بالىلار يۆتىلى

بالىلار يۆتىلى

يۆتەل مەخسۇس بىر كېسەللىك ئەمەس، بەلكى نەپەس يوللىرى سىرتتىن كىرىپ قالغان يات جاراسىملار ۋە چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك قاتارلىق غەيرى تەبىئىي نەرسىلەر شۇنداقلا كاناي ۋە شاخچە كانايدا پەيدا بولغان ئاجراتمىلار بىلەن توسۇلغاندا ئۇلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تەبىئىي پەيدا بولىدىغان نەپەس يوللىرىنى كۈچلەندۈردىغان بىر خىل قوغدىنىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى بالىلار يۆتىلى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆپكە ۋە كانايغا چاڭ-توزان كىرىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلار
ئاساسلىق ئالامىتى ھالسىزلىق، بېشى ئاغرىش، قىزىتىش
خەنزۇچە نامى 小儿咳嗽
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلار يۆتىلىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىلارنىڭ ئۆپكە ۋە كانايلىرىغا يات ماددا، بۇزۇق گاز، چاڭ-توزان قاتارلىقلارنىڭ كىرىشى ۋە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ھالسىزلىق، بېشى ئاغرىش، قىزىتىش، گېلى قۇرۇپ قىچىشىش، كۆكرىكى چىڭقىلىپ ئاغرىش، نەتىجىدە يۆتىلىش ئارقىلىق قىچىشىش ۋە چىڭقىلىشنى پەسەيتىشكە مەجبۇر بولۇش، يۆتەلدىن كېيىن چاپلاشقان بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەل بالا ھالسىزلىق ھېس قىلىدۇ. بېشى ئاغرىيدۇ، سەل قىزىيدۇ، گېلى قۇرۇيدۇ ياكى  قىچىشىدۇ. نەتىجىدە، يۆتەل ئارقىلىق قىچىشىشنى بېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كۆكرىكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، سەل قىزىيدۇ، بەزىدە يۆتەلدىن كېيىن چاپلاشقاق بەلغەم چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.

  مۇشۇ باسقۇچتا مۇۋاپىق ۋە توغرا داۋالانسا، كېسەل يىلتىزىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا سوزولما يۆتەلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

بۇنداق سوزولما يۆتەل كۆپىنچە ھاۋا ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا ۋە قىش پەسىلىدە كۈچىيىپ قالىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە 100 گىرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمشىباھار 25 گىرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گىرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ، سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشەنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بالىلار يۆتىلىتەركىبى: سەرپىستان 50 دانە، چىلان 20 دانە، پوستى خەشخاش 15 گىرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى سەككىز گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى ئىككى گىرامدىن، بېھى ئۇرۇقى ئۈچ گىرام، ئاق شېكەر 16 گىرام، بادام مېغىزى شىرىسى، خەشخاش شىرىسى سەككىز گىرامدىن، رۇببىسۇس، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شىرە دورىلار ۋە رۇببىسۇسلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ سىقىپ سۈزۈپ، شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئاندىن شىرە دورىلارنى ۋە رۇببىسۇسنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گىرام دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرام ئىچىلىدۇ.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1-رېتسېپ

پىننە ۋە ئەنجۈر قېقىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

2-رېتسېپ

ھەمىشە باھار غولىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا، يۆتەل پەسەيتىدۇ.

3-رېتسېپ

سەبرە يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تىكىنىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىزە يۇيۇپ، ئېزىپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، بىر قوشۇقتىن، تاماقتىن كېيىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى توختىتىدۇ.

4-رېتسېپ

بەدىياندىن 12 گىرام ئېلىپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، ئازراق ھەسەل قوشۇپ تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلدۇرۇلسا، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

5-رېتىسپ

قوينىڭ قۇيرۇقىنى كالىنىڭ سۈتى بىلەن پىشۇرۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتە يېگۈزۈپ بېرىلسە، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇمشاق، ئوڭاي سىڭىدىغان تاماقلارنى ۋە قايناقسۇنى كۆپرەك بېرىپ، كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق قورىغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى . 

http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=31&id=163

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#