كىرئۇت يېزىسى

كىرئۇت يېزىسى

كىرئۇت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، خېجىڭ ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 96 كىلومېتىر؛ شەرقىي جەنۇبى توقسۇن ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىي بالغۇنتاي بازىرى بىلەن قوشنا، شىمالىي ئالغۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كىرئۇت يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1600 كۋادرات كىلومېتىر
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1902 مېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克尔古提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 1254 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىرئۇت يېزىسىكىرئۇت يېزىسى خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاغلىق ۋە جىلغىلىق رايون، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 96 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 19.02 مېتىر بولۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پايدىلىنىشقا بولىدىغان يايلاق كۆلىمى 300 مىڭ موغا، تەبىئىي ئورمان كۆلىمى 160 مىڭ موغا يەتكەن؛ پۈتۈن يېزىغا تەۋە كىرغۇت كەنتى، نايىت كەنتى، خاۋرىخات كەنتى قاتارلىق ئۈچ كەنتى بار، جەمئىي نوپۇسى 254 ئائىلە، 1254 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99 كە يەتكەن.

كىرئۇت يېزىسىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان، تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ كۆپ جايلىرى جىلغا، ھاۋارايى مۆتىدىل، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن چارۋا مال بېقىشقا مۇۋاپىق بولغان ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى. ساياھەت بايلىقى مول، غەلىتە تاش غەلىتە قارىياغاچ دەريا ۋادىسىدىكى ئورمان ۋە قارىغاي ئورمىنى قاتارلىق بايلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تاش ئادەم تام رەسىمى قاتارلىق بايلىقى قەدىمىيلىككە ئىگە. قار لەيلىسى، ئېفېدرا، ياۋا سەي، ياۋايى ھايۋانات قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساياھىتىدە يازلىق ئارام ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان.

كىرئۇت يېزىسىكىرئۇت يېزىسىدا ھازىر بار بولغان باشلانغۇچ مەكتەپتىن بىر، 6 سىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 64 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 24 ئادەم، چارۋىچىلار تېخنىكومىدىن بىر؛ يېزا دەرىجىلىك مەدەنىيەت پونكىتى بىر، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى ئۈچ، يېزىلىق شىپاخانا بىر، دوختۇر 2 ئادەم، پەرۋىش قىلىش خادىمى 2 نەپەر، دوختۇرخانىلاردىكى  كارۋات 8. چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي پونكىتى، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، مەدەنىيەت پونكىتى، شىپاخانا قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلار بار.

يېزىلىق پارتكوم قارىمىقىدا بەش پارتىيە ياچېيكىسى، 70 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 46 نەپەر، «ئۈچ پېشقەدەم» پارتىيە ئەزاسى 5 نەپەر. ئىتتىپاق ياچېيكىسى بەش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى 132 نەپەر.

كىرئۇت يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بۇلۇپ، بىر چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ساپ چارۋىچىلىق يېزىسى. 2007-يىلى چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1481 يۈەن.

تاغ ئىچىدىكى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان تۈرلەر

كىرئۇت يېزىسى1. زىيانسىز كۆكتات تېرىش تۈرى. يېزا سۇ بايلىقى ۋە مۇۋاپىق كىلىمات بايلىقى مول، تېرىقچىلىقتا زىيانسىز كۆكتات تېرىش تۈرنى يولغا قۇيۇپ، سىرتقى بازار تەمىناتىنى زىيانسىز كۆكتات بىلەن تەمىلەش چارۋىچىلارنىڭ كىرىم ئاشۇرۇشىدىكى مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

2. ئىقتىسادىي ئورمان ئۆستۈرۈش تۈرى. يېزا سۇ بايلىقى ۋە مۇۋاپىق كىلىمات بايلىقى مول بۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئورمان تېرىقچىلىق تۈرى يولغا قويۇلغان.

3. ياۋا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى. يېزا مول بولغان ياۋا كۈدە، ياۋا پىياز قاتارلىق ياۋا كۆكتات بايلىقىنى پائال ئېچىپ، ياۋا كۆكتات يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋاكۇئوملۇق ئوراپ قاچىلانغان بىۋاسىتە سېتىش  ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى كەسىپ بولغان.

4. ساياھەت تەرەققىيات تۈرى. قاتناشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسىلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېزا ساياھەتچىلىكنى ئېچىش شارائىتى تەدرىجىي

راۋاجلانغان. تەبىئىي كىلىمات ۋە مەدەنىيەت بايلىقى مول، تاغ ئىچىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى ئىسسىقلىق ھەمدە ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى باشلامچى بۇلۇپ، بۇلار ئارقىلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ياۋا كۆكتات، ئوۋ گۆشى قاتارلىق ئورگانىك يېمەكلىك ۋە كەشتە بۇيۇملىرى قاتارلىق مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىيات راۋاجلانغان.

5. سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق تۈرى. يېزىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى نەچچە يۈز مو، چوڭقۇرلۇقى نەچچە ئون مېتىر بولغان تەبىئىي كۆل بار بۇلۇپ، ھازىر كۆل ئىچىدە كۆپ مىقداردا ئېگىز ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. بۇ كۆلدىن پايدىلىندىغان سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق ئىقتىسادىي پايدىسى كۆپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

كىرئۇت يېزىسى چارۋىچىلىقنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان. 2004-يىلى، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا سانى 29867 تۇياق (دانە)، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 3892 تۇياق (دانە)، كىچىك چارۋا 25975 تۇياق (دانە)، چارۋىنىڭ قوتاندىن چىقىش نىسبىتى %61 بۇلۇپ، تاۋار نىسبىتى %90 كە يەتكەن.

كىرئۇت يېزىسىكىرئۇت يېزىسى خېجىڭ ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدىن بىر قەدەر يىراق بولغان يېزا-بازار، يايلاق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بۇلۇپ، يېزىدا ئاساسلىقى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزىدىكى ئاياللار بوش ۋاقىتلىرىدا كەشتىچىلىك قىلىشقا ئامىراق بۇلۇپ، زېھنى ئۆتكۈر ئاياللار ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان  يىپلاردىن ھەر خىل نۇسخىلارنى چىقىرىپ، 2009-خېجىڭ ناھىيەسى تەرىپىدىن كىرئۇت يېزىسى «كەشتىچىلىك ماكانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى كىرئۇت يېزىسى 2010-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك خان گۆھەر قۇتلۇق كەشتىچىلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، كىرئۇت يېزىسىدىن كەلگەن نەچچە ئون نەپەر چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى يۈز نەچچە خىل كەشتە ئەسەرلىرىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇسابىقىسگە قاتناشقان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#