جېمىنەي ناھىيەسى
جىمىنەي ناھىيىسى ساۋىر تېغىنىڭ شىمالىى ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىمىنەي ناھىيىسى ساۋىر تېغىنىڭ شىمالىى ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيسى 88 كىلومېتىر) . شەرقتىن غەربقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 6472.8 كۋادرات كىلومېتىر.
جېمىنەي ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 59 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسىنىىڭ بىر تۇەن-مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 631 كىلومېتىر .
1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 33 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار% 61.25 نى، خەنزۇلار %35.5 نى، باشقا مىللەتلەر %3.25 نى تەشكىل قىلىدۇ.
جېمىنەي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چارۋا باقىدىغان يەر بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلىرىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32-يىلى(1906-يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 5-يىلى(1916-يىلى) جېمىنەي ئامبال ياردەمچىسى تەسىس قىلىنغان، مىنگونى 19-يىلى(1930) دەرىجىسىنى كۆتۈتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋىلايىتى، 6-مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.
جېمىنەي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 3.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 38.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2940.8 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2242.5. قىروسىز مەزگىلى 137 كۈن ئەتراپىدا. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 190 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2169.9 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 300 گېكتار(199 مىڭ 500 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 535 مىڭ 300 گېكتار(8 مىليون 30 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، يېرىم ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پۇرچاق، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ۋە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. 1995-يىلى 10-ئايدا دۆلەت تاشيولىنىڭ 217-لىنىيىسى تۇتاشتۇرۇلغان جېمىنەي-خېيىشەنتۇ ئاسفالىت يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى قاتنىشى قولايسىز بولۇشتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. جىمىنەي ئېغىزى شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن سودا قىلىدىغان مۇھىم يولىنىڭ بىرى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.