ئاق توشقان

ئاق توشقان

توشقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئوتخور ھايۋان. ئۇنىڭ ئۇزۇن بىر جۈپ قۇلىقى، سەل دىڭگايغان كالتە قۇيرۇقى بار. ئۇ سەكرەپ ئويناقشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاق توشقان
خەنزۇچە نامى 白兔
ئائىلىسى توشقان ئائىلىسى
يەنە بىر خىل نامى توشقان
ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى ئوتخور ھايۋان
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق توشقانتوشقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئوتخور ھايۋان. ئۇنىڭ ئۇزۇن بىر جۈپ قۇلىقى، سەل دىڭگايغان كالتە قۇيرۇقى بار. ئۇ سەكرەپ ئويناقشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدى پۇتى قىسقا، كەينى پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا، يۈگۈرگەندە تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك ئارقا پۇتى بىلەن يەرنى تېپىپ بەدىنىنى ئالدىغا سىلجىتىپ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئاق توشقانئادەتتە توشقانلار ياۋا توشقان، پەتەك توشقان، كىچىك تىپلىق توشقان، ئوتتۇرا تىپلىق توشقان، چوڭ تىپلىق توشقانلاردىن كۆندۈرۈلگەن ئۆي توشقانلىرى بولۇپ، ھازىر نۇرغۇن نەسىللىرى بار. ئەگەر سىز دىققەت بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئۆي توشقىنىنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى بەدىنىدىكى مويىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن، كۈل رەڭ توشقاننىڭ كۆزى كۈل رەڭ، قارا توشقاننىڭ كۆزى قارا بولىدۇ. پەقەت ئاق توشقاننىڭ كۆزىلا قىزىل بولىدۇ. توشقانلارنىڭ بەدىنىدىكى پىگمېنتلار خىلمۇخىل بولغاچقا، كۆزلىرىنىڭ رەڭگىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ ھەم بۇ رەڭ پىگمېنتلىرى توشقان مويىنىڭ رەڭگىنىمۇ بەلگىلىگەن. ئاق توشقان بەدىنىدە پىگمېنت يوق توشقان نەسلىگە كىرگەچكە، مويى ئاق بولغاندىن باشقا، كۆزىمۇ رەڭسىز سۈزۈك بولىدۇ، بىز كۆرۈۋاتقان قىزىل رەڭ كۆزىدىكى ھەقىقىي رەڭ بولماستىن، بەلكى كۆزىدىكى قاننىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان قىزىل رەڭگىدۇر.

ئاق توشقانئوت - چۆپ ئاساس، ئاشلىق قوشۇمچە قىلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ھەر كۈنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى كۆپ خىل بولغان سەي -كۆكتات بىرىش زۆرۈردۇ، يەنىلا مەخسۇس تەييارلانغان توشقاننى بېقىش بىر قەدەر قولاي بولغان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش.توشقان ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىك : كۆكتات، سەۋزە، تاتلىقياڭيۇ؛ كۆكتاتلارنى قىلغاندا پاكىزە يۇيۇپ بولۇپ ئاندىن بىرىش. مېۋە - چىۋە : بانان، ئۈزۈم، ئالما، بۆلجۈرگەن.   كۆك چۆپ، مامكاپ، مەرۋىگۈل ۋە باشقا يېمەكلىكلەر. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#