پاختەكلە يېزىسى
پاختەكلە يېزىسى قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، غەرب تەرىپى زەمىن يېزىسى، لەڭگەر يېزىسى، جەنۇب تەرىپى قىزىلسۇ دەرياسى ۋە ئوغۇساق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پاختەكلە يېزىسى قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى، غەرب تەرىپى زەمىن يېزىسى، لەڭگەر يېزىسى، جەنۇب تەرىپى قىزىلسۇ دەرياسى ۋە ئوغۇساق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى قىزىل دەريا تارمىقى ۋە سەمەن يېزىسى بىلەن قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئەڭ بەك ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ بەك كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 39.89 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 11.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىلىق قىزىل دەرياسى شۆبە باشقارمىسى جايلاشقان كىچىك چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدا غەربتىن شەرققە قاراپ يانتۇ، يەر شەكلى پەس ۋە تۈزلەڭ، يانتۇ چۈشۈشى 1/350 ~ 1/700. تۇپراقتىكى شاللىق تۇپراق كۆلىمى %27.01، زەي تۇپراق كۆلىمى %39.52، سۇغىرىلما تىنما تۇپراق كۆپەيتمە %6.91 بولغان، يېڭى تىنما تۇپراق كۆلىمى %2.17 ىنى ئىگىلەپ، قوڭۇر چۆل تۇپراق كۆلىمى %23.02، سازلىق توپىسى، چىملىق تۇپراقنىڭ كۆلىمى %1.37 نى ئىگىلەيدۇ. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يەر ئاستى سۈيى مول، بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شال تېرىقچىلىق رايونى.
پاختەكلە يېزىسى1998-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى پاختەكلە يېزىسىدىكى بىر كەنىت ئايرلىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان.
2005-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قەشقەر شەھىرى پاختەكلە يېزىسى ئايرىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ .
1998-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 22 مىليون 824 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.3 ئاشتى.
يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر 21024 مو، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىليون 922 مىڭ كىلوگرام، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1 ئاشقان، بىرلىك مەھسۇلاتى مىڭ 567 كىلوگىرام ؛ كېۋەز تېرىش 802 مىڭ موغا ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى ناھىيە بويىچە 49 مىڭ 600 كىلوگرام ، ئالدىنقى يىلدىكىدىكىنىڭ %49.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىرلىك مەھسۇلاتى 61.8 كىلوگرام؛ تۇياق-چارۋا قوتان قالدۇقىنىڭ ئومۇمىي سانى 19247 تۇياق بۇلۇپ %20 ئاشقان.
1998-يىلى خەلقنىڭ تۇرمۇشى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1307.7 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 1077 كىلوگرامغا يەتكەن.
1998-يىلىدىكى پوچتا-تېلېگراف قاتنىشىدا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن 32، چوڭ-كىچىك تراكتورلار 182 دانە، چوڭ-كىچىك پرىتسېپ 130، پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى 26 گە يەتكەن. يېزا پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، كەنت ئاددىي تاشيوللار بار بۇلۇپ، قاتنىشى ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان.
1998-يىلى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 6 باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 154 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار 2651 ئادەم. يېزىلىق دوختۇرخانا، كەنت ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بار بولۇپ، جەمئىي تېببىي خادىمى 23 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇردىن سەككىزى، سېسترادىن سەككىزى بار. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ رادىئو ئۇزېلىدا رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، كەنت تېلېۋىزور ئۆيى، كۇتۇپـخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى)، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.