بارفى
«بارفى» بولسا ئانۇراگ باسۇ (AnuragBasu) رېژىسسورلۇق قىلغان ، رانبىر كاپور ، ئىلىنا دىكرۇز ۋە پىرىيانكا چوپرا ھەمكارلىشپ ئىشلىگەن كومىدىيىلىك فىلىم .
ھېكايە 1970-يىللاردىكى ھىندىستاندا يۈز بېرىدۇ ، بارفى بىلەن شۇرۇتى ئاشىق -مەشۇقلاردۇر ، لېكىن بارفى سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ ، شۇڭا شۇرۇتى باشقا بىرسىگە ياتلىق بولىدۇ ، لېكىن كۆپ يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇچرىشىدۇ ، بۇ چاغدا بارفىنىڭ يېنىدا جىلمىل پەيدا بولغان بولىدۇ ...
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھېكايە 1970-يىللاردىكى ھىندىستاندا يۈز بېرىدۇ ،بارفى سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ ، بارفى(رانبىر كاپور رولدا)شۇرۇتى(ئىلىنا دىكرۇز رولدا)نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . كېيىن ئۇلار ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالىدۇ ، لېكىن شۇرۇتى ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر «نورمال ئەر»گە ياتلىق بولۇشنى قارار قىلىدۇ .
كۆپ يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇچرىشىدۇ ، بارفىنىڭ مۇھەببىتى جىلمىل (پرىيانكا چوپرا) دەل ساقچىلار ئىزدەۋاتقان قىز بولۇپ قالىدۇ . بارفى ھەرياقتىن قىز دوستى جىلمىلنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقچى بولىدۇ . بۇ چاغدا ئۇ شۇرۇتىغا ئۇچرايدۇ . مۇھەببەت ھامان كىشىلەرنى قارغۇلارچە ئىش قىلىشقا زورلاپ قويىدۇ ، شۇرۇتى ئۆزىنىڭ يەنىلا بارفىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ . شۇرۇتى زادى بارفىغا ياردەملىشىپ جىلمىلنى تېپىشى كېرەكمۇ ياكى بارفىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ مۇھەببىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكمۇ؟ مۇھەببەتنىڭ قوغلاشماق ئويىنىدا ھېچكىم ھەقىقىي يەڭگەن ئەمەس ...
رول | ئارتىس |
---|---|
Murphy - Barfi | رانبىر كاپور |
Jhilmil Chatterjee | پرىيانكا چوپرا |
Shruti's Mother | Rupa Gangooly |
Daju | Haradhan Bannerjee |
Shruti's Friend | Sumona Chakravarti |
Shruti Ghosh | Ileana |
Barfi's Father | Akash Khurana |
Ranbir's Friend | Bhola Raja Sapkota |
Ranjit Sengupta | Jishu Sengupta |
Police Sub-Inspector | Saurabh Shukla |
Constable in police station | Nigam Thakur |
Shruti,s Dad | Uday Tirekar |
Mr. Chakraborty, Jhilmil's Father | Ashish Vidyarthi |
بارفى
گەپ قىلالمايدىغان ۋە ئاڭلىيالمايدىغان بارفى تولىمۇ خۇشال-خورام يۈرىدىغان ياش . ئۇ ئەقىللىق ھەم زېرەك ، ئەقىلگە سىغمايدىغان خىياللىرى كۆپ ، ھەممىلا يەردە ئىش تېرىپ يۈرىدىغان ،كىشى يا نەپرەتلىنىشنى يا ياخشى كۆرىشنى بىلمەيدىغان يىگىت . شۇرۇتى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھەممە ئىشلار ئۆزگەردى ، بارفى مۇھەببەتلەشتى . لېكىن شۇرۇتىنىڭ بۇرۇنلا توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر يىگىتى بار ئىدى . شۇرۇتى ئانىسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پۈتۈشۈپ قويغان يىگىتى بىلەن توي قىلدى ، كېيىن جىلمىل بارفىنىڭ تۇرمىشىغا ئۈسۈپ كىردى ، بارفىنىڭ تۇرمىشىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى .
جىلمىل
پرىيانكا چوپرا رولدا
پۇلدار ئائىلىنىڭ بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نەۋرە قىزى . بارفىنىڭ دادىسى بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبلىك توختۇرغا كىرىپ قالغان ، ناھايىتى كۆپ داۋالىنىش خىراجىتى سەرىپ قىلىش كېرەك بولغاچقا ، بارفى جىلمىلنى تۇتقۇن قىلىپ دادىسىنىڭ خىراجىتىنى تولدۇرماقچى بولىدۇ . لېكىن بۇ ئوي-خىيال باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ . قىززىق يېرى ، بارفى جىلمىلنى تېپىۋالىدۇ ، جىلمىل ئۆيگە كېتىشنى خالىماي بارفىغا ئەگىشىۋالىدۇ مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئارىسىدا مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ .
شۇرۇتى
شۇرۇتى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بارفى بىلەن مۇھەببەتلەشتى . لېكىن شۇرۇتىنىڭ بۇرۇنلا توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر يىگىتى بار ئىدى . شۇرۇتى ئانىسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پۈتۈشۈپ قويغان يىگىتى بىلەن توي قىلدى . كۆپ يىللاردىن كېيىن ، ئۇ يەنە بارفى بىلەن ئۇچراشتى ، شۇرۇتى ئۆزىنىڭ يەنىلا بارفىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى بىراق ھازىرقى بارفى جىلمىلنى ياخشى كۆرەتتى .
2013 - يىللىق ئوسكار مۇنەۋۋەر چەت ئەل تىلىدىكى فىلىم بولۇپ باھالاندى .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.