دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى 1922-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، يۇقىرى ئۆلچەم يۇقىرى سۈپەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن داڭلىق.

ئۇيغۇرچە نامى دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1922-يىلى
مەكتەپ مۇدىرى موھەممەد خەمىد ئەنسەرى
چەتئەلچە نامى University of Delhi
خەنزۇچە نامى 德里大学
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
توربېكىتى www.du.ac.in
تەۋە رايون ھىندىستان دېھلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى نۇرغۇنلىغان تولۇق كورس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كەسىپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي پەن ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى، ئىنگلىز تىلى، ھىندىستان كىلاسسىك مۇزىكىسى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى موھەممەد خەمىد ئەنسەرى. تارىخى تەرەققىياتىبىراق مەكتەپنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا 14 ئوقۇتۇش نۇقتىسى، 86 فاكۇلتىتېت، 79 ئىنستىتۇت بار بولۇپ، دېھلى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، 6 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى، 3000 دىن كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، دۆلەت  ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال خارااكتېرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت. ئاساسلىق ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىن IT، تەبىئىي پەن، جەمئىيەت پەنلىرى، قانۇن ئىلمى، مۇزىكا ۋە گۈزەل-سەنئەت، سانائەت پەنلىرى، سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە، باشقۇرۇش ئىلمى، تېببىي ئىلىم، مائارىپ ئىلمى قاتارلىقلار بار.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچ مەۋسۇملۇق ۋە قوش مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى يولغا قويغان، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى دەرس باشلاپ 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئاخىرلىشىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئادەتتە 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئاخىرلىشىدۇ، ھەر يىلى 4-ۋە 5-ئايدا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى1949-يىلى لوندون ئىقتىساد مەكتىپىنى ئۈلگە قىلىپ قۇرۇلغان دېھلى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پۈتۈن دۆلەتتىكى ئىقتىساد ئىلمى ئالىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئىچىدە نامى تارىلىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرەققىي قىلىپ ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

60-يىللارنىڭ باشلىرىدا، دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى مەبلەغ ئاجرىتىش كوممىتېتى ھىندىستاندا ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات مەركەزلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى. تەستىقلانغان 18 مەركەزنىڭ ئىچىدە 6 سى دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىدى. بۇ ئالتە مەركەز: فىزىكا ئىلمى، خىمىيە، ئۆسۈملۈك ئىلمى، ھايۋانات ئىلمى، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت. 1973-يىلى دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى دېھلىنىڭ جەنۇبىدا جەنۇبىي مەكتەپ رايونىنى قۇردى، بۇ مەكتەپ رايونى سەنئەت ۋە جەمئىيەت پەن-تېخنىكىسى بىلەن نام چىقارغان. 1983-يىلى، مەكتەپ يەنە دېھلىدا شەرق ۋە غەربدىن ئىبارەت ئىككى مەكتەپ رايونىنى قۇردى. شەرقىي مەكتەپ رايونى تېببىي ئىلىم پەن-تېخنىكىسى كەسپى بىلەن، غەربىي مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى كەسپى بىلەن نام چىقاردى.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇكەممەل كۇتۇبخانا سىستېمىسىغا ئىگە، پۈتۈن مەكتەپتە ھەر خىل تۈردىكى كۇتۇبخانىلاردىن 30 دىن ئارتۇقراقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي كۇتۇبخانىدا 180 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆلىمى 448 ئىنگلىز مو بولۇپ، ھازىر بىر مەمۇرىي ئىش بېجىرىش ئورنىنى مەركەز قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت شەھەرچىسىگە ئايلاندى. تەبىئي پەن فاكۇلتىتېتى، ماتېماتىكا فاكۇلتىتېتى، ئىجتىمائىي پەن فاكۇلتىتېتى، قانۇن فاكۇلتىتېتى، مائارىپ فاكۇلتىتېتى، جەمئىيەت ئىلمى فاكۇلتىتېتى، مۇزىكا ۋە گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتېتى، ھىندىستان دىندارلار ئىنستىتۇتى، ست سىتەفېن ئىنستىتۇتى(St. Stephen's College)، باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى، لامگارس ئىنستىتۇتى (Ramjas College)، مىرەندا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى (Miranda House)، كىرورى مال ئىنستىتۇتى ( Kirori Mal College)، سىرتتىن ئوقۇش ئىنستىتۇتى قاتارلىقلار مەكتەپنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جايلاشقان.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى فاكۇلتىتېت ۋە ئىنستىتۇتلار قۇرۇلۇپ مەكتەپ ئىچىدىكى قۇرۇرۇشلارنى زىچلاشتۇرۋەتتى. مەكتەپ شەھەر ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، 50-يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان ئىنستىتۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭى دېھلى ۋە كونا دېھلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاق ئورۇنلاشتۇردى.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى 70 ئىنستىتۇت ئىچىدە قىز ئوغۇل بىرلەشمە مەكتىپىدىن 41 ى، قىزلار مەكتىپىدىن 19 ى، ئوغۇللار مەكتىپىدىن 10 ى بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېھلى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، خۇسۇسىي ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ ئىنستىتۇتلارنى مەكتەپ قۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى مەبلەغ يىغىپ قۇرغان. دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئىنستىتۇتلار ئىتتىپاقداش شەكىلدىكى ئىككى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە بولۇپ، ھەر قايسى ئىنستىتۇتلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا مەكتەپ قۇرغۇچى ئورۇنلار ئارلىشىدۇ، بىراق % 95 ئىقتىساد ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ.

دېھلى ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ھەر قايسى ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتىتېتلار ئىچىدە، ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتىتېتى ئەڭ بۇرۇنقى ۋە ئەڭ چوڭ فاكۇلتىتېت. ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتىتېتى كۆپ يىللاردىن بۇيان يۇقىرى بولغان ئىلمىي سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن، ھەر قايسى ئوقۇتۇش ساھەلىرىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن.

1954-يىلى قۇرۇلغان باشقۇرۇش فاكۇلتىتېتىنىڭ شۆھرىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئاساسلىق باشقۇرۇش ئىلمى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ بىرى. بۇ فاكۇلتىتېت دائىم دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەمۇرىي خادىملىرىغا تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئاچىدۇ ھەمدە مەركىزىي ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئورنى بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تەربىيىلەيدۇ.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر  فاكۇلتىتېتىمۇ كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات كۈچىگە ئىگە.

دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر يىلى 500 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە باشقا دەرسلىكلەر بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، خانىم-قىزلارنى ئالاھىدە دەرسلىكلەر بىلەن، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى، ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك سىنىپ دەرسلىكلىرى، شۇنداقلا خۇسۇسىي تەتقىقات پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تولۇق كورس كەسپى

1. ئىجتىمائىي پەن

پەخرى ئۇنۋانلىرى: قوللىنىشچان پسىخىكا ئىلمى، ئەرەب تىلى، سودا ئىقتىسادى ئىلمى، ئىقتىساد ئىلمى، ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، جۇغراپىيە ئىلمى، گېرمان تىلى، ئىسپانىيە تىلى، تارىخ ئىلمى، ئىتالىيە تىلى، ئاخبارات ئىلمى، ماتېماتىكا، مۇزىكا ئىلمى-چالغۇ ئەسۋاپ ۋە ناخشىلىق مۇزىكا، پارس تىلى، پەلسەپە، سىياسەتشۇناسلىق، پسىخىكا ئىلمى، جەمئىيەت خىزمىتى، جەمئىيەت ئىلمى

ئىجتىمائىي پەن ئۇنۋانلىرى (ئۇنىۋېرسال)

2. سودا ئىلمى: سودا ئىشلىرى ئىلمى (پەخرى)، سودا ئىشلىرى ئىلمى (ماقۇللانغان)، سودا ئىشلىرى تەتقىقاتى

3. تەبىئىي پەن

پەخرى ئۇنۋانلىرى: ئىنسانشۇناسلىق، قوللىنىشچان ھايۋاناتلار ئىلمى، بىئوخىمىيە، بىئومېدىتسىنا، ئۆسۈملۈك ئىلمى، خىمىيە، كومپىيۇتېر ئىلمى، ئېلىكتىرون ئىلمى، گېئولوگىيە، ئائىلە پەن-تېخنىكىسى، ماتېماتىكا، مىكروبىئولوگىيە ئىلمى، پەرۋىش ئىلمى (4 يىللىق)، كەسپىي داۋالاش ئۇسۇلى، پولىمېر ئىلمى، فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، فىزىكا ئىلمى، ئىستاتىستىكا ئىلمى، ھايۋاناتشۇناسلىق؛

ئاساسىي ئۇنۋان: تەنتەربىيە مائارىپى، ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە ھەرىكەت ئىلمى، ماتېماتىكا پەن-تېخنىكىسى، فىزىكا ئىلمى، ھاياتلىق ئىلمى، قوللىنىشچان فىزىكا ئىلمى، قوللىنىشچان ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى، ئائىلە پەن-تېخنىكىسى

4. قۇرۇلۇش ئىلمى

5. قۇرۇلۇش ئىلمى (قىسمەن ۋاقىتلاردا دەرس ئۆتىلىدۇ)

6. كىلىنكا ئىلمى

7. دورىگەرلىك ئىلمى

8. تېببىي تېخنىكا ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىلمى

9. قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا: ئېلىكتىرون ئىلمى، يېمەكلىك تېخنىكىسى، ئۈسكۈنە

10. ئاممىۋىي تارقىتىش

11. باشلانغۇچ مائارىپى

12. گۈزەل-سەنئەت ئىلمى

13. مالىيەشۇناسلىق ۋە مەبلەغ ئانالىزى

14. يالغان پۇت-قول ۋە شەكىل تۈزەش ئەسۋابى

15. فىزىكىلىق داۋالاش

16. كەسپىي تەتقىقات ئىلمى

ماگىستېر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى

1. قۇرۇلۇش ئىلمى

2. تېخنىكا ئىلمى

3. ئىجتىمائىي پەن

4. سودا ئىشلىرى ئىلمى

5. مائارىپ ئىلمى

6. قانۇن ئىلمى

7. باشقۇرۇش ئىلمى

8. تەبىئىي پەن/ئىجتىمائىي پەن

9. تېببىي ئىلىم

10. تەبىئىي پەن

11. ئائىلە پەن-تېخنىكىسى

12. پەرۋىش ئىلمى

13. دورىگەرلىك ئىلمى

14. كومپىيۇتېر قوللىنىشچان ماگېستىرلىقى (MCA)

15. گۈزەل-سەنئەت ئىلمى

1. دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 500 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

2. دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن باراۋەر.

3. دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئورنى يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى.

4. ھىندىستان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاش كوممىتېتى تەرىپىدىن ھىندىستاندىكى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسىتېت دەپ بېكىتىلگەن.

ئادەتتىكى كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئەرزانراق، تەخمىنەن 500 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تۆۋىنىدە، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 150 ئامېرىكا دوللىرى، بىراق ئايرىم كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى قىممەترەك، كومپىيۇتېر پەن-تېخنىكىسىغا ئوخشاش پەخرى ئۇنۋانلارنىڭ ھىندىستان ئوقۇغۇچىلىرنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئوقۇش پۇلى يىللىقى 3500 ئامېرىكا دوللىرى؛ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قېتىمدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تىزىملاش ھەققى: تولۇق كورس كەسپى/دىپلوم دەرسلىكلىرى/كېنىشكا دەرسلىكلىرى 300 ئامېرىكا دوللىرى، ماگىستېرلىق دەرسلىكلىرىنىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى، دوكتور ۋە تەتقىقات خاراكتېردىكى دەرسلىكلەرنىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى؛ ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىنستىتۇتقا ھەر يىلى 100  ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇشى كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#