مەزى بېزى ياللۇغى

مەزى بېزى ياللۇغى

مەزى بېزى ياللۇغى نۆۋەتتە ئەڭ كۈپ ئۇچراۋاتقان، داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر قىيىن بولغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئائىلە، ۋە خىزمەت ئىشلىرىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كېسەللىك بۆلۈپ تېبابىتىمىزدە ئۇزۇندىن بىرى ئايرىم سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان قانلىق مەنىي كېلىش، سۈرئىتى ئىنزال، كۈپ ئېھتىلام بۆلۈش، جىنسى ئاجىزلىق، پەرزەنت كۈرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ھەر قايسى خىلىتلار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل كېسەللىكنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ئاقىۋىتىدىن ئىبارەت .

غەرب تېبابىتى نامى مەزى بېزى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇملىنىش، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر
كېسەللىك ئورنى مەزى بېزى
ئەرەپچە نامى ۋەرەمى غوددە مەزى
ئاساسلىق ئالامىتى توڭۇپ تىترەش، قىزىتما
خەنزۇچە نامى 前列腺炎
تەۋە بۆلۈم سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىرى تاشقى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى prostatitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەزى بېزى ياللۇغىھەر خىل مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ كىلىنىكىدا دۈۋسۈن ساھەسى ئاغرىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىش، جىنسى ئىقتىدار تۆۋەنلەش سۈرئىتى ئىنزال، ماغدۇرسىزلىق، روھى كەيپىيات تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان ئەڭ كۈپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق جىنسىي ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىش، سوغۇق ئۆتۈش ۋە غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك يولى قىچىشىش بىلەن باشلىنىپ، كونىرىغانسېرى مەزى بېزى چوڭىيىپ سۈيدۈك يولىنى توسۇپ، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، ھەتتا توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئادەمگىياھ، جۇۋىنە، سۇزاپ، پىننە، كۆكنار ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن، ھەببۇلغار بەش گىرام، پىلپىل، زىرە تۆت گىرامدىن، سوقمونىيا ئىككى گىرام، قۇندۇز قەھرى بىر گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

مەزى بېزى ياللۇغىتەركىبى: جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گىرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گىرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، زەپەر ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گىرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زۇرانبات توققۇز گىرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گىرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گىرامدىن، قۇرۇتۇلغان كالا چۇيىسى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گىرامدىن، ئۇدخام سەككىز گىرام، تىللا ۋاراق 30 دانە، كۈمۈش ۋاراق 50 دانە، ئەنبەر تۆت گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، ھەسەل 136 گىرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى سالايە قىلىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=370

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#