كاجول دېۋاگان

كاجول دېۋاگان

كاجول دېۋاگان ھىندىستان نىڭ نام چىقارغان ئايال ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى. 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستان بومباي دا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كاجول دېۋاگان
باشقا نامى كاجول
يۇرتى بومباي
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ئاكتىيور، ئارتىس
خەنزۇچە ئىسمى 卡卓尔·德乌甘
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 168cm
پۈتتۈرگەن مەكتىپى St Joseph Convent boarding school in Panchgani

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاجول دېۋاگان 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستان قان سېستىمىسىدىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئەسلى ئىسمى كاجول مۇكارجى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ھىندىستاندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنوچىلىق ئائىلىسى، ئۇلۇغ بوۋىسى ھىندىستان دىكى پىشۋا دەرىجىسىدىكى رېژىسور، بوۋىسى ساشاد مۇكارجى ۋە ھاممىسى ناھايتى چوڭ يۈزى بار كىشىلەردىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تاغىسى ھامما ئانىسى، نەۋرە ئاكا ئۇكا ،ئاچا-سىڭىللىرى بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپانلاردىن.

كاجولنىڭ دادىسى شومۇ مۇكارجى رېژىسور ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى، ئاپىسى تانۇجا مۇكارجى ئىلگىركى مۇكاپاتلانغان ئاكتىيور، ھامما ئانىسى نۇتان ھىندىستانىڭ نام قازانغان كىنو خانىشى، ئۇنىڭ مومىسى شوبنا ساماش ۋە ئۇلۇ مومىسى راتان بەيمۇ ھىندى تىلىدا ئىشلىندىغان كىنو ئارتىسىرى ئىدى. كاجولنىڭ سىڭلىسى تانىشا مۇكارجى كىنو ساھەسىدىكى يېڭى ئەزا.

كاجول كىچىكى ۋاقتىدا ناھايتى كەپسىزھەم جاھىل بۇلۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنى «ئەگەر مەندە بىر خىيال پەيدا بولسا، مەن چۇقۇم ئۇنى قىلىمەن» دەپ تەسۋىرلىگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرۇپ، كاجول ئانىسىغا قالغان، ئانىسى ئۇنىڭدا بىرخىل مۇستەقىللىق قارشىنى يېتىلدۈرگەن بۇلۇپ، ئۇ ئانىسى تەرەپتە ماراتلارنىڭ كونكىرىت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋارىسلىق قىلىشقا، داھىسى تەرەپتە بېنگەللىقلارنىڭ خارەكتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

كاجول باشلانغۇچ مەكتەپنى ياتاقلىق يېتىپ ئۇقۇيدىغان مەكتەپتە ئۇقۇغان، 16 ياشقا كىرگەن يىلى، يازلىق تەتتىللىك ئارام مەزگىلىدە تۇنجى فىلىمىدا رول ئالغان. سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپتىن چېكىنىپ چىققان، چۈنكى ئۇ فىلىمدە رول ئېلىشنى تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىشتەك ھېس قىلغان، ئۇنىڭ تۇنجى رول ئالغان فىلىمى ئىقتىسادىي قىممەت جەھەتتە مەغلۇپ بولغان بولىسمۇ، ئۇنىڭ رول ئېلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان ۋە 1993-يىلى شاھرۇلخان ئەر باش پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان فىلىم: مۇھەببەت ئالدامچىلىقىدا، ئايال باش پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ توختام تۈزگەن. ھەمدە بۇ فىلىم قۇيۇلغاندىن كېيىن ناھايتى زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان.

كاجول«كېلىن يۆتكەش» بولسا 1995-يىلى  كاجول بىلەن شاھرۇھخان ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تاھازىرغىچە كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتقان ئەڭ نادىر فىلىملىرىنىڭ بىرى.

«بۇنداق ئىشلار بولۇپ يۇرىدۇ» بولسا 1998-يىلى يەنە بىر قېتىم شارۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن نادىر فىلىمدۇر.

«سۆيگۈ ئۈچۈن»بولسا 2006-يىلى كاجول بىلەن ئامىرخان ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم. «شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ» بولسا 2005-يىلى كاجول بىلەن شارۇلخان ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم.

«مېنىڭ ئىسم خان»نى 2010-يىلى كاجول بىلەن شارۇلخان ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم. «يېڭى كېلىن يۆتكەش» بولسا 2015-يىلى كاجول بىلەن شارۇلخان ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم.

ھىندىستاندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىنو ئىشلەش جەريانىدا ھېچقانداق ئەنئەنىۋى قائىدە يۇسۇنلارغا سەل قارىمىغاچقا ، كۆرۈرمەنلەر ئۇنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى بەش قېتىم «كىنو خانىشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلار ئۇنى بوللىۋود كىنو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇڭ قازانغان ئايال ئاكتىيور دەپ بىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#