ئارال يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئارال يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
  2. ئارال يېزىسى (چەرچەن ناھىيەسى)
  3. ئارال يېزىسى ( كېرىيە ناھىيەسى)
  4. ئارال يېزىسى (چىڭگىل ناھىيەسى)
يەكەن ناھىيەسى

ئارال يېزىسى

ئارال يېزىسى

ئارال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى قارلىق ئىگىزلىك پامىر تاغ ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقى غەربىي چېتىگە، گۈزەل يەكەن دەرياسى بويىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئارال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 69.32 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿热勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 14075 ئادەم
چەتئەلچە نامى airele

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارال يېزىسىئارال يېزىسى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شەرق تەرىپى يەكەن دەرياسىنى پاسىل قىلىدۇ، جەنۇبى يەكەن ناھىيەسى چارباغ يېزىسى بىلەن چىگىرىلىنىدۇ، غەربى ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى مىشا يېزىسى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇردۇ. يېزا بويىچە ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 69.32 كۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1226 مېتىر، كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىمات، تۇپراق تۇپرىقى قۇملۇق يەر.

ئارال يېزىسى يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 47477 مو، ئومۇمىي نوپۇسى 14075 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 3015 ئائىلە، 15 مەمۇرىي كەنىت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى؛ يېزا بويىچە 31 پارتىيە ياچېيكىسى (بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ياچېيكا 2)، «3 پېشقەدەملەر» لەردىن 96 ئادەم،  17 ئىتتىپاق ياچېيكىسى بار.

ئارال يېزىسىئارال يېزىسى كىلىماتى تىپىك سۇبتروپىك بەلباغ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، تۆت پەسىل ئېنىق، قىش-ياز ئۇزاق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، قۇرغاق يامغۇر ئاز ياغىدۇ ھەم سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور. كېچە-كۈندۈز ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13، يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى ℃50 تىن ℃60، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ℃10-℃15، 7-ئايدا ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃32.8، يىللىق ئوتتۇرىچە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5، 1-ئايدا ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃12. يىللاردىن بۇيانقى چېكىدىن ئاشقان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.5 كېلىدۇ، ℃30 تىن يۇقىرى كۈن سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 85-94 كۈن؛ مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇرا ℃23.5، ℃10 دىن تۆۋەن بولغان كۈن سانى 30-49 كۈن. پۈتۈن بىر يىلدا ℃10 تىن ئارتۇق يىغىندا تېمپېراتۇرا ℃4082، توڭ تۇپراق قەۋىتى 40-60cm، قۇياش رادىئاتسىيىسى مىقدارى 135 كىلوكالورىيە/ كۋادرات سانتىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2950 سائەت، قىروسىز مەزگىلى تەخمىنەن 173 كۈن.

يىللىق يامغۇر مىقدارى 50 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. پارلىنىش ئىقتىدارى 2240 مىللىمېتىر، قىش پەسلىدە يىغىلىپ قالغان قار ئاز، تۆت پەسىلدە غەربىي شىمال دولقۇنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 1.9-2.1 مېتىر/ سېكۇنت، ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 مېتىر/ سېكۇنت، دەرىجىلىك شامال سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10-16 كۈن، ئەڭ كۆپ بولغان يىللىرى 24 كۈن ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىك شامال سۈرئىتى يۇقىرى، كۈز پەسلىدە شامال سۈرئىتى سەل تۆۋەن، قۇم-بوران خاراكتېرلىك ئاپەت ھاۋارايى مەركەزلەشكەن. 

ئارال ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى بولسا «ئارال»، مىلادىدىن بۇرۇنقى يەكەن دەرياسى بىلەن جىڭ كەنتى چاك دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوستانلىق دەپ ئاتالغان. 1984-يىلى يېزا تەسىس قىلىنغان. 

ئارال يېزىسىئارال يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653125201، يىزىغا قاراشلىق 15 مامۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: بۆلۈمە كەنتى، چەتۈك كەنتى، سۆگەتلىك كەنتى،  تۆگە تاتار كەنتى، قاراتېرەك كەنتى، تۈگمەن بېشى كەنتى، خالخا بازار كەنتى، سېرىق دۆۋە كەنتى، تارامبويى كەنتى، چوڭئۆستەڭ كەنتى، ساۋاللا كەنتى، بايدۆۋە كەنتى، ئاچاتتوقى كەنتى، ئازغانباغ كەنتى، ئۈجمە ھويلا كەنتى، مەيداڭ دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار. 

ئارال يېزىسىئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق قاتارلىقلار. 

ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، قوغۇن-تاۋۇز ، كۆكتات قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە «يېشىل ئورگانىك ئىسپات بېرلگەن» بادام قاتارلىقلار. 

باغۋەنچىلىكتە بادام ئارال يېزىسىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى، تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىڭ موغا يەتكەن. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزىدا ئومۇمىي چارۋا سانى29027 تۇياق. چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىدىن 148 دانە (يۈرۈش)، كىچىك تىپتىكى كىچىك مـاشىـنـىلاردىن 1282 دانە (يۈرۈش). سۇ، توك، يول ئاساسىي جەھەتتىن راۋانلاشقان.

پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 7 مەكتەپ بار. بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر، 9 يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا (كەسپىي) ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 4 ۋە 13 دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار. 180 ئادەمدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىسى 4100 نەپەر. 2006-يىلى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليون 310 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2564 يۈەن.

ئارال يېزىسىئارال يېزىسى باي دۆۋە كەنتى تىلاۋەتخانىسى دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ئارال يېزىسى باي دۆۋە كەنتىگە ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتر. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 65-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى يەكەن ۋاڭى قۇرغان، ئېگىزلىكى 12 غۇلاچ (4 مېتىر)، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24 مىڭ مو، شىپاڭلىق زىننەت دەرۋازىسى بار. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#