تاشئالما

تاشئالما

تاشئالما، ئالما ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ خىل ئۆسۈملۈك بىلەن كۇلى بېھىسى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئورتاق نامى. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەردىن تاشئالما گۈلى ۋە ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۇلى بېھىسى ھەممىسى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، جۇڭگو دىكى مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تاشئالما
ئىنگلىزچە نامى Chinese flowering crabapple
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئالما ئۇرۇقدىشى، كۇلى بېھىسى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海棠
تارقالغان رايونلار جۇڭگو
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى ئازغان كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشئالماتاشئالما ئالما ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ خىل ئۆسۈملۈك بىلەن كۇلى بېھىسى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئورتاق نامى. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەردىن تاشئالما گۈلى ۋە ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۇلى بېھىسى ھەممىسى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، جۇڭگودىكى مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. باغۋەنچىلىكتە قات گۈللۈك قات بەرگىلىكىنىڭ ھال رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك ئۆزگەرگەن تۈرى بار. 

تاشئالما تۈرىدىكىلەرنى كۆپىنچە شەھەر كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش مەنزىرە گۈل-گىياھ، (بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە مېۋە ئىستېمال قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان سورت بار) ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن : تالالىق تاشئالما، بېھى تاشئالما، 4-دەرىجىلىك تاشئالما مۇھىم مۆتىدىل بەلباغ گۈل-دەرەخى. جۇڭگونىڭ شەندۇڭ، شەنشى، كوخوگۇ، جياڭشى، ئەنخۇي، جاڭسۇ، جېجىياڭ ، گۇاڭدۇڭ، گۇۋاڭشى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

كۇلى بېھىسى

تاشئالمايوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئېگىزلىكى 7 مېتىر، تىكەنسىز. كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، بېغىر رەڭ، بالىلىق چاغلىرىدا سۇس سېرىق رەڭلىك تىۋىتى بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى سويۇلۇپ پلاستىنكىسىمان ئىزى روشەنلىشىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك ياكى ئېللىپسسىمان سوقىچاق، ئۇزۇنلۇقى 9.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3 ~ 6 سانتىمېتىر ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكلىدە ياكى يۇمىلاقراق بولۇپ، گىرۋەكلىرىدە تىكەنلىك قىلتىرىقى ئۇششاق ھەرە چىشى بار، چىش ئۇچىدا بەز بار، يۈزى تۈكسىز، يۇمران مەزگىلدە يوپۇرماق تومۇرى تەرىپىنى بويلاپ شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، ئارقا تەرىپى يۇمران ۋاقتىدا قويۇق سېرىق ئاق رەڭلىك تىۋىتلار بىلەن قاپلانغان بولىدۇ.

يوپۇرماق سېپى توم، ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 1.5 سانتىمېتىر، سارغۇچ ئاق رەڭلىك تىۋىتى بولىدۇ، ئۈستىدە ئىككى تەرىپىدە تاياقسىمان بەز تەنچىلىرى بولىدۇ، ھەمراھ يوپۇرمىقى نېپىز پەردىلىك، ئېلىپىسسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 7 ~ 15 مىللىمېتىر، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان، گىربەكلىرىدە بەزسىمان چىشى بولىدۇ، يوپۇرماق تومۇرىنى بويلاپ يۇمشاق تۈكچىسى بولىدۇ.

گۈل نەيچىسى قىسقا شېخىنىڭ ئۇچىدا يەككە ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 2.5 ~ 3 سانتىمېتىر، گۈل ساپىقى توم ھەم قىسقا، ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 10 مىللىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر، گۈل كاسا نەيچىسى سىرتتا بولۇپ تۈكسىز، 1 ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تېمىنسىمان ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7 مىللىمېتىر ، ئالدى ئۇچىدىكى ئۇزۇن ئۇچلۇق ، گىرۋىكىدە شالاڭ بەزسىمان چىشى بولىدۇ، سىرتتا تۈكسىز ياكى شالاڭ تۈكى بولىدۇ، ئىچكى قىسمىدا سۇس قوڭۇر تۈكى، گۈل چىنىسى كانايسىمان، مېۋىسى قاتلاقلىق، گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5 مىللىمېتىر بولىدۇ، ئانىلىق بوينىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 6 مىللىمېتىر، يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. مېۋىسى نەشپۈتسىمان ھەم ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، كاۋا چېچىكى رەڭدە، پاقىراق، مېۋە ئېتى  ياغاچسىمان، تەمى سەل قېرىق، خۇشبۇي پۇراقلىق، مېۋە ساپىقى قىسقا. چېچەكلەش مەزگىلى 4-ئاي، مېۋىلەش ۋاقتى 9 ~ 10 ئاي.

تاشئالما 

تاشئالمادەرەخ ئىگىزلىگى 8 مىتىرغا يىتىدۇ، كىچىك شاخلىرىمۇ توم بولۇپ، سىلىندىرسىمان، كىچىكىدە قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بار، بارا-بارا تۆكۈلۈدۇ، كونىرىغان چېغىدا قىزىل قوڭۇر رەڭ ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، تۈكسىز، تاقىر، قىشلىق بىخى تۇخۇمسىمان، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان، مىكرو يۇمشاق تۈكچىسى بولىدۇ، قېنىق سۆسۈن رەڭلىك، بىر قانچە دانە ئوچۇق قاسىراقسىمان چاناقلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپىس ياكى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 8.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 ~ 3 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق ياكى يۇمىلاق، تۈۋى قىسمى كەڭرى شىنا شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىللىك، گىرۋەكلىرىدە ئۇششاق ھەرە چىشى بار، بەزىلىرى قىسمەن سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، يۇمران ۋاقتىدا ئىككى يۈزىنى شالاڭ قىسقا يۇمران تۈكچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ، يوپۇرمىقى تۈكسىز بولىدۇ.

يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 ~ 1 سانتىمېتىر بولۇپ، قىسقا يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. ھەمراھ يوپۇرمىقىدا نېپىز پەردە بولۇپ، تار تېمىنىسىمان، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان، تولۇق گىرۋەكلىك، پۈتۈن گىرۋەكلىرىنىڭ ئىچى يۈزىنى ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. گۈل رېتى كۈنلۈكسىمان، 4 تال گۈلى بولىدۇ، گۈل ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.2 سانتىمېتىر بولۇپ، يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئورىغۇچى پەردە بولىدۇ، تىمىنە شەكىللىك، بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ، گۈل دىئامېتىرى 5.4 سانتىمېتىر، گۈل كاسا نەيچىسى سىرتتا بولۇپ تۈكسىز ياكى ئاق رەڭلىك تىۋىتى بولىدۇ، گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تولۇق گىرۋەكلىك، پۈتۈن گىرۋەكلىك، سىرتتا تۈكى يوق ياكى بەزىدە شالاڭ تۈكلۈك بولىدۇ، ئىچىدە قويۇق ئاق مامۇق پەيلىرى بولىدۇ، گۈل كاسسىسى گۈل كاسا نەيچىسىگە قارىغاندا ئاز ھەم قىسقا بولىدۇ.

گۈل بەرگىسى تۇخۇم شەكىللىك، ئۇزۇنلىغى 2 ~ 2.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1.5 ~ 1 سانتىمېتىر، تۈۋى قىسمى قىسقا، پەنجىسى بولىدۇ، ئاق رەڭ بىخنىڭ ئىچى قىزغۇچ رەڭلىك بولىدۇ، ئاتىلىق 20 ~ 25، ئاتىلىق يىپىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ياپراقچىلىرى ۋە گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ يېرىمىغا تەڭ، ئانىلىق بوينى 5 بولۇپ، سۇيۇق 4، تۈپى قىسمىدا ئاق رەڭلىك تىۋىتى بولىدۇ، ئاتىلىقىغا قارىغاندا سەل ئۇزۇن بولىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاق، دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىر، سېرىق رەڭلىك، گۈل كاسسا ياپرىقى شاختا چۈشمەي تۇرۇپ قالىدۇ، تۈۋى ئولتۇرۇشۇپ كەتمەيدۇ. مېۋە ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئۇچى قېلىن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتىمېتىر. چېچەكلەش مەزگىلى 4 ~ 5 ئاي، مېۋىلەش مەزگىلى 8 ~ 9 ئاي.

تاشئالماتالالىق تاشئالما، خېنەن تاشئالمىسى، خۇبىي تاشئالمىسى، گەنسۇ تاشئالمىسى، دولانسىمان تاشئالما، ئۇششاق تاشئالما، ساڭجياڭ تاشئالمىسى، ساغرىسىمان تاشئالما، ئۈچ يوپۇرماقلىق تاشئالما، تاشئالما گۈل، ئۆزگىرىشچان يوپۇرماقلىق تاشئالما، شىزاڭ تاشئالمىسى، يۈننەن تاشئالمىسى، كۇلى بېھىسى، پۈرۈلمە قوۋزاق كۇلى بېھىسى، تۈكلۈك يوپۇرماقلىق كۇلى بېھىسى، ياپون بېھسى قاتارلىق تۈر ۋە سورتلىرى بار.

تۈزلەڭلىكلەر ياكى تاغلىقلار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 50 ~ 2000 مېتىر بولغان جايلار.

جۇڭگو نىڭ شەندۇڭ، خىنەن، شەنشى، ئەنخۇي، جاڭسۇ، كوخوگۇ، سىچۈەن، جېجىياڭ، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە (رايون)لاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ نەسىل جۇڭگودىكى مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو رايونلىرىدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

تاشئالماتاشئالما مېغىزىنىڭ ياغ نىسبىتى %35.99، ماي چىقىش نىسبىتى %30، غەيرى پۇرقى يوق، يېگىلى بولىدۇ ھەم سوپۇن ياساشقا بولىدۇ. ھوردا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن مېۋىسىدە مۇراببا ياساشقا يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يەلنى ھەيدەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، پەيلەرنى بوشىتىش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار، ھەمدە ھاراقنى كېسىپ، بەلغەمنى يوقىتىدۇ، تولغاقنى توختىتىدۇ. گۈلى دورا-دەرمەك قىيامىنىڭ خام ماتېرىيالى بولىدۇ، تەمى بەك لەززەتلىك. قوۋزىقىنىڭ تەركىبىدە تاننىن ماددىسى بار بولۇپ، كاۋچۇك يىلىمى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ياغىچى قاتتىق، كارىۋات تۈۋرۈكى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھويلىلارنى كۆكەرتىشتىكى ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ. 

ئوزۇقلۇق قىممىتى مايمۇن شاپتۇلى بىلەن تەڭ ئورۇندا بولۇپ، « 100گە داۋا مېۋىسى» دېگەن نام بىلەن داڭ چىقارغان، مەھسۇلاتلىق يېمەكلىك. كۇلى بېھىسىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، جىگەرنى ۋە ئاشقازاننى، مۇسكۇل ئۆزگىرىشى، بەل ۋە غول تېلىپ ئاغرىشنى توختىتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق رولى بار. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىيى شۇنى ئىسپاتلىدىكى كۇلى بېھىسى تەركىبىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل قۇۋۋەت بولۇپ، ئېنېرگىيە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش ياللۇغ قايتۇرۇش، سىڭىرلارنى بوشىتىپ تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، قان تومۇرنى يۇمشىتىش، يەلنى ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنىمى بار. تاشئالما سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، شېكەر سىيىش كېسىلى ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. خەلق ئارىسىدا تاشئالما، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكىنى دورا بىلەن داۋالاشتىكى مۇھىم دورىلارنىڭ بىرى . 

تاشئالما گۈلىنى تەشتەك مەنزىرىسى ياساش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، شېخى كېسىپ لوڭقىغا سېلىش ۋە باشقا بېزەك ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تاشئالما گۈلىنىڭ گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدقا  تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، شەھەر كوچىلىرىدا يېشىللىق ۋە كان رايونلىرىنى يېشىللاشتۇرۇشتا كۆپىنچە تاشئالما گۈلى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، تاشئالما مېۋىسى بار، يېمەكلىك تەمىنلىنىدۇ، دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. گۈلنىڭ تەركىبىدە ھەسەل بار بولۇپ، ياخشى ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. دەرىخىنىڭ تۇرقى چىرايلىق، جۇڭگودا، كۈز كىرگەندىن باشلاپ ئالتۇن مېۋىلەر دەرەخكە تولۇپ، خۇش پۇراق شامالغا ئەگىشىپ دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. يالغۇز تىكىپ ئۆستۈرۈشكە، ھويلا ئالدى-كەينىدە، كۈن زالنىڭ كىرىش ئېغىزىغا، چىملىق، ئۆسۈملۈك ياكى باشقا گۈل- گىياھلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تىكىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، يەنە پاكارلاشتۇرۇپ تەشتەك مەنزىرسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھوردا پىشۇرۇلغاندىن كېيىنكى شېكەرلەنگەن مېۋسىنى يېمەكلىك قىلىشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

تاشئالماتاشئالما − ئەتىرگۈل ئائىلىسى، تاشئالما گۈلى − ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۇلى بېھىسىنىڭ كۆپەيتىش ئۇسۇلى باشقا تۈرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلاش، قەلەمچە كۆمۈش، قەلەمچە تىكىش، قەلەمچە قىلىپ تىكىش، تۈپكە ئايرىپ تېرىپ كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار. كۆپىنچە نەم ھاۋانى ياخشى كۆرىدۇ، ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرادىن ساقلىنىدۇ، تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئۆسۈشى ناچار بولۇپ، چېچەكلەشتىن بۇرۇن ئوغۇتلاش ھەمدە سۇ مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش، چېچەكلەشتىن كېيىن سۇغىرىشنى  ئازايتىش كېرەك.

بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل بېگونىيەنىڭ تۈرىدىكى چاچما يىلتىزى، گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق چاتاش كېرەك.

ئەتىياز پەسلىدە بىخلىنىشتىن بۇرۇن ياكى كۈزدە 7-ئايدىن 9-ئايلاردا ئۇلىنىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە بىخلىنىشتىن بۇرۇن ياكى كۈز ۋە قىشتا يوپۇرماق تاشلىغاندىن كېيىن كۆتىكىدىن بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ. ئەتىيازدا نوتا ئايرىشقا ۋە يىلتىزىنى تىكىشىكە بولىدۇ. ئەتىيازدا تېرىشتىن بۇرۇن ئۇرۇقنى توغرا كىسىپ، 30 كۈن ~ 100 كۈنگىچە تۆۋەن تېمپىراتۇرادا كۆرۈلۈپ قەۋەتلەپ بىخلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئەتىيازدا بىر قېتىم چاتىلىدۇ، ئاجىز شاخ قۇرۇش، دەرەخ شەكلىنى ساقلاپ تارقاقلاشتۇرۇش، شامال ۋە يورۇقلۇق ئۆتۈشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ، ياكى ئۇلاشقا بولىدۇ. تېرىش 10-ئايدا ئۇرۇق يىغىش، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقنى قۇمغا كۆمۈپ قىشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا تېرىلىدۇ. شاخ باستۇرۇش كۆپىنچە ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مايسىسىنى ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تاش ئالما ياكى ئۆستۈرۈلگەن كۆچەت ئۇلاق تۈۋى قىلىنىدۇ ھەمدە ئەتىيازدا كەسمە ئۇلاق قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#