ماكەي

ماكەي، ئەر، خەنزۇ، 1946 ـ يىلى 6 ـ ئايدا شاڭخەي شەھىرىدە تۇغۇلغان. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز دۆلەت ئورگان خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماكەي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شاڭخەي شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى
پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى 1965 ـ يىلى 8 ـ ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马凯
مىللىتى خەنزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1946 ـ يىلى 6 ـ ئاي
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1965 ـ يىلى 9 ـ ئاي
ئىتقادى كوممۇنىزملىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماكەيماكەي، ئەر، خەنزۇ، 1946 ـ يىلى 6 ـ ئايدا شاڭخەي شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1965 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1965 ـ يىلى 8 ـ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى ماگىستىرى.

ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز دۆلەت ئورگان خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى.

1965 ـ يىلىدىن 1970 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان

1970 ـ يىلىدىن 1973 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىدىكى «7 ـ ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك بىلەن چېنىققان؛

1973 ـ يىلىدىن 1979 ـ يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان (بۇ مەزگىلىدە يەنى 1978 ـ يىلىدىن 1979 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

1979 ـ يىلىدىن 1982 ـ يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتى سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇغان؛

1982 ـ يىلىدىن 1983 ـ يىلىغىچە، دۆلەت مال باھا ئىدارىسى باھا تەتقىقات ئورنىدا ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولغان؛

1983 ـ يىلىدىن 1984 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە رايونلۇق مالىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان (1984 ـ يىلى 3 ـ ئايدا تەيىنلەنگەن)؛

1984 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

ماكەي1985 ـ يىلىدىن 1986 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1986 ـ يىلىدىن 1988 ـ يىلىغىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

1988 ـ يىلىدىن 1993 ـ يىلىغىچە، دۆلەت مال باھا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (بۇ مەزگىلدە يەنى 1992 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 1992 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛

1993 ـ يىلىدىن 1995 ـ يىلىغىچە، دۆلەت ئىقتىساد تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

1995 ـ يىلىدىن 1998 ـ يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (بۇ مەزگىلدە يەنى 1997 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 1997 ـ يىلى 5 ـ ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛

1998 ـ يىلىدىن 2000 ـ يىلىغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

2000 ـ يىلىدىن 2003 ـ يىلىغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

2003 ـ يىلىدىن 2008 ـ يىلىغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (2003 ـ يىلى 5 ـ ئايدا تەيىنلەنگەن)، دۆلەت ئېنېرگىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (2005 ـ يىلى 4 ـ ئايدا تەيىنلەنگەن) بولغان؛

2008 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

16 ـ ، 17 ـ ۋە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 15 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002 ـ يىلىدىن 2012 ـ يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2012 ـ يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

پارتىيە 12 ـ، 14 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15 ـ، 16 ـ، 17 ـ، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 16 ـ، 17 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

http://www.uycnr.com/zl/zhongguorenwu/201212/t20121210_418992_3.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#