ياۋا غاز

ياۋا غاز

ياۋا غاز (ئىلمىي نامى: Anser cygnoides) چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشلىرى، تەن ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، بەدەن ئېغىرلىقى 2.8 - 5 كىلوگرام كېلىدۇ. تۇمشۇقى قارا، تەن رەڭگى سۇس كۈلرەڭ قوڭۇر، بېشىمدىن كېيىنكى بوينى تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك، ئالدى بوينى ئاق رەڭگە يېقىن. يىراقتىن قارىماققا چوققا ۋە ئارقا بوينى قارا، بۇرۇن ۋە بوينى ئاق رەڭگە يېقىن، ئاق قارا ئىككى خىل رەڭ پەرق ناھايىتى زور.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋا غاز
ئىنگلىزچە نامى Swan Goose
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ياۋا غاز ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸿雁
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ئۆردەكلەر ئائىلىسى
تۈرى ياۋا غاز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋا غازياۋا غازنىڭ ئەركەك چىشىسى ئوخشاش. لېكىن چىشىسىنىڭ بەدىنى سەل كىچىك، ئىككى قانىتى سەل قىسقا، تۇمشۇق ئاساسى تەرىپىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق بولىدۇ، ھەم روشەن ئەمەس. بېشىمدىن كېيىن بوينىنىڭ نەخ ئوتتۇرىسى تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، ئاغزى ئارىسىدا بىر قوڭۇر ئاق رەڭلىك ئىنىچكە سىزىقچىلىرى بار، ئېڭەك ۋە بوغۇزى سۇس قوڭۇر رەڭدە، تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم سەل پەسكە بۇلۇپ، ئىككى تاڭلاي قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. دۈمبە، مۈرە، ئوتتۇرا، قاناتلىق قىسقا پەيلەر (قۇشنىڭ) ۋە ئۈچ دەرىجىلىك ئۇچۇش پەيلىرى سۇس قوڭۇر، باشقا ئۇششاق پەيلىرى بىر قەدەر سۇس ياكى ئاق، روشەن ئاق داغ ياكى سىزىقچىلار ئارىلاشقان. قۇيرۇق پەيلىرى سۇس قوڭۇر، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن قۇيرۇق پەيلىرى ئاپئاق بولىدۇ، قۇيرۇق پەيلىرى كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە. بۇرۇن، بويۇن ۋە بويۇن تەرىپى ئاق بولىدۇ، بۇرۇن بويۇن ئاستى قىسمى ۋە كۆكرىكى دارچىن رەڭلىك، كەينىگە بارغانچە تەدرىجىي سۇسلىشىدۇ، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى بولسا ھەممىسى ئاق بولىدۇ. قۇيرۇقى ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق، ئىككى بىقىن قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، پەي ئۇچى قوڭۇر ئاق بولىدۇ؛ قانىتىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ۋە قولتۇق پەيلىرى قارامتۇل كۈلرەڭ. تۇمشۇقى قارا، رەڭدار پەردە قىزىل قوڭۇر رەڭ ياكى سېرىق رەڭدە، ئوشۇق-پەنجە قىزغۇچ سېرىق ياكى گۆشرەڭ بولىدۇ.

ئەركەك قۇش ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى قىسمىدا بىر تەرىپىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق بولىدۇ. قۇش بالىسى تېنى مامۇق پەيلەر، ئۈستۈنكى بەدىنى سېرىق كۈل رەڭ قوڭۇر پەي، تۆۋەن تەرىپى سۇس سېرىق، پېشانىسى ۋە ئىككى مەڭزى سۇس سېرىق، كۆز ئەتراپى ۋە كۆز ئالدى بىلەن كۈلرەڭ قوڭۇر، ماڭلىيى ئاق يوللۇق. تۇمشۇقى قارا، ئۇچلۇق، سۇس سېرىق، رەڭدار پەردە سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.

قۇش بالىلىرى ئۈستۈنكى بەدىنى كۈلرەڭ قوڭۇر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى قىسمى ئاق سىزىقى يوق.

چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى

ياۋا غازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى: 

  ئەركەك ياۋا غاز (♂) چىشى ياۋا غاز (♀)
 بەدەن ئېغىرلىقى 2850-4250 گرام  2800-3450 گرام 
 تېنىنىڭ  821-930 مىللىمېتىر  800-850 مىللىمېتىر
 تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 89-99 مىللىمېتىر 75-95 مىللىمېتىر
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 442-468 مىللىمېتىر 375-445 مىللىمېتىر
 قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 128-156 مىللىمېتىر 103-134 مىللىمېتىر
 ئۇشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 77-97 مىللىمېتىر 75-85 مىللىمېتىر

ياۋا غازئاساسلىق بىپايان تۈزلەڭلىك ۋە تۈزلەڭلىك چۆپلۈكتىكى كۆل، سۇ ئازگىلى، دەريا، سازلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، بولۇپمۇ تۈزلەڭلىكتىكى كۆللەرنىڭ ئەتراپىدا سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بۈك-باراقسان جاي بولۇپ، بەزىدە تاغلىق تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ۋادىسى رايونىدا پەيدا بولىدۇ. قىش پەسلىدە كۆپىنچە چوڭ كۆل، سۇ ئامبىرى، دېڭىز بويى، دەريا ئېغىزى ۋە دېڭىز قولتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاق، ئېتىز قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. 

ياۋا غازئاساسلىقى ھەر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى، ئۈندۈرمە، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، قومۇش، يۈسۈن قاتارلىق ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ، بولۇپمۇ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاز مىقداردا قاسىراقلىقلار ۋە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. قىش پەسلىدە دائىم يىراق جايلاردىكى ئېتىزلارغا بېرىپ بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىمۇ يەيدۇ؛ كۆپ ئەھۋاللاردا كەچقۇرۇن ۋە كېچىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئادەتتە كۈن قاراڭغۇسىدا توپ-توپ  ئۇچۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، سەھەردە ئاندىن قايتىپ كېلىپ، كۆل ياكى دەريا ئېقىنلىرىدا دەم ئېلىش ۋە سۇ ئۈزۈش، بەزىدە قىرغاقتىكى چۆپلۈكتە ياكى دېڭىز ساھىلىدا دەم ئېلىش قاتارلىقلانى قىلىدۇ.

ياۋا غازئەسلىي ماكانى جۇڭگو، ياپونىيە، قازاقىستان، كورېيە، چاۋشيەن، موڭغۇلىيە، رۇسىيە

كۆچمەن قۇشلار: لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، تايلاند، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان.

جۇڭگودا ئاساسلىقى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، جىلىن ئۆلكىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا كۆپىيىدۇ؛ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنى ۋە شەندۇ، جاڭسۇ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلىرىدە قىشتىن ئۆتىدۇ، تەيۋەن، يەنخەي دېڭىزلىرىدىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، يەنە ئاز ساندىكى لياۋنىڭ ۋە خېبېي ئۆلكىسىدە قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. كۆچۈشى شىنجاڭ نىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئالتاي تاغ تىزمىسى، غەربىي تەڭرىتاغ، چىڭخەيدىكى چايدام ئويمانلىقى، خېبېي ۋە خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.

ياۋا غاز يەككە تۈر بۇلۇپ، كەنجى تۈرى يوق. 

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى»  2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1 ____ ئاسان خەتەرلىك (VU). 

ياۋا غاز جۇڭگو دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#