ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى

ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى

ھامىلە بېشىنىڭ ئىچىدىن بۇرۇلۇشى توسالغۇغا ئۇچراپ داۋاملىق گەجگە كەينى بىلەن كېلىدۇ. تۆۋەندىن گەجگە توغرىسىغا كېلىدۇ.  ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىشى ياخشى بولمايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 胎位异常
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ھامىلە ئورنىنىڭ نورمالسىز بولۇشنىڭ تۈرلىرى مۇرەككەپئالدىن كېلىش كۆپ ئۇچرايدىغىنى تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل بولىدۇ.

 1.ھامىلە تۇغۇلۇشنىڭ نورمالسىز بولۇشى: مەسىلەن، ساغرا بىلەن كېلىش، توغرىسىغا كېلىش قاتارلىقلار.

2. ھامىلە بېشىنىڭ ئىچىدىن بۇرۇلۇشى توسالغۇغا ئۇچراش: مەسىلەن، داۋاملىق گەجگە كەينى بىلەن كېلىش، تۆۋەندىن گەجگە توغرىسىغا كېلىش.

3. ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىشى ياخشى بولماسلىق: مەسىلەن، يۈزى ئالدىن كېلىش، پېشانىسى ئالدىن كېلىش، ئالدى لىپىلداق ئالدىن كېلىش.

4. مۇرەككەپ ئالدىن كېلىش: باش ياكى ساغرا ئاساسلىق ئالدىن كېلىش قىسمى بولۇشتىن تاشقىرى، پۇت-قوللىرى بىرگە ئالدىن كېلىش قىسمى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قول ئوخشاش ۋاقىتتا چىقىپ قېلىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ

سەۋەبى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن


ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى1. بالىياتقۇ بوشلۇقى زىيادە چوڭ ياكى قورساق تېمى زىيادە بوش بولغاندا، ھامىلىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىر نەچچىنى تۇغقان ئاياللاردا باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئوڭايلا ساغرا بىلەن كېلىش، توغرىسىغا كېلىش، يۈزى بىلەن كېلىش ھەم مۇرەككەپ ئالدىن كېلىش پەيدا بولىدۇ.

 2. بالىياتقۇ بوشلۇقى مۇھىتىنىڭ ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇنىڭ نورمالسىز بولۇشى، بالا ھەمرىيى بالىياتقۇنىڭ بىر تەرەپ بۇرجىكىدە ئورۇنلىشىش نەتىجىسىدە بالىياتقۇ تۈۋى ۋە تېنى يىغىلىپ كىچىكلەش، قوشكېزەك، باش سۈيى زىيادە ئاز بولۇش ۋە قورساق تېمى زىيادە چىڭ بولۇش قاتارلىقلار ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھامىلىنىڭ تەبىئىي ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3. ھامىلە بېشى بىۋاسىتە توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. داس تارىيىش، بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىن جايلىشىشى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ياكى باشقا ئۆسمە سەۋەبىدىن داس بوشلۇقىنى توسۇۋالغان چاغدا كۆرۈلىدۇ.

4. ھامىلە تېنىدىكى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. غەيرى شەكىللىك ھامىلە، ھامىلە بېشى زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىش، ھامىلىنىڭ ھالىتى نورمالسىز بولۇش ياكى ھامىلە بېشىنىڭ ئىگىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھامىلە ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى ھامىلە ئورنىنىڭ نورمالسىز بولۇشنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر تۇغۇت كۈچىنىڭ نورمالسىز بولۇشى، تۇغۇت يولىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدا سۆزلەنگەن بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرراق بولىدۇ. مەسىلەن: توغرىسىغا كېلىش ئاسانلا بالىياتقۇنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ساغرىدىن تارتىش ئوپېراتسىيىسى ئوڭايلا ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىدا زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇڭا تۇغۇتتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نورمالسىزلىق بولسا بالدۇر بايقاپ، ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1218

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#