كۆكرەك پەردە ياللۇغى

كۆكرەك پەردە ياللۇغى

كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە «زاتىل جەنبە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھەر سەۋەبلەر تەسىرىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋىتى بىلەن دىۋار قەۋىتى پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش يۆتىلىش نەپەس قىيىنلىشىش تومۇرى ھەرەچىشىسىمان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆكرەك پەردە ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 胸膜炎
يۇقۇملىنىشى ئادەتتە يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 肋膜炎
باشقا نامى زاتىل جەنبە
ئاساسلىق ئالامىتى پۈتۈن بەدەن قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش
تەۋە بۆلۈم كۆكرەك تاشقى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى كۆكرەك پەردىسى
ئىنگلىزچە نامى pleurisy

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكرەك پەردە ياللۇغىكۆكرەك پەردە ياللۇغى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ (ئادەتتە ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە) غىدىقلاش كۆكرەك پەردىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆكرەك پەردە ياللۇغى ، « كۆكرەك پەردىسى ياللۇغى «دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆكرەك ئىچكى كېسەللىكلەرگە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ (سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغى) ياكى سۇيۇقلۇق بولمىغان يىغىلىپ (قۇرۇق كۆكرەك پەردە ياللۇغى ) . 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆكرەك قەپىسىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى قاپلاپ تۇرغان پەردىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگەرگەن خىلىتلار تەسىرىدىن ۋە باشقا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

2. زەنگار سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

3. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

5. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

6. ئۆپكىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

7. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

8. سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. [0]

كېسەللىك ئۆزگىرىشى :(1) قۇرۇق كۆكرەك پەردە ياللۇغى دەۋرى (2) ھۆل كۆكرەك پەردە ياللۇغى دەۋرى. 

ئالامىتى: پۈتۈن بەدەن قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش، بېقىنىدا سانجىق پەيدا بولۇش، تومۇر ھەرە چىشىدەك سېلىش، دەم سىقىلىش، يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • بۇ كېسەللىكتە كۆكرەكتە ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، قىزىتما بولۇش، يۆتىلىش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش تىترەش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە نەپەس ھەرىكىتى يۈزە ۋە تىز بولىدۇ، كېسەللەنگەن تەرەپ نەپەس ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. قولتۇق ئاستىدىن دائىم چەكلىك تۇراقلىق ھالدىكى كۆكرەك پەردىسىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، بەزىدە بۇ تاۋۇشنى قول بىلەن تۇتۇپمۇ بىلگىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار ۋە ئۆپكىنىڭ تولۇق ئېچىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆكىرىش ئېغىرلىشىدۇ. تومۇرى توم ۋە ھەرىچىشىسىمان سالىدۇ. چېكىپ تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندىن بوغۇق تاۋۇش ياكى ئۇيۇل تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ. كېسەللەنگەن تەرەپ كۆكرەك قەپىزىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ ئازراق كۆتىرىلىپ قالىدۇ. كاناي ساق تەرەپكە سىلجىيدۇ. [0]

دىياگنوز ئاساسى

كۆكرەك پەردە ياللۇغى1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ .

2. قان تەكشۈرۈش، رېنتىگېنلىك تەكشۈرۈش، كۆكرەك بوشلۇقىدىن سۇيۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشاش قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ .

سېلىشتۇرما دىياگنوزى(1) ئۆپكە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ (2) يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىتلىق مىزاق بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا، ئالدى بىلەن شۇ خىلىتقا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش چارىسى قوللىنىلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ .

3. قىزىتما پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش مەقسەتلىرىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

4. كۆكرەكتىكى سۇنى يوقىتىش چارىسى قوللىنىلىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: سەرپىستان 50 تال، چىلان 20 تال، پوستى خەشخاش 15 گىرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى سەككىز گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى ئىككى گىرامدىن، بىھى ئۇرۇقى ئۈچ گىرام، ئاق شېكەر 16 گىرام، بادام مېغىزى شىرىسى، خەشخاش شىرىسى سەككىز گىرامدىن، رۇببىسۇس، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شىرە دورىلار ۋە رۇببىسۇسلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئاندىن شىرە دورىلارنى ۋە رۇببىسۇسنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

كۆكرەك پەردە ياللۇغىتەركىبى: گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: تاتلىق ئانار سۈيى 140 مىللىلىتىر، ئاق شېكەر 24 گىرام، سەمغى ئەرەبى، قورۇلغان نىشاستە ھەربىرىدىن بىر گىرامدىن، تاتلىق بادام يېغى 24 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىلىدۇ. 

كۆكرەك پەردە ياللۇغىئۇفۇنەتلەنگەن قاننىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەقسىتىدە چىلان شەربىتى، ئەرەقى شاھتەررە، مەتبۇخى شاھتەررە، مەتبۇخى ھېلىيلە م ئۆشبە شەربىتى، شاھتەررە شەربىتى، ئىتتىرفىل شاھتەررە، ئىتتىرفىل چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .

-زەنگار سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

-بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

-شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

-گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.

-كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ، نەپەس راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، ئاغرىق توختىتىش مەقسىتىدە دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ.

كۆكرەك سۈيىنى يوقىتىش چارىلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك مايلىق، غىدىقلاش، يەل پەيدا قىلىش تەسىرىگە ئىگە، زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرلىدۇ .

2. بىمار زۇكام بولۇشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، زىيادە چارچاشتىن، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن، قورقۇش غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

3. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئۇسسۇزلۇقىغا ئەرەقى گاۋزىبان ئىچىش لازىم. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#