شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى

مىلادىيە960-يىلىنىڭ بېشىدا كېيىنكى جۇ سۇلالىسى ئوردىسى توساتتىن شىمالىي چېگرىدىن كەلگەن جىددىي جەڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا شىمالىي خەن ھاكىمىيىتى لياۋ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي چېگرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى، دېيىلگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن جاۋ كۇاڭيىن لەشكەر باشلاپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئەۋەتىلدى. نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن پايتەخت كەيفېڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خۇاڭخې دەرياسى ئېغىزىدىكى چېنچياۋ ئۆتىڭىگە كەلگەندە، سەركەردە-لەشكەرلەر بىر شاھانە سېرىق توننى جاۋ كۇاڭيىنغا يېپىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. جاۋ كۇاڭيىن قوشۇن باشلاپ ئوردىغا قايتىپ كېيىنكى جۇ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنى قۇردى.

ئۇيغۇرچە نامى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 北宋
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
ئاساسلىق دىنى بۇددا دىنى،داۋجياۋ دىنى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
ئەلباشى جاۋ كۇاڭيىن
نوپۇسى 126 مىليون
قىتئە تەۋەلىكى
ئاسىيا
پايتەختى بيەنلياڭ
باشقا نامى The Song Dynasty

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادىيە960-يىلىنىڭ بېشىدا كېيىنكى جۇ سۇلالىسى ئوردىسى توساتتىن شىمالىي چېگرىدىن كەلگەن جىددىي جەڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا شىمالىي خەن ھاكىمىيىتى لياۋ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي چېگرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى، دېيىلگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن جاۋ كۇاڭيىن لەشكەر باشلاپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئەۋەتىلدى. نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن پايتەخت كەيفېڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خۇاڭخې دەرياسى ئېغىزىدىكى چېنچياۋ ئۆتىڭىگە كەلگەندە، سەركەردە-لەشكەرلەر بىر شاھانە سېرىق توننى جاۋ كۇاڭيىنغا يېپىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. جاۋ كۇاڭيىن قوشۇن باشلاپ ئوردىغا قايتىپ كېيىنكى جۇ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنى قۇردى. سۇڭ سۇلالىسى بيەنلياڭ(ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ) نى پايتەخت قىلدى، مىلادىيە1126-يىلىغا كەلگەندە جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى پايتەختنى ئىشغال قىلىپ، سۇڭ خۇيزۇڭ، سۇڭ چىنزۇڭدىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى، سۇڭ سۇلالىسى167 يىل مەۋجۇت بولۇپ، توققۇز پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ، تارىختا «شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. 


شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنى شەرق ۋە جەنۇپتا دېڭىزغا تۇتىشاتتى، شىمالدا لياۋ سۇلالىسى بىلەن، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتا غەربىي شيا سۇلالىسى بىلەن، غەربىي جەنۇبتا تۈبۈتلەر بىلەن چېگرىلىناتتى.



شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈردى ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقنى كۈچەيتتى. مەسىلەن، ئالىي سەركەردىلەرنىڭ لەشكىرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاددىي نەسەبتىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم سەركەردىلەرنى لەشكىرىي قوشۇنغا قوماندانلىققا تەيىنلىدى. قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىچكى جەھەتتە قوغداشنى كۈچەيتىش، تاشقى جەھەتتە مۇداپىئە كۆرمەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي لەشكىرىي كۈچنى پايتەخت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يەرلىكنى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتتى، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى بىلەن قوشۇن يۆتكەش ھوقۇقىنى ئايرىش، سەركەردىلەرنى قوشۇندىن ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشۇننىڭ سەركەردىلەرنىڭ خۇسۇسىي قوراللىق كۈچىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، مەركىزىي ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن ۋەزىر، زوراغا بېگى، ئۈچ مەھكىمە بېگى قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ۋەزىرنىڭ مەمۇرىيەت، لەشكىرىي ئىشلار ۋە مالىيە جەھەتتىكى ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىپ، ۋەزىرنىڭ چوڭ ھوقۇقنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىشىنى چەكلىدى، يەرلىك ئورۇنلارغا مۈلكىي ئەمەلدارلارنى قويۇپ، ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئىشقا قويماي، سەركەردىلەرنىڭ قوراللىق بۆلۈنمىچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر بۆلۈنمىچىلىكنى ۋە ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىنى چەكلەپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشقا پايدىلىق بولدى، بىراق بۇ يەنە قوشۇنلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاپ كېتىش، بيۇروكرات ئورگانلار كۆپىيىپ كېتىش، ھەربىي، مەمۇرىي چىقىم ئېشىپ كېتىش، مالىيە قىيىنچىلىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئەھۋال قوشۇنلارنى ئىشقا سېلىشتا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. كىشىلەر شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكىرىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قېلىش، ھەربىي كۈچ ئاجىزلاش ۋەزىيىتىنى «نامراتلىق بىلەن ئاجىزلىقنىڭ جۇغلانمىسى» دەپ ئاتىدى.

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، كىچىك كۆلەمدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى، ھاكىمىيەت پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. مىلادىيە1070-يىلى سۇڭ شېنزۇڭ ۋاڭ ئەنشىنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ قانۇن ئۆزگەرتىپ، مايسا قانۇنى، ھاشار قانۇنى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قانۇنى، يەرنى ئۆلچەپ باجنى تەڭشەش قانۇنى، باۋجيا(ئائىلىلەرنى كېپىللىككە بېرىش) قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار يېڭى قانۇنلارنى ئېلان قىلىپ، قانۇن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۆلەتنى بېيىتىپ قوشۇننى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. يېڭى قانۇن ئون نەچچە يىل يولغا قويۇلۇپ بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق مۇتەئەسسىپ بيۇروكراتلارنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن، مىلادىيە1085-يىلى سۇڭ شېنزۇڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى قانۇنمۇ بىكار قىلىندى.


شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي ئىگىلىك مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ جەنۇبنىڭ ئىگىلىكى خېلى تېز راۋاجلىنىپ، شىمالدىن ئېشىپ كەتتى. سودا-سېتىق تەرەققىي قىلىپ، شەھەرلەر گۈللەندى. 


جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى تۆت چوڭ پەن-تېخنىكا كەشپىياتى ئىچىدىكى − مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى، كومپاس ۋە مىلتىق دورىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كەشپىياتى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كەشىپ قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتى. 


شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چېگرىلار زادىلا ئەمىن تاپمىدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن شىمالدىكى لياۋ سۇلالىسى، غەربىي شىمالدىكى غەربىي شيا سۇلالىسى(تاڭغۇتلار) ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم ئۇرۇش يۈز بەردى. مىلادىيە1004-يىلى لياۋ سۇلالىسى قوشۇنى كەڭ-كۆلەمدە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇدۇل خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى چەنجۇ(ھازىرقى خېنەندىكى پۇياڭ) شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، نەتىجىدە، سۇڭ، لياۋ سۇلالىلىرى ئوتتۇرىسىدا «چەنيۈەن ئىتتىپاقى» كېلىشىمى تۈزۈلدى، كېلىشىمدە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ھەر يىلى لياۋ سۇلالىسىگە100 مىڭ سەر كۈمۈش، 200 مىڭ توپ يىپەك بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.


شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سۇڭ خۇيزۇڭ ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگەن چىرىك پادىشاھ بولۇپ، ئۇ سەي جىڭنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن چىرىكلەشتى. بۇ چاغدا شەرقىي شىمالدىكى خېيلۇڭجياڭ، سۇڭخۇاجياڭ دەريالىرى ۋادىسىدا ياشايدىغان جۇرجىتلار قۇرغان جىن سۇلالىسى لياۋ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادىيە1126-يىلى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئىككىنچى قېتىم جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كەيفېڭنى ئىگىلەپ، سۇڭ خۇيزۇڭ بىلەن سۇڭ چىنزۇڭنى ئەسىرگە ئالدى. 1127-يىلى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى. شۇ يىلى سۇڭ چىنزۇڭنىڭ جىڭكاڭ يىلنامىسىنىڭ2-يىلى بولغاچقا، بۇ ۋەقە «جىڭكاڭ ئۆزگىرىشى» دەپ ئاتالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#