ۋاسكىتبول ماھىرى

«ۋاسكىتبول ماھىرى»(SLAM DUNK) بولسا ياپونىيەلىك داڭلىق ھەجۋىي رەسىم رەسسامى ئىنو تاكېخىكو (Inoue Takehiko井上雄彦) سىزغانتولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول تېما قىلىنغان رىغبەتلەندۈرۈش تىپىدىكى ھەجۋىي رەسىم ۋە كارتون ئەسەر. ياپونىيە تارىختا سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھەجۋىي رەسىمنىڭ بىرى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى « ۋاسكىتبول ماھىرى » جۇڭگو بازىرىغاغا كىرىپ ، جۇڭگوغا نىسبەتەن تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان كارتون ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

ئۇيغۇرچە نامى ۋاسكىتبول ماھىرى
باش رولچى ساكۇراگى ، رۇكاۋا
ئىشلەنگەن ۋاقتى 1993-10-16
ئىشلەنگەن ئورۇن ياپونىيە
رەسسام ئىنو تاكېخىكو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 灌篮高手
تۈرى ھەجۋىي رەسىمدىن ئۆزگەرتىلگەن كارتون ئەسەر
ئىشلىگەن شىركەت TOEI ANIMATION CO., LTD.
ئەسلى نامى Slam Dunk

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ۋاسكىتبول ماھىرى»بولسا ياپونىيەلىك ھەجۋى رەسىم رەسسامى  ئىنو تاكېخىكونىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر1990-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ، 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىشتىن توختىغان .

«ۋاسكىتبول ماھىرى» كارتونى ئىنو تاكېخىكونىڭ «ۋاسكىتبول ماھىرى»ناملىق ھەجۋى رەسىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

 ئىنو تاكېخىكو باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرلىرىدە قىلىچۋازلىق ئۆگەنگەن . تولۇق ئوتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا يەنىلا كاسات ھېسابلىنىدىغان ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشقان . يەنە كېلىپ كوماندىدىكى سەركەردە ھېسابلىناتتى . يەنە بىر تەرەپتىن , ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ رەسىم سىزىشقا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئاللىقاچان ھەجۋىي رەسسام بولۇشقا  ئىرادە باغلىغانىدى . 20 يېشىدا «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىغا ئەسەر يوللىغاندا تەھرىر ناكامۇرا تايلاند تەرىپىدىن بايقالغان . كېيىن ئۇ ئۇستازىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ، ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بولغان كۇماموتو ئۇنىۋېرسىتېت ئەدەبىيات فاكۇلتىدىن ئايرىلىپ ، ھەجىۋى رەسسىم ساھەسىگە قەدەم قويدى .
«ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن (ho u jo u tu ka sa 北条司)  جوئۇجوئۇتتۇكاساغا ئون ئايدەك ياردەمچى بولۇپ ھەجۋى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگەنگەن . گەرچە ياردەمچىبولۇش ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ ،  ئىنو تاكېخىكو دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەجىۋى رەسىم ئىجادىيىتىنى باشلىۋەتكەن . ئۇزۇن ۋاقىت ئويلانغاندىن كېيىن ، ئاخىرى بىر ناچار ئۆسمۈرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىزچىل  ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ۋاسكېتبولنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ھەجۋىي رەسىم سىزىشنى باشلىدى . شۇ چاغدا  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئىنو تاكېخىكو ئامالنىڭ بارىچە مەكتەپتىكى قىزىقارلىق كۆرىنىشلەرنى بۇ ئەسەرگە كىرگۈزگەن . 1990-يىلىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئاخىرىدا بۇ ئەسەر دەل بىز ياقتۇرۇپ كۆرگەن ،ئۇزۇن مەزگىل ئەۋج ئالغان «ۋاسكىتبول ماھىرى» بولۇپ قالغان . 
ۋاسكىتبول ماھىرىساكوراگى خانامىچى ، ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى . بەستى قامەتلىك دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدىغان چاتاقچى بالا . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇھەببەت تارىخى بولسا 50 قىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن .ئۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلغان 50-قىزبالىنىڭ :«مەن ۋاسكىتبول كومادىسىدىكى ئودانى ياخشى كۆرىمەن » دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكىتبولغا ئۆچ بولۇپ قالغان . تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن بولماي ، بىر يىللىقتىكى ساھىبجامال خاروكونىڭ بىر ئېغىز : « سىز ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرەمسىز ؟» دېگەنلىكى سەۋەبلىك ۋاسكىتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن . مۇھەببەتكە بولغان ئۈمىد ئوتلىرى يالقۇنجىغان ، خاروكونىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن  ساكوراگى ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قاتناشتى . ئۇ ئاساسىي ماھارەتنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن ئالغا باستى . 
شوخوكو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى تاكىنارو بولسا خاروكونىڭ ئاكىسى . ئۇ   ياخشى سەپداشلىرى  كەمچىل بولغالىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى . ئۇنىڭ پۈتۈن كوماندىنى يېتەكلەپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشانى بار . بۇ بىر يىلدا , ۋاسكېتبول ماھارىتى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى يېڭى ئەزا روكاۋا ۋە  ۋاسكېتبول كەسىپ ئەھلى ئەمەس بولسىمۇ تۇغما تالانتى بار بولغان ساكوراگى  ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىردى. ئىلگىرى پۇتى زەخىملىنىپ ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەڭ مۇنەۋەر توپچى مىتسۇئى خىساشى ھەمدە ئۇرۇشۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان توپ كونتىرول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ريوتا مىئاگى كوماندىغا قايتىپ كەلدى . خاروكو ئەزەلدىن روكاۋاغا كۆيۈپ يۈرگەچكە ، ساكوراگى روكاۋانى ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ قارايدۇ . ئىككەيلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن قەلبىدە يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ  ۋاسكېتبول تالانتىغا قايىل بولماي تۇرالمايتتى . ناھىيىلەر ئارا مۇسابىقە بولغاندا ، تاكىنارو ،  رۇكاۋا ، مىتسۇئى خىساشى ، مىياگى ريوۋتا  ، ساكوراگى خانامىچى قاتارلىق بەش نەپەر ئاساسىي كۈچى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ شويو ، رىيونان قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلاردىن غالىب كەلدى . ئاخىرى كاناگاۋا ناھىيىسىنىڭ 2 - لىكىگە ئېرىشكەن سالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقە كىرىش بېلىتىنى قولغا ئالىدۇ ...

  • ناھىيە مۇسابىقىسى 
  • رىئونان جېڭى

    ساكوراگى ، رۇكاۋانىڭ كوماندىغا كىرىشى بىلەن ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىردىلا ئېشىپ ، ناھىيىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولغان رىئونان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  ياخشى سەپداشلارنىڭ ياردىمى  بىلەن تاكىنارو تالانتىنى قاتتىق جارى قىلدۇردى . گەرچە بىر نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تاكىنارونىڭ يېتەكلىشىدىكى شوخوكو ھەرگىز بۇرۇنقى شوخوكو ئەمەس ئىدى .

    رۇكاۋا تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىدىكى تۇنجى مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى  .دەسلەپتە شوخوكو رىئوناننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا قالايمىقان بولۇپ كەتكەن .بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبچى دەل رىئونان كوماندىسىنىڭ كوزۇر ئەزاسى سىندو ، بۇ ھەمدە رۇكاۋانىڭ  كۈرەش ئىرادىسىنىڭ كۈچىيىش سەۋەبى بولدى .رۇكاۋ تولىمۇ چىرايلىق بىر قېتىملىق يانداشما زەربە بىلەن بۇخىل ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ  ، تاكىنارو بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالدىنقى مەيداندا دەھشەت ھۇجۇم باشلاپ قارشى تەرەپنى قوغلىشىشقا باشلىدى . كېيىنكى مەيداندا ساكوراگىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ،مۇسابىقە ئاخىرىدا رىئوناندىن ئېشىپ كەتتى ئەمما سىندونىڭ بىر توپى بىلەن ئۇتتۇرپ قويدى .

    بۇ جەڭدە مىياگى بىلەن مىتسۇئى تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى .

    كاينان جېڭى 

    تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرسى بولغان شويو كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، شوخوكو بىر يول زەپەر قۇچۇپ ، ناھىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا كاينان بىلەن جەڭ قىلىش سەرەپىگە مۇيەسسەر بولدى . تاكىنارو تولىمۇ جەڭگىۋار  ئىدى ، مۇسابىقىدە پۇتى قايرىلىپ كەتسىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغن ئىدى . شىنچى ماكىنىڭ مەن بىردىنبىر قايىل بولغان رەقىبىم دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى .  بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى مەيداندا 15نومۇر كېيىن قالغانلىق ھەم تاكىنارونىڭ يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ، مەيداندا  رۇكاۋا مۇداپىئە قىلىش ھەم نومۇرنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارات ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . مۇشۇ سەۋەبتىن بەك ھېرىپ كەتكەچكە ،كېيىنكى مەيداندا تەن-قۇۋىتى يار بەرمەي ، مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئەڭ ئەخىرىدا رۇكاۋا ئۆزىنى كاينان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبچىسى دەپ قارىدى . بۇجەڭدە مىتسۇئى قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇردى ، لېكىن تەن -قۇۋىتى يار بەرمەي مەيداندا بەكلا قىينالدى . مىياگى بولسا ناھىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولغان شىنچى ماكىنىڭ ئالدىدىمۇ قەتتىي تەن بەرمەي بارلىق كۈچىنى چىقاردى . 

    ساكوراگى گەرچە نائۇستا بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تالانتى ، ھەركەت ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى ، شوخوكونىڭ بۇ مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىشى گەرچە سەل ئازابلىق بولسىمۇ لېكىن پەرىق بەقەتلا ئىككى نومۇر بولىشىدا ساكوراگىنىڭ ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار . 

    رىئونان جېڭى 2

    دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى تالىشىش ئۈچۈن ، شوخوكو بىلەن رىئونان يەنە بىر قېتىم جەڭگە چۈشتى .  تاكىنارو پۇتىدىن ئەنسىرەپ مۇسابىقىدە ماھارىتىنى ئۇنچە بەك ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى . شوخوكونىڭ نومرى ئارقىدا قېلىپ قالدى ، كېيىن ساكوراگى ئۇنى سەگىتىپ قويۇپ مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كېيىن  ئاندىن ئۆز ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى .رۇكاۋا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا  ھېچقانداق ھۇجۇم باشلىمىدى ، بارلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ كېيىنكى يېرىم مەيداندا سىندونى يەڭمەكچى بولدى . ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ  تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ ،دۆلەتلىك مۇسەبىقىگە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى .  ساكوراگى بولسا بېشىدىن باشلاپلا شوخوكونىڭ بىر كەمچىلىكى دەپ قارىلىپ كەلدى ، لېكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆز تالانتى ھەمدە كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان قىلمىشلىرى بىلەن بۇ مۇسابىقىنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا نۇرغۇن كۈچ چىقاردى . مىتسۇئى ھەم مىياگىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ياردەملىشىشى بىلەن شوخوكو ئالاھىدە كۈچلۈك بىر كوماندا ئىدى .

    ناھىيىلىك مۇسابىقىدىن كېيىن ، MVP بولۇپ تاللىنىپ ، ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ قالدى . ھېسابلاپ كەلسە  ھەر مەيداندا 30نومۇر ئېلىپ ، پەقەتلا0.3 نومۇر بىلەن  كاينان كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىش شاھى سوئىچىرو جىنغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .

     كوماندا رول  چۈشەنچە
     شوخوكو

    ۋاسكىتبول 

    كوماندىسى

       ئانزاي مىتسۇيوشى شوخوكو قوماندىسىنىڭ تېرنىرى ، بۇرۇن ياپونىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى
     ساكوراگى خانامىچى باش پېرسۇناژ ، شوخوكو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ، چوڭ ئالدى ھۇجۇمچى
     رۇكاۋا كائېدى مۇھىم پېرسۇناژ، شوخوكو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ، كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى 
     كاكۇتا ساتورۇئىچكى مىجەز مۇلايىم يىگىت، شوخوكو كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزاسى 
     ئىشى كېنتاروۋ شوخوكو كوماندىسىنىڭ بىرىنچى يىللىق ئەزاسى ، زاپاس ئەزا
     ساسائوكا ساتورۇ شوخوكو كوماندىسىنىڭ بىرىنچى يىللىق ئەزاسى ، زاپاس ئەزا
     كۇۋاتا توكى شوخوكو كوماندىسىنىڭ بىرىنچى يىللىق ئەزاسى ، زاپاس ئەزا
    ئاگاكى تاكىنارو شوخوكو كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ، گار ئاستىدىكى ماھارىتى ئۈستۈن ، ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ ئۈلگىسىى
     مىتسۇئى خىساشى شوخوكو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ،  نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ، ئۈچ نومۇرلۇق توپ سېلىشقا ماھىر 
     مىياگى ريوۋتا شوخوكو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ، توپ كونتىرول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ، پۈتۈن كوماندىنىڭ ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچى 
    ئاياكو  توپ كوماندىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ، تولىمۇ ئۆزگىچە چىرايلىق قىز ، مىئاگى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ 
     خاروكو ئاكاگى شوخوكو بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ، تاكىنورىنىڭ سىڭلىسى ، ساكۇراگى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ 
    كوگورې كىمىنوبۇ شوخوكو كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندا باشلىقى ، تاكۇرانىڭ تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى 
     ياسۇدا ياسۇخارۇ زاپاس ئەزا ، كوماندا ئەزالىرى توپنى ياخشى ئوينىيالمىغاندا دائىم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ 
     شىئوزاكى تېتسۇشى زاپاس ئەزا ، دائىم كوماندىغا مەدەت بېرىدۇ
      فۇجى خاروكونىڭ دوستى
      ماتسۇئى خاروكونىڭ دوستى
      تاتسۇخىكو ئائوتا شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپى ياپونچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق سەركەردىسى ، تاكىنورىنىڭ دوستى ھەم رىقابەتچىسى
      خورىتا دىئو مىستۇئىنىڭ دوستى
     كاينان 

    ۋاسكىتبول 

    كوماندىسى

     تاكاتو كاينان كوماندىسىنىڭ تېرنىرى
     شىنچى ماكى كاناگاۋا ناھىيىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك ماھىرى ، مەملىكەت ئارا تولۇق ئوتتۇرا ۋاسكىتبول ساھەسىدىمۇ ناھايىتى داڭلىق 
     سوئىچىرو جىن ناھىيە ئىچىدىكى بەش نەپەر چولپان توپچىلارنىڭ بىرى ، رىيونان كوماندىسىدىكى فۇكۇدانىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى
     نوبۇناگا كىيوتا كاينان كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى
     تاگاساگۇ كازوما كاينان كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ، شىنچى ماكىنىڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى
     موتوئۇ تاداشى كاينان كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، توپ ئېلىپ ئۆتۈش ھەم مۇداپىئە قىلىش ماھارىتى يۇقىرى
     يوشىنورى مىياماسۇ سپئىچىرو جىندىن قالسىلا كاينان كوماندىسىدا ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىشا ئەڭ ماھىر ئەزا
     رىئونان 

    ۋاسكىتبول 

    كوماندىسى

     تاۋۇكا موئىچى رىيونان كوماندىسىنىڭ تېرنىرى
     ئوزۇمى جون رىيونان كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ، تاكىنورىنىڭ دوستى ھەم رىقابەتلەشكۈچىسى
     سىندو ئاكىرا رىيونان كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ، كۆپ ئىقتىدارلىق ماھىر ، ھەرقايسى ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ 
     فۇكۇدا كىچچوئى 

     چوڭ ئالدى ھۇجىمچى ،گارغا توپ ئېتىشقا ماھىر ، ناھايىتى ياخشى بولغان ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار 
     كوشىنو خىروئاكى كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى
     ئوكوسا تېرىيوكى نومۇر ئالغۇچى ئارقى مۇداپىئىچى ، سۈرىتى تېز مۇداپىئەلىنىش ماھارىتى يۇقىرى
     ئىكىگامى رويىجى رىيونان كوماندىسىدىكى مۇداپىئەلىنىش ماھارىتى ئەڭ ياخشى كوماندا ئەزاسى 
     ئائىدا خىكوئىچى ئائىدا يايوئىنىڭ ئۇكىسى ، رىيونان كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرلەيدۇ ھەمدە باشقا كوماندىلارنى كۆزىتىدۇ
     شويو

    ۋاسكىتبول 

    كوماندىسى

     فۇجىما كېنجى كوماندا باشلىقى ھەم نازارەتچى ، ناھىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئارقا مۇداپىئىچىلەرنىڭ بىرى 
     تورۇ خاناگاتا مۇئاۋىن كوماندا باشلىقى ، فۇجىما مەيدانغا چىقمىغاندا پۈتۈن كوماندىنىڭ ئىشەنچىسى
     خاسىگاۋا كازۇشى مىستۇئى خىساشىنى رىقابەتچىم دەپ قارايدۇ
     ناگانو مىستۇرۇ كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى
     تاكانو شوئىچى چوڭ ئالدى ھۇجۇمچى
     ئىتوئۇ تاكۇ توپ كونتىرول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى
     ساكۇراگى

    قوشونى

     مىتو يوئۇخى ساكۇراگىنىڭ دوستى
     چۇئىچىروئۇ نوما ساكۇراگىنىڭ دوستى
     تاكامىيا نوزومى ساكۇراگىنىڭ دوستى
     ئوكۇسۇنوئى يۇجى ساكۇراگىنىڭ دوستى

    ۋاسكىتبول ماھىرى

     قىسىم سانى ئىسمى قىسىم سانى ئىسمى
     1-قىسىم تالانتلىق ۋاسكىتبول ماھىرى دۇنياغا كەلدى 52-قىسىم ئاسماندىن چۈشكەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغۇچى
     2-قىسىم ۋاسكىتبول،بىتچىت قىلىش   ساكوراگى ۋە روكاۋا 53-قىسىم تاكىنارونىڭ ئاۋارچىلىققا ئۇچرىشى
     3-قىسىم ئورانگوتان بىلەن ساكوراگى    ئاخىرقى دوئىل 54-قىسىم ئىككىنچى ئورانگوتان
     4-قىسىم ۋاسكىتبول ماھىرى ساكوراگىنىڭ كوماندىغا كىرىشى 55-قىسىم بارغانسېرى كۈچىيىش
     5-قىسىم كۆڭىلسىز چۈشتىن كېيىن 56-قىسىم ھەممىسىنىڭ ئۆز كارامىتىنى نامايەن قىلىشى
     6-قىسىم روكاۋا بىلەن تاكىنارو    ماھىرلار دوئىلى 57-قىسىم غەلبىنى دوغا تىكىش
     7-قىسىم ساكوراگىنىڭ مەيدانغا چىقىپ بېسىپ سېلىشنىڭ   ئەمەلگە ئېشىشى  58-قىسىم بەدەن قۇۋىتىنىڭ خەۋپى
     8-قىسىم ساكوراگىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ياپونچە چېلىشىش قىلتىقى 59-قىسىم  ئەڭ ئاخىرقى يېڭىش-يېڭىلىش
     9-قىسىم مەن ۋاسكىتبول ئوينايمەن 60-قىسىم چېچىنى چۈشۈرۋېتىپ گۇناھىدىن كەچۈرۈم سوراش
     10-قىسىم ئاۋام خەلىقنىڭ گارغا توپ ئېتىشى 61-قىسىم چېچىنى چۈشۈرۈپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش
     11-قىسىم پەقەت ئىككىلا ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئالاھىدە مەخپىي  مەشىق 62-قىسىم ئۈچ كۈنلۈك ئالاھىدە مەشىق
     12-قىسىم رىئوناننى مەغلۇپ قىلىدىغان ھەلقىلغۇچ جەڭدىن بۇرۇنقى ئالاھىدە مەشىق 63-قىسىم كەسكىن جەڭ كاينان بىلەن رىئونان
     13-قىسىم شوخوكو بىلەن رىئونان كوماندا باشلىقىنىڭ تولۇپ  تاشقان ئىرادىسى 64-قىسىم ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق كۆرسەتكەن كاينان
     14-قىسىم رىئونان كوماندىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاللىقاچان  ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىن ھالقىغان ئىدى 65-قىسىم ئەڭ كۈچلۈك ئېلىشىش سىندوك بىلەن شىنچى
     15-قىسىم ساكوراگىنىڭ تۇنجى قېتىم جىددىيلىشىو مەيدانغا چىقىشى 66-قىسىم سىندوك بىردەملىك دوغا تىكىش
     16-قىسىم بۇزادى كىم ؟ تاۋۇكانىڭ خاتا مۆلچەرى 67-قىسىم ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شوخوكو بىلەن رىئونان
     17-قىسىم گاردىن قايتقان توپنى ئېلىش شاھى ساكۇراگنىڭ باش  قېتىنچىلىقى 68-قىسىم قۇتقۇزغۇچى ساكوراگى خانامىچى
     18-قىسىم ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىنۇتتا مەن سىندوكنى يىقىتىمەن 69-قىسىم ئورانگوتاننىڭ ئۆزگىرىشى
     19-قىسىم قوڭغۇراق چېلىندى رىئونان جېڭى ئاخىرلاشتى 70-قىسىم ئورانگوتان ئىككىنچى نومۇرلۇق گارغا باسقۇچى
     20-قىسىم ۋاسكىتبول ئايىغى 71-قىسىم ئورانگوتاننىڭ تىرىلگەندىكى ھەيۋىسى
     21-قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك چاتاقچى بالا خانامىچى بىلەن مىياگى 72-قىسىم ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت
     22-قىسىم تارىختىكى ئەڭ ياۋۇز ۋە كالۋا گۇرۇپ مەيدانغا كەلدى 73-قىسىم روكاۋا كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى ئېلىشىش
     23-قىسىم شوخوكو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى 74-قىسىم ئەڭ خەتەرلىك بەسلەشكۈچى
     24-قىسىم ھەقىقىي دوست شاكوراگى قوشونىنىڭ مەيدانغا چىقىشى 75-قىسىم مۇكەممەل ئىپادە
     25-قىسىم پۈتۈن مەملىكەتتە چولپان بولىدىغان يىگىت 76-قىسىم غەلبە قىلىش ئالدىدا
     26-قىسىم مىتسۇئى 15ياشتىكى تىتىلداش 77-قىسىم سىلەر ئەڭ قالتىس!
     27-قىسىم  ۋاسكىتبول ئوينىغۇم بار 78-قىسىم قايتا تىرىلىش كۆرەشچان ئەزىمەت ئوزۇمى
     28-قىسىم تولۇق ئوتتۇرا بىرلەشمە تەييارلىق مۇسابىقىسى باشلاندى 79-قىسىم كۆك رەڭلىك دولقۇن رىيوناننىڭ قايتۇرما زەربىسى
     29-قىسىم ساكوراگىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى 80-قىسىم شوخوكودىكى خەۋپلىك ئامىل
     30-قىسىم گۇناھىنى تونىغۇچىلارنىڭ زەربىسى 81-قىسىم سىندونىڭ ھۇجۇم باشلىشى شوخوكونىڭ ھالاك بولىشى
     31-قىسىم كۈچلۈك رەقىپ يۇراداينىڭ مەخپىي قورالى 82-قىسىم نائۇستا ساكۇراگىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى
     32-قىسىم ساكوراگىنىڭ بېسىپ كىرگۈزىشى 83-قىسىم مۇئاۋىن كوماندا باشلىقى تۆتكۆز ئاكىنىڭ جاسارىتى
     33-قىسىم مەيداندىن ھەيدىلىش ماھىرى ساكوراگى 84-قىسىم يېڭىش-يېڭىلىش
     34-قىسىم ئورانگوتاننىڭ مەخپىي رىتسىپى تىكىلىپ قاراش 85-قىسىم يېڭى رىقابەت مەملىكەت بويىچە چىمپىيون بولۇش
     35-قىسىم قىززىق قان يىگىتلەر ئارزۇسى 86-قىسىم روكاۋانىڭ يامان غەرىزى
     36-قىسىم داڭلىق مەكتەپ شويو بىلەن مۇسابىقىلىشىش 87-قىسىم ياپونىيە بويىچە بىرىنچى بولغان ئوقۇغۇچى
     37-قىسىم ساكوراگىنىڭ تۇنجى قېتىم دەسلەپتە مەيدانغا چىقىشى 88-قىسىم ۋاسكىتبول پادىشاھلىقى ئامېرىكا
     38-قىسىم روكاۋانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى 89-قىسىم ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان روكاۋا
     39-قىسىم ئوت چاقنىغان مىياگى 90-قىسىم شوىوكونىڭ ھەقىقىي بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىرى
     40-قىسىم گاردىن قايتقان توپ شاھى ساكوراگى خانامىچى 91-قىسىم مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىنىڭ خەۋىپى
     41-قىسىم شويو كوماندىسىنىڭ كوزورى فۇجىمانىڭ مەيدانغا  چىقىشى 92-قىسىم ئوغۇللارنىڭ دوستى ساكوراگى قوشونى
     42-قىسىم شويو كوماندىسىنىڭ كوزورى فۇجىمانىڭ ئەمەلىي كۈچى 93-قىسىم 20مىڭ توپ كىرگۈزۈشكە جەڭ ئېلان قىلىش
     43-قىسىم مىتسۇئى چارچاپ ھالدىن كەتتىمۇ 94-قىسىم شىزوكادىكى كەسكىن جەڭ شوخوكو بىلەن جوسى ئوتتۇرا مەكتىپى
     44-قىسىم مىتسۇئىنىڭ ھالقىلىق ئۈچ نومۇرلۇق توپى 95-قىسىم خانامىچىنىڭ ئەڭ خۇشاللىق بىر كۈنى
     45-قىسىم مەيداندىن چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ساكوراگى 96-قىسىم ۋاسكىتبول ئايىغى 2
     46-قىسىم ساكوراگىنىڭ گارغا بېسىپ توپ سېلىشى 97-قىسىم قىزغىن كەيپىيات ئوزومىنىڭ قايتا ھۇجۇم زەربىسى
     47-قىسىم رەقىبتىن كەلگەن جەڭنامە98-قىسىم كەسكىن جەڭنىڭ باشلىنىشى شوخوكو بىلەن شويو رىيونان
     48-قىسىم كاينان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان يىگىت 99-قىسىم شوخوكونىڭ خەتەردە قېلىشى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىنىڭ خەتىرى
     49-قىسىم تاكى كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆرەش ئىرادىسى 100-قىسىم مۆجىزە ياراتقان ماھىر ساكوراگى
     50-قىسىم كاينان كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش 101-قىسىم شەرەپلىك گارغا توپ بېسىش
     51-قىسىم ھەممە جەڭدە غالىپ كېلىش

     

    ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

    asd

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    مەنىداش سۆزلۈك:

    ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

    5 نومۇر (10 كىشى باھالىدى)
    • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
      100%
    • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
      0%
    • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
      0%
    • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
      0%
    • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
      0%

    يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

    تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

    چىكىنىش

    #title

    #video#