرىپ قومۇشقا يۆگەيدۇ.

ئۈرۈش تارتىش ۋە ئارقاق

ئۈرۈش تارتىش ۋە ئارقاق: ئۈرۈش توقۇلىدىغان رەختنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ تارتىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى چەكلەنمەيدۇ. ئۈرۈش يىپىنىڭ بىر ئۇچى ئىككى شانا رېشاتكىسىدىن ئۇدۇل ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇستا ئالدىدىكى چىغرىققا يۆگىلىدۇ. يەنە بىر ئۇچى دۇكاننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى دارغا ئارتىلىپ ئاستىغا مۇۋاپىق ئېغىرلىقتا تاش ئېسىپ ئۈرۈشنى تەكشىلەيدۇ، ئىككى شانىغا ئىككى تەپكىدىكى شوينىنى باغلايدۇ. ئارقاق ئۈچۈن ناچا، موكا تەييارلايدۇ. 

توقۇش

توقۇشتوقۇش ئۇسۇلى: ئۇستا ئورنىدا ئولتۇرۇپ، قولىغا موكا ئالىدۇ ۋە ئىككى بارمىقى بىلەن شانىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ بىر پۇتى بىلەن بىر تەپكىنى تېپىدۇ. شانىنىڭ بىرى كۆتۈرۈلۈپ يىپ ئېكىس) x(ھاسىل قىلىدۇ. موكا ئېكىس ئارىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇستا موكىنى تۇتۇۋېلىپ بارماق قولىنى شانىدىن ئالىدۇ. شانا ئارقىغا يېنىپ توقۇلغان يىپقا تېگىپ ئۇنى چىڭدايدۇ. شۇنداق قىلىپ موكا تىنىم تاپماي ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ يۈرۈپ ئارقاق بىلەن ئۈرۈشنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تىنىم تاپماي يۈگۈرۈپ يۈرىدىغان كىشىلەرنى «بابكانىڭ موكىسى» غا ئوخشىتىش ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#