قەشقەرنىڭ تاغلىرى

 قەشقەر تاغلىرىدىن قارا قۇرۇم تېغى، كوئىنلون تېغى، مۇز تاغ، چوگىر چوققىسى، ھەزرىتى موللام تېغى، قۇمالتاغ، ئالۋاستى تاغ، بوز تاغ، غىرداڭغا تېغى، كۆك چوققا، كاجۇن سىرت تېغى، ۋەزىر تېغى، دەرۋازا تېغى، مازار تاغ، ئوقۇر مازار تېغى، بەلتاغ، چوققا تاغ، سېرىق بولىس تېغى، قاپتىيوت تېغى، ئالاقىيار مۇنار تېغى، جىلغا، دامسى تاغ چوققىسى، تاش تاغ چوققا، قارا جىلغا چوققىسى، دايوبوي چوققىسى قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ تاغلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر تاغلىرىدىن قارا قۇرۇم تېغى، كوئىنلون تېغى، مۇز تاغ، چوگىر چوققىسى، ھەزرىتى موللام تېغى، قۇمالتاغ، ئالۋاستى تاغ، بوزتاغ، غىرداڭغا تېغى، كۆك چوققا، كاجۇن سىرت تېغى، ۋەزىر تېغى، دەرۋازا تېغى، مازار تاغ، ئوقۇر مازار تېغى، بەلتاغ، چوققا تاغ، سېرىق بولىس تېغى، قاپتىيوت تېغى، ئالاقىيار مۇنار تېغى، جىلغا، دامسى تاغ چوققىسى، تاش تاغ چوققا، قارا جىلغا چوققىسى، دايوبوي چوققىسى قاتارلىقلار بار.

قارا قۇرۇم تېغى

  قارا قۇرۇم تېغى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان تاغ تىزمىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ شىمالى، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رەسكام دەرياسىنىڭ جەنۇبى بۇ تاغ تىزمىسىنىڭ ئەمەلىي دائىرىسى بولۇپ، كەشمىر، شىزاڭ بىلەن تۇتىشىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى چېگراسى ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 280 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  قارا قۇرۇم تېغى بىلەن شىزاڭدىكى ھىمالايا تېغى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن 8000 مېتىر ئېگىز بولغان 14 چوققا ئىچىدە تۆت چوققا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان، دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدىغان چوگىر چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قارا قۇرۇم تېغى ھىمالايا تېغىدىن پەسرەك، مۇزلۇقلار كۆپرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۈز كەتكەن جىلغىلار كۆپ بولۇپ، ئاساسىي تاغ تىزمىسى بىلەن قاتار تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قارا قۇرۇم تاغ رايونى چوڭ مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن مۇزلۇقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىدىن، قاراقۇرۇمدىكى مۇزلۇقلار «ھەممە سۇنىڭ مەنبەسى» بولغان پامىر رايونىدا ئىنسانلارنى سۇ مەنبەسى بىلەم تەمىنلەيدىغان «قاتتىق ھالەتتىكى سۇ ئامبىرى» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. كەشمىردىن ھىندىستانغا قاراپ ئاقىدىغان ھىندى دەرياسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ؛ دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى يەكەن دەرياسىمۇ بۇ يەردىن باشلىنىدۇ، بولۇپمۇ يەكەن دەرياسىنىڭ ئۇلۇغ سۈيى قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قەشقەر بوستانلىقىنى سۇغىرىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولۇپ، قەشقەر بوستانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى،

  قارا قۇرۇم رايونىدىكى بەزى تاغ ئېغىزلىرى تارىختا جۇڭگو ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى، ساياھەتچىلەر بېرىپ كېلىدىغان خەلقئارا سودا يولى بولۇپ كەلدى. غەرب ئەللىرى خەلقى بۇرۇن جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولىنى «قارا قۇرۇم لىنىيەسى» دەپ ئاتىشاتتى. بۇ لىنىيە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا مەلۇم رول ئوينىدى.

 كوئىنلون تېغى

  كوئىنلون تېغى دۆلىتىمىز چېگراسىدىكى مەشھۇر چوڭ تاغ، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كوئىنلون تېغى نۇرغۇن تاغ تىزمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان غايەت زور تاغ سېستىمىسى بولۇپ، غەربىي قىسمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغ جىلغىسى ۋە قارا قۇرۇم تېغى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ تاغ شەرققە قاراپ تاكى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغىچە سوزۇلغان. شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2500 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 150-200 كىلومېتىر ئەتراپىدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500-6000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. كوئىنلوننىڭ شىمالىي تەرىپى غايەت زور توسۇق سۈپىتىدە شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقى ۋە چىڭخەينىڭ سەيدام ئويمانلىقىغا قاراپ تۇرىدۇ؛ جەنۇبىي قىسمى تاغ ئالدىدىكى سازلىق، ئويمانلىق ۋە كەڭ جىلغا بولۇپ، شىمالىي شىزاڭ تۈزلەڭلىكى ۋە چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ بېشىدىكى تاغلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

 كىشىلەر ئادەتتە كوئىنلون تېغىنى غەربىي، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمغا ئايرىشىدۇ. غەربىي قىسمى كوئىنلون دەپ ئاتىلىدۇ، پامىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن، يەنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى جىلغىدىن باشلىنىپ خوتەننىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇ بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 150 كىلومېتىر بولۇپ، تىزناپ تېغى، ساڭجۇ تېغى، قوڭۇر تاختا قۇرۇم تېغى، تاشقورغان تېغى، سۆگەت تېغى قاتارلىق ئۈچ رەت تاغ تىزمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان. غەربىي تەرىپىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 7719 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر تاغ ۋە 7546 مېتىر ئېگىز بولغان مۇز تاغ ھەمدە شەرقىي تەرىپىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 7282 مېتىر ئېگىز بولغان مۇز تاغ ۋە 6802 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىرىلچوققا تېغى غەربىي كوئىنلوندىكى چوڭراق تاغ چوققىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاغلار باشقا تاغلار بىلەن بىرگە غايەت زور بىر تەبىئىي توسۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، غەربىي شىمالدىن كەلگەن ھاۋا ئېقىنىنى توسۇپ تۇرىدۇ.شۇ سەۋەبلىك كۆپ قىسىم تاغ يەرلىرىدە ھۆل-يېغىن يېغىپ، قىسمەن رايونلاردا بۈك-باراقسان ئورمانلار شەكىللەنگەن. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوئىنلون تاغ ئورمان مەيدانىنىڭ نۇرغۇن ئورمانلىقلىرى يەكەن، قاغىلىق ناھىيەلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى غەربىي كوئىنلوننىڭ شىمالىي چېتىگە تارقالغان. ئوتتۇرا كوئىنلون يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ باشلىنىش رايونىدىن تارتىپ، قارا مىرانتاغ ئېغىزىغىچە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر كېلىدۇ. قارا مىرانتاغ ئېغىزىنىڭ شەرقىي تەرىپى شەرقىي كوئىنلون كوئىنلون تېغى ھېسابلىنىدۇ.

 كوئىنلون تاغ تىزمىلىرى بىرقەدەر ئېگىز بولغاچقا، نۇرغۇن مۇزلۇقلار ۋە يىغىلىپ قالغان قارلار بار. بۇ مۇزلۇقلار ۋە قارلار ھاۋا ئىسسىغاندا ۋە ياز پەسىللىرىدە دەرھال ئېرىپ دەريا ئېقىنى، كۆل ۋە يەر ئاستى سۇلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ كىشىلەرنى مول سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەشقەر، خوتەن ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى كوئىنلون تېغىدىكى مۇزلۇقلار ۋە قارلار بىلەن زىچ باغلانغان.

  ھەيۋەتلىك كوئىنلون تېغىدا قار-مۇزلار مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مول كان بايلىقلىرى يوشۇرۇنۇپ ياتماقتا. قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە بايلىقلارنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، سىنىك قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بايلىقلاردىن ئالتۇن، خىروم، مولبېدىن، كۇبالىت، پىلاتېنا، نىكېل قاتارلىقلار بار.

 مۇز تاغ

  مۇز تاغ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا، قەشقەر شەھىرىدىن تۈز سىزىق بويىچە 180 كىلومېتىر يىراقلىققا، تاشقورغان ناھىيەسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنى چېگراسىغا جايلاشقان. بۇ تاغدا يىل بويى ئېرىمەيدىغان قارلار بولغاچقا، مۇز تاغ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇ پامىر ئېگىزلىكىدىكى مەشھۇر ئېگىز چوققىلاردىن بىرى بولۇپ، ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز.

  مۇز تاغ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە، كوئىنلون تېغىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يانتۇ بەلباغقا جايلاشقان. يەر شەكلى يۇمىلاق، يىراقتىن قارىغاندا، خۇددى شەرق تەرىپى پۇچۇق كەلگەن ھورنانغا ئوخشايدۇ. ئاساسىي چوققىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە 100-200 مېتىر قېلىنلىقتىكى قار-مۇز قەۋىتى بار؛ غەربىي جەنۇب، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرەپلىرىدە چوڭ-كىچىك بولۇپ 16 مۇزلۇق بار بولۇپ، جىلغىنى بويلاپ تۆۋەنگە سوزۇلغان. شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى مۇزلۇقلار بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. شەرقىي تەرىپىدە «كۆك شىر» دەپ ئاتىلىدىغان بىرلا مۇزلۇق بار، ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي تەرىپىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مۇزلۇقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇنى يامبۇلاق مۇزلۇقى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ كىچىكى ئاران 1.2 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇزلۇق جىلغىلار تار بولۇپ، نۇرغۇن قىزىقارلىق مۇزلۇق جىلغىلار بار، بۇ يەردە نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ مۇزلۇق جىلغىلار، مۇز يېرىقلىرى ۋە مۇز شارقىراتمىلار بار.

  مۇز تاغدىكى ناھايىتى قېلىن قار-مۇز قاتلىمى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. مۇز تاغدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 275 كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي سۇ زاپىسى 23 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ تاغ تەبىئىي «مۇزلىتىلغان سۇ ئامبىرى» بولۇپ، ھەريىلى ياز پەسلىدە تاغدىكى قار-مۇزلار ئېرىپ، قار سۇلىرى تاغدىكى جىلغىلاردىن ئۆتۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پايانسىز بوستانلىقلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر، ئورمانلىق، يايلاقلارنى سۇغىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سانائەت، يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى مول سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە تارىم دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھاسىل قىلىدۇ.

 مۇز تاغ ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قامىتى ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتى بىلەن مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ئالپىنېستلارنى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  1956-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو-سوۋېت بىرلەشمە ئالپىنېستلار كوماندىسىدىكى 31 كىشى مۇزتاغ چوققىسىغا تۇنجى قېتىم چىقىپ، كىشىلەرنىڭ مۇزتاغقا چىقىش پائالىيىتىدە بىر تارىخىي بەت ئاچقانىدى. 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگونىڭ يەنە بىر ئالپىنېستلار كوماندىسىدىكى 33 كىشى بۇ چوققىغا يەنە بىر قېتىم چىقىپ، جۇڭگو ئالپىنېستلار كوماندىسى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوققىلارغا چىقىشىدا ئىجادىيەت ياراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇزتاغ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەر-ئايال ئالپىنېستلار بۇ يەرگە يىغىلىپ، تاغقا چىقىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

  مۇز تاغ ئېتىكىدە، ياپيېشىل كىمخابتەك نۇرغۇن يايلاقلار ۋە تەبىئىي كۆللەر بار. كىشىلەر بۇ يەردە تاغ چوققىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قار-مۇز دۇنياسىنى تاماشا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يايلاقلاردا ئات چاپتۇرىدۇ، مۇزلۇق كۆللەر ئەتراپىدا سەيلە-ساياھەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاجىك، قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كۆرەلەيدۇ، چارۋىچىلارنىڭ سۆڭەك، نەي، راۋاب قاتارلىق چالغۇلار بىلەن چالغان مىللىي مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ. مۇز تاغ ھازىر كىشىلەر تەلپۈنىدىغان گۈزەل بىر ماكان بولۇپ قالدى.

چوگىر چوققىسى

  چوگىر چوققىسى دۆلىتىمىز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. شىمالىي پاراللېل 35 گرادۇس 52 مىنۇت، شەرقىي مېرىدىيان 76 گرادۇس 31 مىنۇت ئارىلىقىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر كېلىدۇ. چوگىر چوققىسى قارا قۇرۇم كوئىنلون تېغىدىكى ئاساسىي چوققا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.

  چوگىرنىڭ مەنىسى ھەققىدە «غايەت چوڭ تاغ»، «قارا تاغ»، «ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغ» دېگەندەك تەبىرلەر بار. ۋەھالەنكى، «قارا تاغ» دېيىش بىرقەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى، چوگىر چوققىسى كۈل رەڭ ياپىلاق چوقۇر تاشلار ۋە گىرانت تاشلاردىن تەركىپ تاپقان.

  چوگىر چوققىسى تاغ رايونىدا تاغلار ئېگىز، چوققىلار خەتەرلىك، ھاۋاسى ناچار، قاتناش قولايسىز بولۇپ، ئادەمزات يوق. تاغ جىلغىسىغا چوڭ-كىچىك مۇز ئېقىنلار تارقالغان بولۇپ، يىل بويى قار توپلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئېلىمىز بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان سۆگەت مۇز ئېقىنىنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىلەن چوگىر مۇز دەرياسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن دېلتىدىكى تەخمىنەن 2.5 كىۋادرات كىلومېتىر زېمىندا نورۇز گۈلى، تەلۋە بېدە، يۇلغۇن، ياۋا سۆگەت قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن بولۇپ، ھەريىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ يەر خۇددى تەبىئىي باغچىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە يەنە ياۋا ئېشەك، ئارقار، جەرەن، بۆكەن، تۈلكە، بۆرە، ياۋا توشقان، كەكلىك، ئۇلار، سار، ئۆردەك، قۇش، بېلىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.

  چوگىر چوققىسى ئېگىز ۋە خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەزەلدىن دۇنيادىكى ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر ۋە ئالپىنېستلار، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتىلىدىغان جايى بولۇپ كەلدى. 1902-يىلىدىن بۇيان ئەنگلىيە، شىۋېتسارىيە، ئىتالىيە، پاكىستان، ياپونىيە، ئامېرىكىنىڭ ئالپىنېستلار كوماندىرلىرى بۇ يەردە تاغقا چىقىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.

ھەزرىتى موللام تېغى

  ھەزرىتى موللام تېغى كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 3.8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9.4 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 1599.5 مېتىر بولۇپ، ھاك ۋە شېغىل تاشلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ تاغدىن گەج، ھاك تاش چىقىدۇ. ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن يانتاق ۋە چاتقالدىن ئىبارەت. 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

قۇمالتاغ

  قۇمالتاغ كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 7.75 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 32 كىلومېتىر،  دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1872.8 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ قۇم-شېغىلدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، يانتاق، سۆكسۆك قاتارلىق ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. كېيىك، ياۋا توشقان، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. قۇمالتاغ «قۇمتاغ» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

قارا باش تاغ

  بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئېگىزيەر يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن  ئېگىزلىكى 1931 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 كىلومېتىر كېلىدۇ. يۆنىلىشى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھاك تاشتىن تەركىپ تاپقان. بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چوڭ-كىچىك سېمونت زاۋۇتلىرىنى تاش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئالۋاستى تاغ

  بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئېگىز يەر يېزىسىغا جايلاشقان،  دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1840 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 كىلومېتىر بولۇپ، سېمونت تاش رۇدىسىدىن تەركىپ تاپقان، بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چوڭ-كىچىك سېمونت زاۋۇتلىرىنى تاش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەتىياز پەسلىدە بۇ يەردە دائىم قۇيۇن چىققاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

 بوز تاغ

  بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسى ئەگۈس يېزىسىنىڭ غەربىدىن 12 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 1944 مېتىر ئېگىز بولۇپ، قۇم، قورام تاشلاردىن تەركىپ تاپقان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر كېلىدۇ. جىرا ۋە تاغ ئەتراپىدا سۇ ئوتلىرى، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. بۇ تاغ بوز رەڭدە بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

غىرداڭغا تېغى

  بۇ تاغ يېڭىسار ناھىيەسى قىزىل يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1659 مېتىر ئېگىز، غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 11 كىلومېتىر بولۇپ، جىغان قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە كېيىك، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. بۇ تاغ ئېگىز-پەسلىكى ئوخشاش بولمىغان تاغلاردىن تەشكىل تاپقاچقا، غىرداڭغا دەپ ئاتالغان.

كۆك چوققا

  بۇ تاغ تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 24 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. جەنۇبتا گېلىڭكۆل داۋىنى بىلەن، شەرقتە گېلىڭكۆل جىلغىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5451.6 مېتىر بولۇپ، تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تەبىئىي كۆل بار. كۆل ئەتراپىدا ئوت-چۆپلەر مول بولۇپ، كېيىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.

 كاجۇن سىرت تېغى

  بۇ تاغ تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 31 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە چېدىر تاش تېغى بىلەن، شەرقتە چوڭ خان يولى، جەنۇبتا قارا گىلدىڭ تېغى بىلەن، شىمالدا كىچىك خان يولى جىلغىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5068.6 مېتىر بولۇپ، ئاز مىقداردا ئوت-چۆپ ئۆسىدۇ. كېيىك، ئۇلار، يىلپىز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. كاجۇن ئادەم ئىسمى بولۇپ، سىرت، ئېدىرلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋەزىر تېغى

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 52 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1342 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغدىن ئاش تۇزى چىقىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر پادىشاھ مۇشۇ يەردىن ئۆتەر چېغىدا بىر نەچچە كۈن قونۇپ قالغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغانىكەن. بۇ تاغدا تۇز كېنى بولغاچقا، تۇز تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

دەرۋازا تېغى

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 45 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر، كەڭلىكى 11 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1656 مېتىر كېلىدۇ، ئۈرۈمچى-قونجىراپ تاشيولى بۇ تاغنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتكەچكە، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

  مازار تاغ

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىدىن 29 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 7.5 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2063 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ گىياھ ئۆسمەيدىغان تاغ بولۇپ، تېخى تەكشۈرۈلمىگەن، كان بايلىقى ئېنىق ئەمەس، تاغ ئالدىدا مازار بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئوقۇر مازار تېغى

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي شىمال ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇب كەڭلىكى 2.2 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1661 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغدا گىياھ ئۆسمەيدىغان بولۇپ، تېخى تەكشۈرۈپ چىقىلمىغان. تاغدا تاشتىن ياسالغان ئوقۇر، تاغ ئالدىدا مازار بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

بەلتاغ

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 28 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي شىمال ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇب كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1938 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ گىياھ ئۈنمەيدىغان تاغ بولۇپ، تېخى تەكشۈرۈلمىگەن.

چوققا تاغ

  بۇ تاغ مارالبېشى ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 47 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 17.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 3 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1737 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ گىياھ ئۈنمەيدىغان تاغ بولۇپ، تېخى تەكشۈرۈلمىگەن. تاغنىڭ شىمالىي بېلىدە تەبىئىي توغراق ئورمانلىقى بار. بۇ تاغدا چوققا رۇدا بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

سېرىق بولىس تېغى

  بۇ تاغ تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 42 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە كىچىك ئېرىق تېغىدىن باشلىنىپ، شەرقتە ئۈرۈمچى-قونجىراپ تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. جەنۇبتا قاينىدۇ بىلەن، شىمالدا قارا سۇ چارۋىچىلىق نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4849.9 مېتىر كېلىدۇ. بۇ توپا ۋە تاش تاغ بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدىغان ئوت-چۆپلەر بار. تاغ چوققىسىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن بىر كۆزىتىش سۇپىسى بولۇپ، تاغ تۈۋىدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. سېرىق بولىس-«سېرىق تاغ» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

 قاپتىيوت تېغى

  بۇ تاغ تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربت چاربا تولۇچ تېغىدىن باشلىنىپ، شەرقىي مارياڭ دەرياسىغا يېقىنلىشىدۇ. شىمالدا توڭلى كەنتى بىلەن، جەنۇبتا 4865-نومۇرلۇق ئېگىزلىك بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4551.4 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ تاغدا جەرەن، ئۇلار كېيىك قاتارلىقلار بار. قاپتىيوت تاجىكچە سۆز بولۇپ، «كەپتەر كۆپ جاي» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

 ئالاقىيار مۇنار تېغى

  بۇ تاغ تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ شىمالىدىن 0.2 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 4569 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بەش تاغ قىيادىن تەركىب تاپقان. تاغدا ياۋا

ئۆچكە، ئۇلار، ئارقار قاتارلىقلار بار

 جىلغا

  بۇ تاغ يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىسىدىن 1 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، تاغ جىلغىسى ۋە جىرادىن ئىبارەت. بۇ جىرا سۈيى تېگىن يايلىقىدىن باشلىنىپ، يەكەن دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر كېلىدۇ. 20 مىڭ مو يەر بۇ سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ.

دامسى تاغ چوققىسى

  بۇ تاغ چوققىسى يەكەن ناھىيەسى دامسى يېزىسىنىڭ دامسى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2722 مېتىر، توپا ۋە تاشتىن تەركىپ تاپقان. كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، ھاك تاش قاتارلىقلار چىقىدۇ. بۆرە، تۈلكە، كېيىك، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلار، رەۋەن، يەر مەدىكى، سىڭرىن قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرىمۇ بار. بۇ چوققا دامسى كەنتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

تاش تاغ چوققا

  بۇ چوققا يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىسىنىڭ تاشنا كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1870 مېتىر، توپا ۋە تاش چوققىدىن ئىبارەت. كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، گەج چىقىدۇ؛ تاغدا بۆرە، تۈلكە، كېيىك، بۇغا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار، رەۋەن، يەرمەدىكى قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى بار.

  قارا جىلغا چوققىسى

  بۇ چوققا تاشقورغان ناھىيەسىدىكى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 27 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي تەرىپى قاينىدۇ جىلغىسىغا تاقىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى قارا جىلغا بىلەن غەربىي قىسمى سېرىق بولۇس تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5150 مېتىر بولۇپ، كېيىك، يىلپىز، بۆرە، تۈلكە، توشقان ۋە ئەڭلىكئوت قاتارلىقلار بار.

دايوبوي چوققىسى

  بۇ چوققا تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 29 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە 6368.3، 5983.2، 5251.9 قاتارلىق ئېگىزلىكلەردىن باشلىنىپ، شەرقتە جەنۇب چىدىر يايلىقىغا قوشنا تۇرىدۇ. شىمالدا قوزغۇن تاغ بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتا تالچىن كۆل تاغ بېلى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 9 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6368.3 مېتىر بولۇپ، كۆككە بوي سوزۇپ، يىل بويى قار ئېرىمەيدۇ. دايوبوي-ساراڭ ئۆڭكۈر مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#