سەنتاڭخۇ يېزىسى

سەنتاڭخۇ يېزىسى

سەنتاڭخۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى سەنتاڭخۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三塘湖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قومۇل ۋىلايىتى
نوپۇسى 1373 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى sān táng hú xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەنتاڭخۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان.

سەنتاڭخۇ يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرجەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئېدىرلىق ئىچىدە تارقالغان ئۈچ سۇ ئوتلىقى دەپ نام ئالغان، قەدىمكى يىپەك يولىكى تۆگە سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم ئۆتەڭلىرىنىڭ بىرى، باركۆلدە «يايلاقتىكى قاراۋۇللۇق چازىسى» دېگەن نامى بار. كۆلىمى 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 990 ~ 900 مېتىر.

ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 5100 مو، ئومۇمىي تېرىلغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3120 مو، بۇنىڭ ئىچىدە كەنجى قوغۇنلۇق 2223 مو، 50 مو بۇغداي، قوناق 300 مو، كۆكتات 150 مو، يەم-خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 117 مو، ئىقتىسادىي ئورمان 180 مىڭ مو، ياغلىق دان كۆلىمى 100 مو.

سەنتاڭخۇ يېزىسى مىنگو دەۋرىدە كاڭلى يېزىسى تەۋەلىكىدە بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ دەريا گۇڭشېسىنىڭ 6-چوڭ ئەترىتى بولغان. 1962-يىلى سەنتاڭخۇ خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

سەنتاڭخۇ يېزىسىغا قاراشلىق ئوتتۇرا كۆل كەنتى، شاڭخۇ كەنتى، شاخۇ كەنتى، ساقا كەنتى قاتارلىق 4 مەمۇرىي كەنت بار.

سەنتاڭخۇ يېزىسىدا جەمئىي 900 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 1267 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، جۇاڭزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 1266 ئادەم، قازاق 90 ئادەم، خۇيزۇ 7 ئادەم، موڭغۇل 6 ئادەم، جۇاڭزۇ 6 ئادەم، ئۇيغۇر 3 ئادەم. يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 333 ئائىلىلىك، 1254 ئادەمگە يەتكەن، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى % 0.78، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 2.34 بولغان.

سەنتاڭخۇ يېزىسىسەنتاڭخۇ يېزىسىدىكى قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، تازىلانغان شور، ئالتۇن، تاش مۇم، ئاشتۇز، بېنتونىت قاتارلىق قېزىلما بايلىق تۈرلىرى بار.

ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى جەرەن، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، سۈلەيسۈن، بۆرە قاتارلىقلار بار.

ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن سۆكسۆك، جۇڭگو چىنارى، يۇلغۇن قاتارلىقلار بار.

ئاساسلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن كەنجى قوغۇن، ياغلىق ئۆرۈك، تاتلىق سۇ بېلىق قاتارلىقلار بار.

سەنتاڭخۇ يېزىسىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن : توغراقلىق، ھېقىق ساھىلى، سۇ ئامبىرى، ئىم قاتارلىقلار بار.

2005- يىلى سەنتاڭخۇ يېزىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 516.88 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1- كەسىپ (يېزا ئىگىلىك) كىرىمى 331.58 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 30.78 مىڭ يۈەن ئاشقان، 2011- يىلىدىكىدىن % 10.2 ئاشقان، چارۋىچىلىق كىرىمى 128 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپ كىرىمى 2.6 مىڭ يۈەن، 2000 يۈەن، % 8  ئاشقان. 3 - كەسىپنىڭ كىرىمى 5 مىليارد 490 مىليون يۈەن، 10.27 مىڭ يۈەن، % 20.9 ئاشقان. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 456.58 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن % 5.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 331.58 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، % 10.2 ئاشقان، چارۋىچىلىق كىرىمى 125 مىليون يۈەن، 51 مىڭ 600 يۈەن ئازايغان، ئامپلىتۇدىسى % 6 كېمەيگەن، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى: قوغۇن 1890توننا، ئاشلىق 15 توننا، ياغلىق دان 10 توننا بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#